مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: توقماق

قاسىم سىدىق:يېڭى گىئومىتىرىيە مەيدانغا كەلدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-26 10:53:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikaz يوللىغان ۋاقتى  2012-12-26 10:45 PM
سۇئال:  ‹ئېن›نىڭ يەنە قاداق خۇسۇسيەتلىرى بار ؟ ‹ئېن›نى ...

چەكلىك.
1.مەنفى،مۇسبەت زەرەتلىك ۋە زەرەتسىز بۇلۇپ ئۈچ خىل«ئېن»بار.
2.ئۇلار غا ساقلىنىش قانۇنلىرىدىكى مىقدارلار تەقسىملەنگەن بولىدۇ.
3.ئۇلارنىڭ تىزلىگى ئەڭ يۇقۇرى بولۇدۇ.
4.ئۇلار ئارىسىدا ئۇز ئارا سۇقۇلۇشنى ھىساپقا ئالمىغاندا ھازىرقى زامان فىزىكىسى تىلىدىكى ۋاستىچى تەلەپ قىلىدىغان ئۇز ئارا تەسىر مەۋجۈت بولمايدۇ.
5.ئۇلارنىڭ ئالەمدىكى سانى چەكلىك ۋە تۇراقلىق بولىدۇ.

ئوبرازلىق ئىتقاندا «تەبىئەت ئېلىپبەسى»نىڭ پەقەت «ئېن»دىن ئىبارەت بىرلا ھەرىپى بولۇپ،بۇ ھەرىپنىڭ گۇيا باش ئا،ئوتتۇر ئا،ئاخىرقى ئا دىگەندەك ئۈچ خىل يېزىلىشى بار.نىيوتۇنچە ماكان ـ يوقلۇق قەغەز قىلىنىپ بۇ ھەرىپلەردىن كائىنات تارىخى پۆتۆلىدۇ.دىنغا ئىتقات قىلىدىغانلار قەلەم خۇدانىڭ قولىدا دەپ قارايدۇ.دىنغائىشەنمەيدىغانلار قەلەم تۇتقۇچى تەبىئەتنىڭ ئۇزى دەپ قارىشىدۇ.دىمەكچىمەنكى ،شەكىل نەزەريىسى چىقىش نۇقتىسى جەھەتتىن ئىجتىمائى ئىدىيىلوگىيەگە نىسبەتەن بەكمۇ خالىس،ئۇتتۇرىچە يول تۇتقان نەزەرىيە.ئارتۇق سۇزلەپ قويدۇممۇ-نىمە؟.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-26 11:06 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89084
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:07:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇئال: شەكىل نەزىريىسىدىكى ‹ئالەم›ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسنى  تۇرغۇزۇپ بەرسىڭىز؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:16:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikaz يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 12:07 AM
سۇئال: شەكىل نەزىريىسىدىكى ‹ئالەم›ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىم ...

قاسىم سىدىق:فىزىكىلىق ئالەم



كىلاسسىك ئىدىيىلەر «ئالەم»نى «بارلىق»، «ھەممە» دەپ چۇشۇنۇدۇ ۋە ئونى «ماددا»، شۇنداقلا «ماكان»دىن ئىبارەت بىر-بىرىدىن كەسكىن پەرىقىلىنىدىغان ئىككى خىل ئوبىكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلىگى دەپ قارايدۇ. فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىنىڭ «ئالەم» قارىشىمۇ ئېينشتيىندىن ئىلگرىكى (ئارستوتىلدىن باشقا) يۇقۇرقىچە ئالەم قارىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە.

«ماددا» ۋە «ماكان»دىن ئىبارەت بۇ خىل ئىككى مەنبەنىڭ خۇسۇسيەتلىرىنى ئايرىم-ئايرىم تەسۋىرلىسەك، «ماددا» ئۆزى چەكلىك، ھەجىمى مۇتلەق بولغان ئوبىكتىپ رىئاللىق، ماكان بولسا ئومومىلىقتا چەكسىز، ھەربىر كونكىرتلىقتا چەكلىك، جىملىغى مۇتلەق بولغان ئوبىكتىپ رىئاللىقتىن ئىبارەت.

يۇقۇرقى تەشەببۇستىن شۇنداق نەتىجە كىلىپ چىقىدۇكى؛ بىز «ئالەم»دىن ئىبارەت بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتكەندە نوقول «ماددا»دىن ئىبارەت بىر قاتلام (مەنبەنى)كۆزدە تۇتۇۋاتامدۇق ياكى ماددا ۋە ماكاندىن ئىبارەت بىر پۇتۇن ئالەمنى كۆزدە تۇتۇۋاتامدۇق؟- بۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ ئىلىشقا تىگىشلىك مەسىلە.

بۇ يەردە شۇنداق ئىتىشقا بولىدۇكى؛ ماددا ۋە ماكاندىن تۈزۈلگەن بىر پۇتۇن ئالەم چەكسىز ئالەم بولۇپ ئۇنى پەلسەپەۋى ئالەم دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. چۇنكى پەلسەپەنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى «ھەممە» بولۇپ كونكىرىت تەبىئەت پەنلىرى «ھەممە»نى تەتقىق قىلىپ ئولتورمايدۇ. ماكاننىڭ ئومومىيلىقتا (بىر پۈتۈنلۈكتە) چەكسىزلىگى بۇنداق پەلسەپەۋى ئالەمنىڭ چەكسىزلىگىنى بەلگىلىگەن.

كونكىرىت تەبىئەت پەنلىرى، جۇملىدىن فىزىكا ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەركىتىنى تەتقىق قىلىدىغانلىقى ئۇچۇن ماددا بولمىغان ۋە ماددا ھەركىتىنىڭ يىتەرلىك ئىھتىياجدىن ھالقىغان «نوقۇل ماكان»نى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئوبىكىتى قىلمايدۇ. شۇڭا تەبىئەت پەنلىرى جۇملىدىن فىزىكا نەزىرىدىكى «ئالەم» ھامان چەكلىك بولىدۇ. ماددىنىڭ گىئومىتىريىلىك مىقدارىنىڭ چەكلىكلىگى بىلەن بۇ ماددىنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكاننىڭ ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىكلىگى «فىزىكىلىق ئالەم» (تەبىئەت ئالىمى) نىڭ چەكلىكلىگىنى بەلگىلىگەن. «فىزىكىلىق ئالەم» ئاتالغۇسى ۋە ئۇقۇمىنى تەشەببۇس قىلىشتىكى ئاساسى سەۋەبمۇ دەل مۇشۇ يەردە.

بىزگە مەلۇمكى كىۋانتلىق فىزىكىلىق ئالەمنىڭمۇ ئىككى مەنبەلىك بولىشىنى شەرىت قىلىدۇ. يەنى «كىۋانىت» پەقەت فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى مەنىسىدىكى «ماكان» (يوقلۇق-ھەققىي بوشلۇق) شەرتى ئاستىدىلا ئاندىن رىئاللىققا ئاينىلالايدۇ.

فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھامان چەكلىك بولىدۇ دىيىشىمىزدىكى سەۋەپ شۇكى، خالىغانچە يىراقلىقتا، قارمۇ-قارشى يونولۇشتە غايەت زور تىزلىكتە بىر –بىرىدىن يىراقلىشىپ كىتىۋاتقان ئىككى ماددى نوقتا بار دەپ پەرەز قىلساق ئۇلارنىڭ ئارلىغى ھامان چەكلىك بولىدۇ. بىز بۇ ئىككى ماددى نوقتىنىڭ ئارلىغىنى فىزىكىلىق ئالەمنىڭ رادىئوسى ۋە ياكى دىئامىتىرى دەپ تەسەۋۋۇر قىلغاندا ئوخشاشلا فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىدىكى ئاق قەغەز مودىلى2-ۋە 3-رەسىمگە ئىرىشىمىز.

فىزىكىلىق ئالەم كىڭەيگەنچە زىچلىقنىڭ كىمىيىپ باردىغانلىقى، تارايغانچە زىچلىقنىڭ ئارتىپ باردىغانلىقى- فىزىكىلىق ئالەمنىڭ ھەرقانداق پەيىتتە كىۋانتلىغى ۋە ئىككى مەنبەلىكلىگىنىڭ يىتەرلىك دەلىلى. دىمەك، چەكلىك فىزىكىلىق ئالەم ئوخشاشلا ئىككى مەنبەلىك ئالەمدۇر.

فىزىكىلىق ئالەم ئۈقۇمى تۇرغۇزۇلمىغان ئەھۋال ئاستىدا پەيلاسۇپ بىلەن فىزىك ئوتتورىسىدىكى مۇنازىرە ئاياغلاشمايدۇ. بۇ ئۇقۇم تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن ھەر ئىككەيلەن قانائەتلىنىدۇ.

ئەمدى قەپقالغىنى: ئالەمدىكى ماددىنىڭ (ماسسا –ئىنىرگىيە) مۇتلەق ھەجىمىنى نىمىلەرگە ئاساسەن بىكىتىش مەسىلىسى.

قارائۆڭكۇرنىڭ كىرتىك زىچلىغى ئاساسىدىكى مۇتلەق ھەجىم ئۇستىدە بىز دەسلەپكى خىزمەتلەرنى ئىشلىدۇق. ئاتوم يادروىسىنىڭ زىچلىغى ئاساس قىلىنغان غۇۋا ماددا ۋە غۇۋا ئىنىرگىيمۇ ھىساپقا كىرگۇزۇلگەن (ئو مەۋجۇت دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا) ئالەمدىكى ماددىنىڭ مۇتلەق ھەجىمى ئۇستىدە ئىزدىنىش بىزنىڭ نۆۋەتتىكى خىزمىتىمىز.

شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۇركى؛ فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى غۇۋا ماددا ۋە غۇۋا ئىنىرگىيەنىڭ ئىھتىماللىقىنى چەتكە قاقمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ مىقداىنى ئۆزىگە خاس مەۋقەدە تۇرۇپ ئويلىشىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك بۇ نەزىرىيە «غەيرى نوقتا» دىن ئىبارەت مۇشۇنداق غەلىتە بىر رىئاللىقنىڭ ئىھتىماللىغىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئونى ساقلىنىش قانونلىرى يەنىلا ئورۇنلۇق بولۇش شەرتى ئاستىدا بىر خىل مۇمكىنلىك دەپ قارايدۇ. ھەر ئىككى ئەھۋال ئاستىدا مۇتلەق ھەجىمنىڭ رادىئوسىدىلا ئۆزگىرىش بولىدۇكى، فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسىگە پىرنسىپال قىيىنچىلىق كەلتۈرۈپ بىرەلمەيدۇ. يۇقارقى ئاساسلارنى كۆزدە تۇتۇپ «فىزىكىلىق ئالەم» گە تۆۋەندىكىچە ئىنىقلىما بىرىشكە بولىدۇ:

فىزىكىلىق ئالەم ـــ چەكسىز ماكان (يوقلۇق) نى تاشقى چىگرا شەرتى قىلغان، ماددا (ماسسا- ئىنىرگىيە) ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبىكتىپ رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئۆلچەملىك، ئىككى مەنبەلىك چەكلىك مەۋجۇتلۇك.

فىزىكىلىق ئالەمنىڭ خۇسۇسيەتلىرى:

1. گىئومىتىرىيىلىك ھەجىمى ئۆزگۇرۇشچان بولىدۇ.

2. ئۆزگۇرۇشى دەۋرى بولىدۇ.

3. ھەرقانداق پەيىتتە ئىككى مەنبەلىك (قاتلاملىق) ھالتىدىن ئايرىلمايدۇ.


2010-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۇنى.



http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=11156



ئاق قەغەز مودېلى


قاسىم سىدىق



تەبىئەت ۋاكوئۇمغا ئۆچ

                      __ ئارىستوتىل.



ھەركەت ۋاكۇئۇمغا ئامراق.

