ئابدۇمىجىت يوللىغان ۋاقتى 2012-12-24 12:52 AM
ئەمدى ئامرىكا تارىخىغا ئائىت بەزى زۆرۈر يىلنامىلەرگە ...
خەيىر ، بۇ يازمىلارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆز تارىخمىز ھەققىدە ئويلىنىش دەۋىتىمگە ئاۋاز قوشىدىغانلار چىقمىدى. تۇنجى مولاھىزىنى يەنىلا ئۆزۈم ئىلىپ باراي...
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى دۇنيادا ئامرىكا دېگەن بىر قىتئەنىڭ بايقالغان ۋاقتى يەنى مىلادى 1000-يىلى دەل ئۇيغۇرلارنىڭ ھاكېمىيتى ئالتۇن دەۋىرگە كىرىپ دەشتى ئاتا (خىشى)، قۇچۇ، قاراخانىيلار تەۋەلىكىد ە خانلىق قۇرۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا ھۆكىمرانلىق قىلۋاتقان، قاراخانىيلار خانى يۈسۈپ قادىرخان ئەسكەر باشلاپ خوتەن ئۇيغۇرلىرىغا قارشى غازات ئىلىپ بىرىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. بولۇپمۇ قاراخانىيلار خانلىغى تولۇق گۈللىنىش ھالىتىگە كىرىپ ئۆزىنى دۇنيادا بىر دەپ يۈرىۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. ئاندىن ئەجداتلاردىكى بۇخىل پەخىر، گۈللىنىش بەرمەيدان بىخۇتلۇقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئوردىدىكى ھاكىمىيەت تالىشىش ۋە تۈگىمەس نىزالار نەتىجىىدە ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئاجىز قاراقىتان باشچىسى يوللۇغ تاشىن ھاكىمىيەت قۇرۇپ قاراخنىيلارغا خىرىس قىلىشقا باشلىدى. شۇنداقلا 1131-يىلى قاراخانىيلار قولىدىن بالاساغۇننى تارتىۋالدى. 1209-يىلى قۇچۇ خانى ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېكىن موڭغۇللارغا ئەل بولۇپ، چىڭگىزخاننىڭ كۆيئوغلى بولۇشنى شەرەپ دەپ بىلدى. 1218-يىلى موڭغۇللار قاراخانىيلار زىمىنىدا زۇلمىگەرلىك قىلىپۋاتقان كۈچلۈكنى يېڭىپ جەنوبى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى ئىستىلا قىلدى.