دىنغا مۇناسىۋەتلىك ئۆرۈپ ئادەتلەردە ئۆگىنىشكە تېگىشلىك ئىجابى تەرەپلەرمۇ،تۈزىتىشكە تېگىشلىك سەلبى تەرەپلەرمۇ بولىدۇ.بۇ تېمىدىكى ئىجابى تەرەپ شۇكى، يېزىلاردا جامائەتچىلىك ئېڭى ھېلىھەم كۈچلۈك.بىراۋنىڭ بېشىغا كۈن چۈشۈپ ئېغىر كۈندە قالغاندا ‹‹سەن بىلەن مېنىڭ نىمە ئىشىم›› دەپ كارى بولماي قالماستىن بەلكى دىنىي قېرىنداشلىق،يۇرتداشلىق نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يېڭىدۇ.ئۆلۈمنى بىرلىكتە ئۇزۇتۇپ ھازىدارلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزىدۇ.بىرنەچچە كۈنگىچە ئۆلۈم بولغان ئۆيدە قازان ئېسىلمىسىمۇ ئۆزىنىڭ ۋە پەتىلەپ كەلگەنلەرنىڭ تامىقى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.بىر ئۆيدە ئۆلۈم ئۇزۇتۇۋاتسا توي نەغمىسى چالىدىغان،خوشنىسى ئۆلۈم ئۇزۇتۇۋاتسا غمىدە يوق خىزمىتىگە ياكى سودىسىغا كېتىۋېرىدىغان ئادىمىلىكتىن چىققان ناچار ئىشلارنى زادى قىلمايدۇ.نەچچە يۈز،نەچچە مىڭ ئادەم قەھرىتان سوغاق،پىژغىرىم ئىسىقلارغا،جىددى ئىشلىرىغا قارىماي ئۆلۈم بولغان ئۆيگە بېرىپ بىرلىكتە ئۆلۈم ئۇزىتىدۇ.ئىسسىقلىق قويۇش مەسىلىسدە بەزىلەر ئۇنى ‹‹سەلبى تەرەپ كىشىنىڭ ھەققىنى قوبۇل قىلىپ ئۆلگۈچىنىڭ بوينىغا قەرز ئارتىپ قويغانلىق ››دەپ قارايدىكەن.مېنىڭچە بىر ئادەم جان ئۈزگەن ئىكەن ئۇنىڭ بۇ دۇنيالىقتىكى گۇناھ ياكى ساۋاپلىرىنى خاتىرلەيدىغان دەپتىرى تىنىقى بىلەن تەڭلا يېپىلىدۇ.كېيىنكى ئىشلارنىڭ توغرا خاتاسى،ساۋاپ ياكى گۇناھسى ئۇنى سادىر قىلغان تىرىكلەرگە تەئەللۇق بولىدۇ.تۇز ئىنكاسىدا تىلغا ئالغان ،بىدئەت دەپ قارالغان بەزى ئىشلار توغرىسىدا ئايرىم ئىنكاس يازىمەن.
ئىنكاس ئورنىدا:
ئۆلگۈچىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ مەغپىرەتلىكنى تىلەپ چارۋا سەدىقە قىلىش ئىشى قارىماققا توغرىدەك قىلغان بىلەن ئۇنىڭدا قۇرۇق رەسمىيىتچىلىك ،شەكىلۋازلىق ئارقىلىق ئاللاھنى ئالدىماقچى بولۇش خاھىشى ساقلانغان.چۈنكى سەدىقە قىلغۇچى ئۇنى چىن دىللىدىن سەدىقە قىلمايدۇ.ئۇنىڭ بىر رەسمىيەت ئىكەنلىكنى، نەچچە ئون قېتىملىق ‹‹ئالدىم-بەردىم››دېيىشىشلەردىن كېيىن ئاخۇنۇم يەنە چارۋىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى،بۇنىڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدن باشقا نەرسە ئەمەسلىكنى بىلىدۇ.بۇ خىل ئادەت ئاز بىر قىسىم ئۆلۈم مەرىكىلىرىدە قېلىپ كۆپىنچىسىدە ھازىر قىلىنمايدىغان بولدى.مەن ئومۇمى جەھەتنى بايان قىلغاچقا بۇرۇن ئۇچرىغان ئۇ ئىشنىمۇ بايان قىلىپ قويدۇم.
