مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: abdulmajit

يوقۇتۇش ۋە يوقىلىش. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86955
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 651
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 01:18:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يوقىتىش ۋە يوقىلىش ‹داۋامى ›

                                                 يوقىتىش ۋە يوقىلىش <داۋامى>                                                كوپ تىللىق بولۇش شەرەپ .ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت :           <چىڭغىز ئايتماتوف>.
بىز تېخى ئانا تىلىمىزدىن ھەرپ تونۇتالمايۋاتساق .
                                         مەن بازارغا بارمىسام كوڭلۇم بازارنى تارتىدۇ.
                                        ئىشىگىم ئورۇق دىسەم يوغان تاغارنى ئاتىدۇ .
دىگەندەك چوڭلارنىڭمۇ تىلى كەلمەيدىغان تىلنى يۇكلەۋاتسا  .مانا ئەمدىكى يېڭى بىر سىياسەتتە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىغىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ خەلقئارالىق ترانسكىرپىسيەنى بىزنىڭ بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر يېزىغى قىلارمىش .يەنە بىزگە كەپتۇ  .يېزىقنىڭ يوقۇلىشى ئانا تىل يوقۇلىشنىڭ باشلىنىشى.21-ئەسىردىكى يېزىق ئىسلاھاتىنىڭ يەنە بىزگە كېلىشى يەنە بىر دەۋر ساۋاتسىزلارنىڭ مەيدانغا كىلىشنىڭ باشلىنىشى.
سىز چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ <ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۇن > دىگەن رومانىنى ئوقىغانسىز ؟ روماندا مۇنداق بىر ۋەقە بار .بىر يۇرتتا بىر تۇركۇم قۇللار بولۇپ خوجايىنى ئۇلارنىڭ بېشىنى پاكىزە چۇشۇرۇپ بېشىغا يول كالا تېرىسىنى ناھايتى چىڭ ئورايدىكەن ئۇلار نە خەت بىلمەيدىكەن نە قۇللۇقتىن قۇتۇلۇش ئېڭى يوقكەن .ئۇلار بارغانچە بېشى ئاغرىپ خوجايىنىنىڭ سىزغان سىزىغىدىن قەتئى چىخمايدىكەن .قولىغا پالتا تۇتقۇزۇپ :داداڭنى چاناپ ئولتۇرىۋەت ؛دىسە ھىچ ئىككىلەنمەي ئولتۇرىۋېرىدىكەن .خوجايىنلىرى ئۇلارنى ماڭقۇرتلار دەيدىكەن
ھەممىڭلارغا مەلۇم تىل تەرەققىياتلارغا ئەگىشىپ تەرەققە قىلىدۇ  .تىل تەرەققىياتتىن كىيىن قالسا تەدىرىجى ئاسسىمىلاتسىيەلىشىپ ئەسلى ساپلىغىنى يوقىتىدۇ .كەلگۇسىدە نە يېزىغى يوق نە مەدەنىيىتى يوق ئوزىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلىغىدىن بۇلەك ھىچ نىمىدىن خەۋرى يوق ماڭقۇرتلار مەيدانغا كېپ قالارمۇ دەپ ئويلاندىم.
تارىخنى ئۇنتۇش ئۇزىنىڭ يوقالغانلىغىدىن دېرەك.تىللىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ساپلىغى يۇقالمىسۇن  مىللى خاسلىققا ئىگە مەدەنىيەت ئىزنالىرىمىز يۇقالمىسۇن .ئىمانىمىز يۇقالمىسۇن .خۇدا يوقۇتۇشنى ئىرادە قىلسا  مانجۇدەك بولىمىز .خۇدا ياشىتىشنى ئىرادە قىلسا يەھۇدىدەك .......
ئەيدىزدىن ئوزىمىزنى ساخلايلى نەسلىمىز يۇقالمايدۇ
ئەي رەھمانىررەھىم ئاللاھىم ! سەن قىشتا يۇپۇرمىقىدىن ئايرىلىپ يالاڭاچلانغان تاللارنىڭ زارلىنىپ ساڭا كۇتەرگەن قوللىرىنى قۇرۇق ياندۇرۇشتىن ئۇيىلىپ تىلىگەن تىلەكلىرىنى ئىجابەت قىلىپ ئۇلارغا باھاردا گۇل بېرىسەن .كۇزدە بولسا مىۋىلىرى بىلەن بىزنى رىزىقلاندۇرىسەن
تاللارنى ھورمەتكە ئېرشتۇرىسەن .بىزنى ساڭا ئىبادەت قىلىش ئۇچۇن يارىتىپسەن ئىبادەتلىرىمىزنى مەقبۇل ئەيلەپ پەرزەنتلىرىمىزنى خار قىلمىغىن.
شۇنىڭ بىلەن بۇ ئالاجوقا تىمام ئاخىرلاشتى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش