sikaz يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 09:16 PM
پېقىر بىر ھەۋەسكار ،ئەلۋەتتە كۆپرەك بىر نەرسىلەرنى بى ...
شۇنداق،«ئېن»مۇتلەق شار شەكىللىك دەپ قارىلىدۇ.سەۋەپ:
1.پەقەت شار شەكلىلا ئەڭ كىچىك(ئەڭ چوڭنىمۇ شۇنداق)دىگەن شەرىتنى قانائەتلەندۆرەلەيدۇ.
2.قەدىمدىن تارتىپ شۇنداق پەرەز قىلىنىپ كەلگەن.
3.مۇتلەق كۇپ مىكرۇ زەررىچىلەر ۋە ئاسمان جىسىملىرى شار شەكلىدە ياكى شارغا يېقىنلاشقان.
4.شار شەكلى بولغاندىلا ئۇلارنىڭ يۇقۇرى زىچلىق شارائىتىدىكى ھەركەت مىقدارنىڭ ساقلىنىشىنى تەساۋۋور قىلغىلى بولىدۇ.
5.پەقەت شارشەكلى بولغاندىلا ئۇلاردىن باشقا ھەرقانداق شەكىللەرنى تۆزگىلى بولىدۇ.
6.ۋەھاكازالار....دىگەندەك.
چۈشەنمەسلىكلەر بولسا مۇھاكىمە-مۇنازىرە قىلىپ باقساق،ئىلمى ھەقىقەتكە يېقىنلىشىپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
ــــــــــــــــــــــــــ
شەكىل نەزەريىسىنىڭ تار نەزەريىسىگە قىلغان چاقچىقى
قاسىم سىدىق
دەپسەن :ئالەم تۆزۆلەر،
بىر ئۈلچەملىك تاردىن،
بىز دەيمىزكى:تۆزۆلەر ،-
ئۈچ ئۈلچەملىك شاردىن.
بۇ ئالەمنى قىدرساڭ،
بىر ئۈلچەملىك يىپ يوق.
شۇڭا سىنىڭ بۇرادەر،
ئاساسىڭدا دىت يوق.
«يىپ»دىگىنىڭ سىلىندىر،
دوستۇم ياخشى ئويلا.
بىر ئۆلچەملىك يىپ بارمۇ،
«يىپ»لىرىڭغا قايلا!.
زوقلىنىمەن، قولۇڭ گۈل،
ھۆنىرىڭدە گەپ يۇق.
ئاساسىڭدا چاتاق بار،
ئاقىۋەتتە نەپ يوق.
«يىپ»لىرىڭمۇ تۆزۆلگەن،
ئۈچ ئۆلچەملىك شاردىن.
بىر ئۆلچەملىك «يىپ»بولسا،
مەھبۇس قورىقماس داردىن.
«ئىنىرگىيە» دىگەنمۇ،
ئۈچ ئۆلچەملىك شار ئۇ.
تىزىپ چىقساڭ يىتەرلىك،
بولۇر «يىپ» ھەم «تار»ئۇ!.
«ئىنىرگىيە»دىگىنىڭ،
قىلارتىنماي ھەركەت.
بىر ئۈلچەملىك ھەركەت،
نەدە باركەن، كۇرسەت؟!.
ماتىماتىكا - فىزىكا،
ئارىسىدا چەك بار.
ئايرالماپسەن شۇ چەكنى،
شۇڭا مەندە شەك بار.
بىر ئۆلچەملىك«يىپ»تاپساڭ.
قولۇقىمنى كىسىۋال.
مەغرۇرلانما ھۆنەردىن،
ئۆزەڭنى سەل بىسىۋال!.
2012.9.22
تۇنۇگۇن (2012.9.21)شىنجاڭ ئونېۋىرىستېتىدا ئىتاليىلىك فېرناندو كۈېۋېدو (Fernando Quevedo) دىگەن ئالىم يىپ( تار )نەزەريىسىدىن ئىلمى دوكىلات بىرىپتۇ.شۇڭا بۇ قوشاقنى يىزىپ قويدۇم.
بىر ئۆلچەملىك فىزىكىلىق ئەمىلى گەۋدە مەۋجۈتمۇ،مەۋجۈت ئەمەسمۇ؟.
بۇ مەسىلە مىنىڭچە فېرناندو كۈېۋېدو ئەپەندى تەتقىق قىلىۋاتقان تار(يىپ)نەزەريىسىنىڭ ئاساسىغا بىرىپ تاقىلىدىغان مەسىلە.
خەۋەر ئادرىسى مانا:
تەڭرى تېغى ئىلىم مۇنبىرى
http://kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=12781
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-26 10:16 PM