ay25 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 05:19 PM
بەزىلەر كىشىنىڭ ھەققىنى يېۋىلىشتىن پەقەت قورقمايدىك ...
ئىككىنچى سوئالىڭىزغا كەلسەك،
ئاللاھنىڭ ئارغامچىسى ئۇزۇن، ئاللاھ جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ، بۇ دۇنيادا قىلغان يامان ئەمەللىرىگە بەلكىم بۇ دۇنيادا جازا بېرىلمەسلىكى مۇمكىن، بىراق بىر ئىش باركى، ئاللاھ جازاسىنى ھەرگىز ئۇ دۇنياغا قويۇپ قويمايدۇ، يەنى ئاتا- ئانىسىنى قاقشاتقۇچىلار. (بۇ بىر ھەدىس، ئۆز تىلىمغا ئايلاندۇرۇپلا يازدىم).
بۇ دۇنيا بىز ئىنسانلار ئۈچۈن بىر سىناق، شۇنداق ھارام پۇل تېپىپ كۆتۈرۈلۈپ، ئاخىرەتنى، ئاللاھنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقانلارغا ئىچ ئاغرىتساق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئاللا ياخشى كۆرمەيدىغان بەندىلەردۇر. ھارام پۇل تېپىپ، مۇشۇ دۇنيادىلا ئاللاھنىڭ جازاسىغا ئۇچراش سەۋەبلىك ھوشىنى تېپىۋالغانلارغا نىسبەتەن بۇ جازا ئاللاھنىڭ رەھمىتىدۇر. ئەگەر مۇشۇ جازا بىلەنمۇ ئەس- ھوشىنى بىلەلمىگەنلەر ئىنتايىن بىچارە كىشىلەردۇر، ئۇلارغا ھەم لەنەتلەر بولسۇن.