ataman26 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-18 07:07 PM
قەلبىمنىڭ بىر گۈلى سەن بىلەن قالدى،تەلمۈرۈپ يۇلۇڭغا ك ...
مەڭگۈلۈك قول بېرىپ بۇلۇپ بىز ھەمدەم،
بەختىنىڭ قەدىمىنى بىللە باسايلى.
زىمىستان پەسلىگە بېرىپ خاتىمە،
چىن سۆيگۈ بېغىغا گۈللەر چاچايلى.
كۈتىمەن تىۋىشسىز، كەتسەڭمۇ يىراق،
بۇ باغرىم ھىجراندا تىلنىپ كەتسىمۇ.
شۇندىمۇ چىدىدىم، چىدايمەن يەنە،
ھەسرەتتە بۇ زارىم كۆككە يەتسىمۇ.
نەقىلاي، ئاشىقلىق قىينىدى مېنى،
ئەلەملىك تولغاندىم، يېشىمدا ئاقتىم.
ئارمان قىپ مەنزىلگە بىللە يىتىشنى،
بىر بىر ئىزگۈ تىلەكتە يۇلۇڭغا باقتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tograkmalikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-20 12:50 PM