                                 __  خاتىرەمدىن.


بىز تۇرۇۋاتقان ئالەم توغرىسىدا كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مۇنداق ئىككى پاكىت مەۋجۇت: (1) ئالەم قۇپقۇرۇق ئەمەس، (2) ئالەم قۇپقۇرۇق دىيەرلىك. بۇ پاكىتلارنى چۇشۇنۇش بولسا ئاساسى فىزىكىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

                                                                           __ ئانتونى. رې


ئاق قەغەز مودىلى __ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىدىكى ئالاقىدار ئىدىيەلەرنى ئوبرازلىق چۈشەندۇرۇش زۆرۇرىيىتىدىن تۇرغۇزۇلغان قورال بولۇپ، ھازىر جەمىئى 3 پارچە رەسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لىكىن1990-يىلى تۇرغۇزۇلغان سۇرەتلەر بىلەن ھازىرقى سۇرەتلەرنىڭ رەت تەرتىۋىدە پەرىق بار. بۇنداق بولىشىدىكى سەۋەب 3 پارچە سۇرەت دەسلەپتىلا بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويولغان ئەمەس، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قايمۇقۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن مەن2009-يىلى چوڭچىڭ ئونىۋىرسىتىتى نەزەرىيە فىزىكىسى تەتقىقات ئورنىدا سۆزلەنگەن __"فىزىكىلىق شەكىل ئۈقۇمىنى تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۇرلىگى ۋە تەخىرسىزلىگى"ماۋزۇلۇق ماقالەمدىكى① رەت تەرتىپنى ئاساس قىلىشنى ئەسكەرتىمەن. بۇ تەرتىپ تۆۋەندىكىچە:

22


يەنە رەسىم تۈرغۇزۇش توغرا كەلسە ئەلۋەتتە ئەمدى 4-رەسىم بولۇپ تىزىلىدۇ. ئىلگىركى رەسىملەرگە ئالاقىدار چۈشەندۇرۇشلەر شۇ رەسىملەر قىستۇرۇلغان ماقالىلار بىلەن بىللە ئېلان قىلىنغاچقا، ئوقۇرمەنلەرگە بەك چوڭ ئاۋارچىلىق تىپىپ بەرمەس دەپ ئويلايمەن.

ئەمدى نەق گەپكە كەلسەك، ئاق قەغەز مودىلى دەرۋەقە "فىزىكىلىق شەكىل نەزەريىسى"نىڭ تۈپ ئىدىيىلىرىنى  بىر قەدەر ئاممىباب چۈشەندۇرۇش ئۈچۈن زۆرۇر بولغان بەكمۇ ئاددىي قورال، بۇ نەزەرىيەگە تەنقىد ۋە گۇمانى پۇزىتسىيە تۇتىدىغان كىشىلەرگە نىسىبەتەن ئىيتقاندىمۇ بۇ مۇدىل ئاتلاپ ئۆتۇشكە بولمايدىغان، ئەكىسچە ھە دېگەندىلا دۇچ كىلىدىغان سوئال بەلگىلىرىدىن ئىبارەت.  مىنىڭ بۇ مودىلنى تۇرغۇزۇشتىكى تەپەككۈر جەريانىم تۆۋەندىكىچە:

"فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى» دىكى ئانا ئۈقۈم «فىزىكىلىق شەكىل» بولۇپ، ئاق قەغەز مودېلى 1-رەسىمدىكى A چەمبەر دەل شۇ فىزىكىلىق شەكىلنىڭ ئابىستىراكىت مودېلى، بۇ ئۈقۈمنىڭ تۈرغۇزۇلىشىدىكى لوگىكىلىق ئىدىيە شۇكى، ھەرقانداق ماددا (ماسسا –ئېنىرگىيە) فىزىكىلىق شەكىلدىن ئايرىلالمايدۇ. يەنى، ئىنسانىيەت ھازىرغىچە شەكىلگە ئىگە بولمىغان ماددىنى بايقىغىنى يوق. مەيلى ئېيىن (ھەقىقى مەنىدىكى ئېلمىنتارزەررىچە) ۋە ياكى بىر پۈتۈن "فىزىكىلىق ئالەم" بولسۇن ئوخشاشلا"فىزىكىلىق شەكىل" دىن ئايرىلالمايدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى زامان نەزەرىيەۋى فىزىكىسىدا بۇنداق ئۈقۈم مەۋجۈت ئەمەس. مېنىڭ غايەم يۇقارقى سەۋەبلەر تۈپەيلى شەكىللەنگەن.

