tax☆kampit يوللىغان ۋاقتى 2012-12-21 07:09 PM
بۇرۇن ئايدا 2800 ئالسام كارتىنى ئۆزۈم تۇتاتتىم،ئائىلن ...
ئەمىلىيەتتە بۇ ئىقتىساتچانلىق قىلىپ بىر ئائىلىنى قامداش . ‹ئايالىڭىز بەتخەج بولمىسىلا› گىپىمنى توغرا چۈشىنىڭ . بۇمۇ بىر ياخشى ئىش ، بىر ئائىلىنى قامداش ئۈچۈن ،ھەر ئىككىلى تەرەپ بىرلىككە كىلىپ زور بەدەل تۆلىگەندىلا ئاندىن ، ئىقتىسادچىل بولوپ ،ياخشى تۇرمۇشقا ئىرىشكىلى بولىدۇ . بىرەيلەن پۇل يىغىپ ئەكىرسە ،يەنە بىرەيلەن بۇزۇپ چىچىپ بەرسە نىمىگە پايدىسى ،بىرقىسىم ئىشلاردا ئاغرىنماڭ . بەزەن يەرلىرىنى ئويلىساق ، ئۆينىڭ كىرىمىنى ئاياللار تۇتسا ياخشى دەپ ئويلايمەن . دادام رەھمەتلىك ، ھەر ئايلىق مۇئاشىنى ئاپامغا ئەكىرىپ بىرەتتى ، ئاپام ساقلاپ بىرەتتى ، لازىم بولغان چاغدا دادام سورايتى .
كۆپىنچە بىزنىڭ ئۇيغۇرلار ئىشلىگەن فىلىملەردە ،ئەرلىرى كىرىپ ،خوتۇن مانچە پۇل لازىم بوپ قالدى ،ئەپ بىرىڭلار دەيدىغۇ .
بىرقىسىم كىشىلەر خوتۇن كىشىگە ئائىلىنىڭ كىرىمىنى تۇتقۇزۇش ياخشى ئىش ئەمەس دەپ ئويلايدۇ .لىكىن بەش قول تەڭ ئەمەس ، ھەممە ئادەممۇ ئوخشاش ئەمەس ، ئائىلىسىگە خىيانەت قىلدىغان ئاياللارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ. ئىشنىقىلىپ ھەممە تورداشلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ خاتىرجەم ،تىنىچ ئامان ،كىسەلدىن نىرى قىلىپ ،ئىقتىسادچىل بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. تىمىنى يولىغان ئابدۇسەمەتجان، ياخشى تىمىللىرى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن .ئىشلىرىغا ئاللاھ ئىگەمدىن ئاسايىشلىق ۋە بەركەت تىلەيمەن .