ناماز ھەققىگە تارغاق سۈزگۈچ،سەرەڭگە دېگەندەك نەرسىلەرنى تارقىتىش جامائەتنىڭ ئۇنى قوبۇل قىلىش ئىشىغا كەلسەك ئۆلۈم ئۇزاتقۇچىلار مىيىت نامىزىغا كەلگەنلەرنىڭ ناماز ھەققىنى بېرىۋەتسەك ئۇلارنىڭ بىزدە ھەققى قالمايدۇ دەپ ئاددى ئويلايدۇ.ئەمەلىيەتتە بىرەر كويلوق تاغاق سۈزگۈچ،بەش مولۇق بىر بولاق سەرەڭگە ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ناماز ھەققىنى ئادا قىلغىلى بولمايدۇ.نۇرغۇن كىشىلەر مىيىت نامىزىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 20-30 كىلومېتىر يىراقلاردىنمۇ كېلىپ قاتنىشىدۇ.ئۇلارنىڭ مەقسىدى ناماز ھەققىگە ئېرىشىش ئەمەس بەلكى مىيىت نامىزىغا قاتنىشىپ ساۋاپقا ئېرىشىش شۇنداقلا ئۆلۈملۈك بولغانلارغا قېرىنداشلىق،يۇرتداشلىق مېھرىنى يەتكۈزۈش.
بىر ھەدىستە مىيىت نامىزىغا قاتناشقانلارغا بىر قىرات ئەجىر بېرىلىدۇ،ئەگەر ئۇ مىيىتنى قەبرىستانغا ئېلىپ بېرىپ دەپنە قىلىشقىمۇ قاتناشقان بولسا ئىككى قىرات ساۋاپ بېرىلىدۇ››دېگەن مەزمۇن بار ئىكەن.بۇ يەردىكى قىرات بىر تاغنىڭ ئىسمى بولۇپ بۇنىڭدا قىراتنى ئۆلچەم بىرلىكى قىلىشتىن مەقسەد ئۇنىڭ ساۋابىنىڭ زورلىقنى ئىپادىلەشتۇر.شۇنداق زور ساۋاپقا ئېرىشىدىغان تۇرۇپ نىمە دەپ بىرەر كويلۇق نەرسىگە ئۆزىمىزنى بۇزۇپ ناماز ھەققىنى قوبۇل قىلىپ ئات بىلەن پاشىنى تېگىشكەندەك ئەخمەقلىق قىلىمىز.مېنىڭچە بولغاندا ئۇنداق ھەقنى ھېچكىم ئالمىسۇن.‹‹مەن بۇ نامازغا خالىس نىيىتىم بىلەن قاتناشتىم،ھەق كېرەك ئەمەس›› دېسۇن.شۇنداق قىلسا ناماز ھەققى تارقىتىدىغان ناچار قىلمىشمۇ تۈگەيدۇ.
ئادەم ساۋاپلىق ئىزدىسە ئۇنى ھاياتلىق چېغىدا قىلىۋالسا ئاندىن ئۇنىڭ ساۋابى چوڭ بولىدىكەن.ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ھەققىدە بېرىلگەن نەزىرنىڭ ساۋابىدىن ئۇت ىرىك ۋاقتىدا بەرگەن نەزىرنىڭ ساۋابى چوڭ بولىدىكەن.شۇنداق ئىكەن ھازىر زور كۆپچىلىك قىلىۋاتقان ‹‹ھايات چېغىدا نەزىر بېرىپ ساۋاپقا ئېرىشىش، ئەلدىن يۈزتىرانە رازىلىق ئېلىش››نى ئادەتكە ئايلاندۇرغان تولىمۇ ئاقىلانە چارىدۇر.
قەبرىستاندا :<<دادام قانداق كىشى ئېدى؟>>دەپ سورىلىدىغان سۇئالغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق ھەدىس بار ئىكەن.ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئانھۇ مۇنداق دەيدۇ:
-جامائەتلەر جىنازا يېنىدىن ئۆتۈپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ياخشى سۆزلەرنى قىلدى.ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:<<ۋاجىپ بولدى>> دېدى.ئاندىن كېين يەنە جامائەتلەر يەنە بىر جىنازىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئۇنىڭ ھەققىدە يامان گەپلەرنى قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە:<<ۋاجىپ بولدى>> دېدى.ئاندىن ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ:
-نىمە ۋاجىپ بولدى ئى رەسۇلىللاھ؟ ،دەپ سورىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :
-سىلەر ئۇ ئادەمگە قىلغان ياخشى گۇۋاھىڭلار سەۋەپلىك ئۇ مىيىتكە جەننەت ۋاجىپ بولدى.يەنە بىر مىيىتكە قىلغان يەنە بىر مىيەتكە قىلغان يامان گۇۋاھىڭلار سەۋەپلىك ئۇ كىشىگە دۇزاخ ۋاجىپ بولدى. سىلەر ئاللاھنىڭ زىمىندىكى گۇۋاھچىلىرى،دېدى.