ئارقا كۆرۇنۇش _ "فىزىكىلىق شەكىل"ئۇقۇمىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولۇپ  "ئارقا كۆرۇنۇشكە ئىگە بولمىغان فىزكىلىق شەكىل مەۋجۇت ئەمەس" (فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىنىڭ 1-  ئاكسىئومىسى) دېگەن ئىدىيە ئاق قەغەز مودېلى1-،2- رەسىملىرىدە يارقىن ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەڭ قولايلىق تەسسەۋۋۇر شۇكى؛ سىزئۆزىڭىزنى "فىزىكىلىق شەكىل" دەپ پەرەز قىلىڭ، سىز ھامان چەكلىك بولۇپ،سىز ھەر قاچان ئۆزىڭىزنى ئۆز قوينىغا ئالغان ماكان بىلەن چىگىرلىنىسىز. ئەگەر B تەكشىلىك بولمىسا سىز ئىپادىلەنمەيسىز.

ياۋرۇپا ئالەم قاتناش ئىدارىسى بۇ يىل تارقاتقان تۆۋەنىدىكى « ئالەم»نىڭ قىزىل رەڭلىك سۈرىتىنى ئاق قەغەز مودىلى1-رەسىمدىكى A چەمبەرگە، ئۇنىڭ ئارقا كۆرىنىشى بولغان قاراڭغۇ تەكشىلىكنى ئاق قەغەز مودىلى 1-رەسىمدىكى B تەكشىلىككە ئوخشىتىشقا بولىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، A ھامان Bنىڭ ئىچىدە ئىپادىلىنىدۇ، Bنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولىدۇ.


ئارقا كۆرنۇش ئۈقۈمى __ مۇقەررەر ھالدا بارلىق ماسسا__ ئىنىرگىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئېنىشتېيىن ئالىمى ۋە ياكى"ئۆلچەملىك ئالەم مودېلى"دىكى "ئالەم" ئىدىيىسىنىڭ بىرتەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۇنكى يۇقۇرقى مودىللاردا B تەكشىلىكنىڭ مەۋجۇتلىگى ئىتىراپ قىلىنمايدۇ. "ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس" دەپ قاراش ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ يادورۇلۇق ئىدىيىسى.ھالبۇكى، ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە ئاق قەغەز مودېلى تەرىپىدىن رەت قىلىنىدۇ. مانا بۇ "فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسى" دىكى يوقلۇق (نىيوتۇنچە ماكان _ ھەقىقىي بوشلۇق) ئىدىيىسىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى.

ئاق قەغەز مودېلىدىكى 2-رەسىم ئارقىلىق بىز"يوقلۇق" (نىيوتۇن ماكان – ھەقىقىي بوشلۇق) نىڭ "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ ئىچكى قىسمىدىنمۇ ئورۇن ئالغانلىقىنى،  تەجىرىبە پەنلىرى تەتقىق قىلىدىغان بۇ ئالەم ھەر قانداق پەيىتتە ماددا (ماسسا_ئېنىرگىيە) ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبېيكتىىپ رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغانلىقىنى كۆرۇپ يېتەلەيمىز. A چەمبەر (كىۋانىت) ۋە An چەمبەر (كىۋانىت)لارنىڭ ئايرىم –ئايرىم مەۋجۈت بولۇپ تۈرۈشى ئۈچۈن جەزمەن B تەكشىلىك بولىشى كېرەك.باشقىچە ئېيتقاندا B تەكشىلىك پىلانىك بىلەن ئالبىرىت ئېنيشتېننڭ ئايرىم –ئايرىم ئىككى شەخىس بولۇپ تۇرالىشىنىڭ تاشقى شەرتى. مۇبادا، Bتەكشىلىك مەۋجۈت بولمىسا ئەلبەتتە، پىلانىك، ئالبىرىت ئېنيشتېين ۋە ھەرقانداق جانلىق(ئىندىۋىد) بولمىغان، پۈتكۈل ماسسا _ ئېنىرگىيە بىرلا نوقتىغا توپلىنىپ قېلىپ،ئاسمان جىسىملىرى ۋە يۇلتۇزلار سىستىملىرى شەكىللەنمىگەن بولاتتى.




