بىدئەت دېگەن نېمە؟
- [بىدئەتلەر] بىدئەت ئىبادەت دېگەن نېمە؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب:
ئىمام شافىي مۇنداق دەيدۇ: بىدئەت دېگەنلىك قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئاساسى بولمىغان، ھېچبىر ساھابىنىڭ قىلغانلىقى ياكى دېگەنلىكى مەلۇم بولمىغان ئىشلاردۇر.
ئىمام ئبنى قەييۇم ئەل جەۋزى مۇنداق دەيدۇ: بىدئەت دېگەنلىك پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ساھابىلەر زامانىدا يۈز بەرمىگەن، ئىبادەت دەپ قارالمىغان، ھالبۇكى كېيىن ئىبادەت دەپ قارىلىپ دىندا پەيدا بولۇپ قالغان ئىشلاردۇر.
ئىمام شاتىبىي مۇنداق دەيدۇ: بىدئەت دېگەن قارىماققا شەرىئەتتە بەلگىلەنگەندەك كۆرىلىدىغان، ئەمەلىيەتتە شەرىئەتتە ھېچبىر ئاساسى يوق بولغان ئىشلاردۇر.
ئىبن رەجەب مۇنداق دەيدۇ: شەرىئەتتە ئىبادەت دەپ بەلگىلەنمىگەن، ئەمما براۋ تەرىپىدىن ئىبادەت دەپ قارىلىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ھەرقانداق ئىش بىدئەتتۇر.
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ:«دىندا يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر.»
قارايىدىغان بولساق، ئۆلىمالارنىڭ بىدئەت توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزلىرى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ بىدئەت ھەققىدىكى ھەدىسى بىردەكلىككە ئىگە.
يىغىپ ئېيتقاندا، بىدئەت دېگەنلىك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ساھابىلەرنىڭ زامانىدا ئوتتۇرىغا چىقمىغان، ئىبادەت دەپ قارالمىغان، ئەمما كېيىنكىلەر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، شەرىئەتكە تېڭىلغان ئىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
http://kevser.blogbus.com/logs/225223990.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-21 11:39 PM