بۇنداق ئىكەن جامائەتنىڭ گۇۋاھلىقى بەكمۇ مۇھىم ئىكەن.يامان ئىشلارنى قىلىپ يامان ئۆلۈمدە ئۆلگەن كىشى ئۈچۈن تۇققانلىرىنىڭ يۈز خاتىرسىنى قىلىپ يالغاندىن:<<ياخشى ئادەم ئېدى>>دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنلەرنىڭ جايى قەيەر بولار؟ بۇمۇ ئەلۋەتتە ئويلۇنۇپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.
بۇرۇنقى شۇ توغرىلىق بىر يۇمۇرلۇق ھىكايە ئېسىمگە كېلىپ قالدى.بۇرۇن بىرنەچچە بايۋاپاسىز ئوغۇلللىرى بار بىر بوۋاي ئۆلۈپ كەتكەندە ئوغۇللىرى ئاخۇنۇمدىن سوراپتۇ:
-ئاخۇنۇم،دادىمىز قانداقراق كىشى ئېدى؟
ئاخۇنۇم دەرھال جاۋاپ بېرىپتۇ:
-دادىڭىز بالىجان ئادەم ئېدى.ئۇ بىر ئوغلىغا يۇرتنىڭ شەرقىگە،يەنە بىر ئوغلىغا يۇرتنىڭ غەربىگە تۈگمەن قۇرۇپ بېرىپ،ئۆزى يۇمشاققىنا ئۇن كۆرمەي قوناقنى ياغۇنچاقتا چۆرۈپ،ئۇماچ، يارما ئېتىپ يەيدىغان مۆئىمىن مۇسۇلمان ئېدى.
ئەمدى نەزىر ئورنىغا سەدىقە بېرىش ھەققىدىكى پەتىۋا دىققىتىڭلاردا بولسۇن .مەنبەسى تەقۋالار مۇنبىرى
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئۇستاز، بىر ھەدىمىز مەندىن نەزىر قىلىش بىدئەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلۈپ كەتكەن ئاتىسىغا ئاتاپ ئاشۇ نەزىر قىلماقچى بولغان پۇلنى سەدىقە قىلسا دادىسىغا مەنپەئەتى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى سورىغان ئىدى. مۇشۇ ھەقتە بىر كۆرسەتمە بەرگەن بولسىڭىز، ياكى مۇشۇ ھەقتە قىلسا بولىدىغان ئۇنىڭدىنمۇ ئەۋزەلرەك باشقا بىرەر ئىش بارمۇ؟ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن.
:
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
جانابى ئاللاھقا ھەمدۇ-سانالار، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.
بىر ئىنسان ۋاپات بولغان چاغدا قەرزلىرى بولسا ئادا قىلىپ، ۋەسىيەتلىرى بولسا مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرى مىقدارىدا ئورۇنداپ، قالغان مىراسنى مىراسخورلار شەرئى تەقسىم قىلىشىدۇ، مىراسنى تەقسىم قىلىشتىن بۇرۇن مىراستىن سەدىقە قىلىشقا بولمايدۇ. پەقەتلا ھەممە مىراسخورلار رازى بولغاندىلا ئاندىن سەدىقە قىلىشقا بولىدۇ.
ئەمدى مىراس تەقسىم قىلىنىپ بولدى دەيلى، ھەر بىر مىراسخور مېيىت ئۈچۈن ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ سەدىقە قىلسا بۇ سەدىقىنىڭ ساۋابى مېيىتكە يېتىدۇ.
سەدىقە ئىككى قىسىمغا بۆلىنىدۇ:
1-داۋاملىشىدىغان سەدىقە. 2-داۋاملاشمايدىغان سەدىقە.
1-داۋاملىشىدىغان سەدىقە دېگىنىمىز: ئۇزۇن مۇددەت پايدىسى يېتىپ تۇرىدىغان سەدىقە بولۇپ، مەسىلەن: مەسجىد ياساش، قۇدۇق قېزىپ قويۇش، كىتاب باستۇرۇش، دېگەندەك ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالمايدىغان سەدىقىدۇر.
2-داۋاملاشمايدىغان سەدىقە دېگىنىمىز: بىر قېتىملا ياكى قىسقا مۇددەت پايدىسى يېتىدىغان سەدىقە بولۇپ، مەسىلەن: كەمبەغەلگە بېرىش، تاماق يېگۈزۈش دېگەندەك ئايىغى ئۈزۈلۈپ قالىدىغان سەدىقىدۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن ئاتىسى ئۈچۈن قىلىدىغان ئەڭ ئەۋزەل سەدىقە:
قۇرئان، دىنىي كىتابلارنى سېتىۋېلىپ دوست-بۇرادەر ۋە باشقا تونۇشلىرىغا تارقىتىپ بېرىش.
