ay25 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 05:19 PM
بەزىلەر كىشىنىڭ ھەققىنى يېۋىلىشتىن پەقەت قورقمايدىك ...
خەقنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلار مۇسۇلمان دىگەن گەپنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەمدىكەن ؟ خەقنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلار قيامەتتە شۇ ھەق ئىگىسى رازى بولمىسا اللەنىڭ شۇ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلىق گۇناھىنى كەچۈرۇم قىلمايدىغانلىقىنى بىلمەمدىكەن ؟ شۇنداقلا قىيامەت كۇنى ھايۋانلارغىمۇ ھۈكۈم ئىلان قىلىنىپ مۇڭگۈزلۈك قۇچقار مۇڭگۈزسىز قۇچقارنى ئۈسسىۋەتكەن بولسا ، چوڭ بىلىق كىچىك بىلىقنى سۇقۋەتكەن بولسا شۇنىڭدىنمۇ قىساس ئىلىپ بىرىدىغانلىقىنى بىلمەمدىكەن ؟ بىلمىگەن بولسا مۇششۇ گەپلەرنى يەتكۇزۇپ قۇيۇڭ .
كىيىنكى گىپىڭىزگە كەلسەك بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە اللە قىيامەت كۇنى ھۈكۈم چىقىرىدۇ .
ئۇلارنىڭ قىلمىش ئەتمىشلىرى سول مۈرىسىدىكى پەرىشتە تەرپىدىن يىزىقلىق .ھەدىستە پەيغەمبىرمىز دۇزاق ئۇتىنىڭ بۇ دۇنيانىڭ ئۇتىدىن 69 ھەسسە ئارتۇقلىقىنى بايان قىلغان . اللەمۇ بەندىلەرنى جازالاشقا ئالدىرمايدۇ . لىكىن بىر كۇنى ئەجەل تۇشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ھارام ئىش قىلغانغا تۇيىدۇ .