ئابدۇمىجىت يوللىغان ۋاقتى 2012-12-23 06:33 PM
ئىنكاسىڭىزغا رەخمەت ئەلرام، مىسىرانىمدا ياخشى تېمىل ...
قېرىندىشىم (ئۆز تىللىق بولغاچقا شۇنداق ئاتىدىم) ،قايتۇرغان ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ سىزدە بىر خىل ئۈمۈتسىزلىكنىڭ باش كۆتۈرۈپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم،بۇ ياخشى كەيپىيات ئەمەس.ئېسىڭىزدە بولسۇن؛ يازدا چىۋىن ھەقىقەتەن كۆپ،ئۇنىڭدىن بىزارلارمۇ ھەم. بىراق بىز شۇ چىۋىننىڭ سەۋەبىدىن يىمەكلىكلىرىمىزنى پاكىز ساقلاشقا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بىرىمىز...بىر مۇ يەردىن چىقىدىغان بۇغدايدىن سامان كۆپرەك بۇلىدۇ،ئەمما ساماننى ھايۋان،دېننى ئىنسان ئىستىمال(قۇبۇل) قىلىدۇ.
مۇنبەردىكى كەيپىياتقا كەلسەك، ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك. يۇقۇردىكى مىسالىمدا دېگەندەك سامان شامال سەۋەبىدىن دان بارالمىغان يەرگە بارالايدۇ،ئەمما دانچىلىك ئىززەتكە ئىرشەلمەيدۇ. ئەگەر مەن ياكى سىز (باشقىلار بولسىمۇ بۇلىدۇ) «قىزلارنىڭ ئىشتىنى قالدى قەيەردە؟...» دەپ تۇر بىكەتلىرىمىزدە تىكىسىت ئىلان قىلىپ باقايلى ئىشنىمەنكى بۇنىڭ كۆرۈش نىسبىتى ناھايتى يۇقۇرى بۇلىدۇ، مەزمۇن بىلەن ھېساپلىشىدىغانلار ناھايىتى ئاز. مۇشۇ سۆزۈمدىن بەزى ئەھۋالنى پەرەز قىلىپ باقىسىڭىز بۇلىدۇ.
مەن سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىزنى «ئەلكۈيى مۇنبىرى» دە كۆرگەن ئىدىم، كېيىن تاپالمىدىم، ئىچىم سىقىلىپ تۇرغاندا بۇ مۇنبەردىن تېپىۋالدىم، سىزدىن ھەم مۇنبەر باشقۇرغۇچىلاردىن خۇرسەن بۇلدۇم. چۈنكى ، ئۆز خەلقىگە نېمىنىڭ لازىمىلىنى بىلىش ئەقىل ئىگىسىنىڭ بىلىش تىگىشلىك ئىشى.
مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە «مسرانىم»دىكلەر ئۆزنىڭ مەجبۇرىيتى ھەم مەسئۇلىيتنى ئادا قىلىشى ياخشى بۇلىۋاتىدۇ،بۇ ئەمىليەت. باشقا تور بىكەتلىرى ئىلان قىلىشقا پىتنالمىغان ئەسەرلەر بۇ بىكەتتە ئىلان قىلنىۋاتىدۇ.
ئىنكاس يازغۇچىلارغا كەلسەك ئۇلارنى «ئاۋام»نىڭ قانۇنىنى ياخشى بىلسىكەن دەپ قارايمەن. پەقەت بىلمەيدىغانلارمۇ يوق ئەمەس...يەنىلا ئۆز -ئارا ھۆرمەتلەشكەن ياخشى ئەمەسمۇ!
ئاخىردا تەكىتلەيدىغىنىم؛« ئوردا قەلەمكەشلىرى»، بۇغداي بىلەن سامان؛ــــــــــــــ نى غەلۋىر چۇقۇم ئايرىيدۇ،
ئۈمۈتنىڭ سىزنى تاشلىۋەتمەسلىكىنى ئۈمۈت قىلىمەن. سالامەتلىك ، چۈشنىشنىڭ بىزگە يار بۇلىشىغا تىلەكداشمەن!