پايدىلىق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا سەرپ قىلىش.
موھتاجلارغا قۇدۇق قېزىش ياكى بۇروۋاي قۇرۇپ ياكى تۇرۇبا ئۇلاپ پاكىز سۇ ئەكىلىپ تەمىنلەش.
ئوقۇش پۇلى تاپالمىغان يىتىم-يېسىر ئوقۇغۇچىلارغا كاپالەت قىلىش.
مەسجىد بىنا قىلىش ۋە رېمونت قىلىش. ۋە يۇقىرىقىلارغا ئوخشىغان ئىشلار.
يەنە مېيىت ئۈچۈن دۇئا قىلىش، ئىستىغپار ئېيتىش مېيىت ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق ئەمەللەردىندۇر.
ئەگەر مېيىتنىڭ بوينىدا پەرز ھەج ياكى ئادا قىلالمىغان كاپپارەت بولسا ئورنىدا ئادا قىلىش لازىم. تۇتالماي قالغان روزىسى بولسا ئورنىدا تۇتۇپ قويسا بولىدۇ.
ھەر بىرىمىز ھايات ۋاقتىمىزدا بوينىمىزدىكى پەرز، ۋاجىباتلارنى تولۇق ئورۇنداشقا تىرىشايلى، ئۆلگەندىن كېيىن پايدىسى يېتىپ تۇرىدىغان سالىھ ئەمەللەرنى قىلىۋالايلى. بەلكى پەرزەنتلىرىمىز بىز ئۈچۈن سەدىقە جارىيە قىلالماسلىقى مۇمكىن.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ .
2-
بىر كىشى سەكراتقا چۈشكەندە يېنىدا تۇرۇپ لا ئىلاھە ئىللەللاھ دەپ تەكرارلاپ تۇرۇشى ھەدىستە كۆرسىتىلگەن.
جېنى چىقىپ كەتسە، كۆزىنى يۇمۇپ قويۇپ، ئۇنىڭغا مەغپىرەت، رەھمەت قاتارلىقلارنى تىلەپ دۇئا قىلىش، ئاندىن يۇيۇپ-تاراپ كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ تىزرەك يەرلىكىدە قويۇۋېتىش لازىم.
نامىزىنى چۈشۈرۈشتىن بۇرۇن مېيىتنىڭ قەرزى بولسا ئادا قىلىۋېتىش زۆرۈر.
مېيىتنى يەرلىكىدە قويۇپ بولغاندىن كېيىن مېيىتقا مەغپىرەت تىلەش، سوئال سورالغاندا تەۋرەنمەي تۇرۇشىنى تىلەش لازىم.
ئاندىن ۋەسىيەت قىلغان بولسا ۋەسىيەتلىرىنى ئورۇنداش، ئۇندىن كېيىن مىراسىنى شەرئى تەقسىم قىلىش زۆرۈر.
ئەمما ئىخلاس توپىسىغا كەلسەك. مېيىتقا سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇپ دېمىدە قىلىپ مېيىتقا ئىشلىتىش توغرىسىدا ھازىرغا قەدەر بىرەر كىتابتا مەلۇمات ئۇچراتمىدىم. رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ياكى ساھابىلىرىنىڭ ئۇنداق قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. بۇ بىدئەت بولسا كېرەك.
شۇڭا مېيىتقا رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدە كەلگەن ئىشلارنى قىلىپ دۇنيادىن ئۇزۇتۇش لازىم.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.
3-سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار! ئۆلگەن ئادەمنى قەبرىگە شاھادەتنامە يازغان نەرسە بىلەن بىللە قويۇش توغرىمۇ؟ مەن يەكەن ناھىيىسىدىن بولىمەن.
جاۋاب :
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ :
بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم
بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا، دۇرۇد-سالاملار رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتىگە ۋە ساھابە كىراملىرىگە بولسۇن.
بۇ ئىشنىڭ ئاساسى بارلىقىنى بىلمەيمەن، يا قۇرئان يا گۇۋاھنامە ياكى مەكتۇپ ياكى باشقا ھەرقانداق نەرسە بولسۇن، مېيىتنى كېپەندىن باشقا نەرسە بىلەن بىللە كۆمۈشكە بولمايدۇ. بىللە كۆمگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا پايدىسى بولمايدۇ، مېيىتكە پەقەت قىلىپ قويغان سالىھ ئەمەللىرىنىڭلا پايدىسى بولىدۇ.
ۋەللاھۇ ئەئلەم.
پەتىۋادا: دوكتۇر ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-23 11:01 AM