BAHADER1 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 06:02 PM
چىقىمدىن قورقۇپ زە بويتاق ياشاۋىتىپ تۇقتە بۇ گەپچە {: ...
ئۈستىدە بارلىق خىراجەتلىرىم دەپ ئېنىق يازغانىدىم، بىلىشىمچە 0.5قىزدوست نەشىرىگە قا قارىغاندا 1.0 خوتۇن نەشىرىگە غا ئاز پۇل كېتىدۇ. بۇ بىر مەسىلە. يەنە بىر سەۋەب بولسا خوتۇننى ئۆيدىكىلەر ئەپ بېرىدۇ. ئاللا خالىسا مەنمۇ ئوغلۇمنى ئۆيلەپ قويىمەن.
ئەمدى شۇ بەك بەتخەجكەن دېگىنىم مېنىڭ بىر ئاغىنەم يېقىندا توي قىلغانىدى... ۋاي ئۇ بىچارىگە بەك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، خوتونىنى قولتۇغلاپ، ئاخسا مېڭىپ پەقەت چاندۇرمىغان بىلەن ئىچىدە روزا تۇتۇپ يۈرىيدۇ. ئىككىمىز ئەزەلدىن نېمە ئالساق ئوخشاش ئالاتتۇق، بۇ قېتىم بىر ئاياغنى ئالايلى دېسەم باھاسىنى قىممەت كۆرۈپ ئالغىلى ئۇنىمىدى. (ئۇ ئىلگىرى ئەزەلدىن مال باھاسىغا قاراپ ئالىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى) مەن ئېلىۋەردىم ئۇ باشقا ئەرزانرەك ئاياغنى ئالدى. ھا ھا كۈلگۈم كەپ كەتتىيا . ئۆزى 140 يۈەنگە ئاياغ ئېلىپ،ئاياللار ئۆتۈكلىرى بار يەرگە كەلسەك خوتونى 700 يۈەنلىك ئۆتۈكنى كىيىپ سىناۋېتىپتىكەن، بىچارە ئاغىنەم غىڭ قىلالماي سالپىيىپ كەتتى.خوتۇنى ئېرىغا قاراپ ھىجىيىپ قويۇپ، ئاياغنى ئېلىپ ماڭدى. سودا سارايدىن چىققۇچە مازاق قىلىپ ماڭدىم ھا ھا ھا