"ماددا ۋە ئۇنىڭ ھەرىكىتى ماكاننىڭ ئۆلچىمى" دەيدىغان ئەنئەنىۋى ئىدىيە مۇئەييەن مەنىدە توغرا، سىز بىر كىرسلوغا كىلىپ ئولتۇردىڭىز دەپ پەرەز قىلايلى، سىز ئولتۇرماستىمۇ كىرسلۇدا سىز ئولتۇرغان چاغدىكى ھەجىمىڭىز بىلەن باراۋەر بولغان بوشلۇق (ماكان) ساقلانغان بولىدۇ. سىزكىرىسلۇدىن يۆتكۇلۇپ كەتسىڭىز ھەرگىز بايا تىلغا ئالغان ماكاننى بىللە ئىلىپ كەتمەيسىز، بەلكى ئۇ يەنىلا ئۆز ئورنىدا قالىدۇ. سىزنىڭ ھەجىمىڭىز ماھىيەتتە سىزقەيەردىلا تۇرماڭ شۇ يەردە ئۆز ھەجىمىڭىز بىلەن بارۋەر بولغان ماكان (يوقلۇق) نىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئىپادىلەيدۇ. مانا بۇ "ماددا ماكاننڭ ئۆلچىمى" دېگەن ئەنئەنىۋى قاراشنىڭ ئەقەللىي ئىسپاتى. ئەمدى سىز كىرسلۇدىن قوزغۇلۇپ قەيەرگىلابارماڭ، يېتىپ بارغان نوقتىڭىز بىلەن بايامقى كىرىسلۇ ئارىلىقىدىكى مۇساپە يەنىلا ماكان (يوقلۇق) نىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالىدۇ. مانا بۇ "ماددا ھەركىتى ماكاننڭ ئۆلچىمى" دېگەن ئەنئەنىۋى ئىدىيەنىڭ ئەقەللىي ئىسپاتى. بۇ يەردە تەبىر بىرىشكە تېگىشلىك بىر نوقتا شۇكى، فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيەسىدە "يوقلۇق"(ماكان) ھەربىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك، بىر پۈتۈنلۇكتە چەكسىز دەپ قارىلىدۇ.  يەنى ئىككى ماددىي نوقتا قارىمۇ –قارشى يۆنىلىشتە بىر-بىرىدىن قانچىكى يۈقىرى تىزلىك بىلەن بىر-بىرىدىن يىراقلاشىسۇن.ئۇلارنىڭ ئارلىقى ھامان چەكلىك بولۇپ، چەكسىز ماكاننى مەڭگۈ قاپلاپ بولالمايدۇ .ھالبۇكى، ئېينىشتېيىن ۋەكىللىگىدىكى نۆۋەتتىكى فىزىكا ۋە ئالەمشۇناسلىق پەقەت A چەمبەرنى ئېتىراپ قىلىپ Bتەكشىلىكنىڭ مەۋجۈتلىگىنى ئىتىراپ قىلمايدۇ. يەنى بۇ تەلىماتلارنىڭ"ماكان" ئۈقۈمى بىلەن "ماددا" ئۈقۈمىنىڭ ئىنىق پەرقى يوق.يەنى ئېينىشتېيىن ماكاننى ئۈلۈكسىز "مەيدان" ، ماددىنىڭ يەنە بىرخىل ھالىتى دەپ چۇشەندۈرىدۇ. بۇ خىل چۈشەندۈرۈش "ماددا" بىلەن"ماكان" ئوتتۇرىسىدىكى پىرنسىپال پەرقىنى يوققا چىقىرىدۇ. ئېنيشتېيىننىڭ"ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۈت ئەمەس" دەپ قارايدىغان بۇنداق ئىدىيىسىنىڭ تارىخى يېلتىزىنى  ئارىستۇتىلدىن ئىزدەپ تىپشقا بولىدۇ.ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان «قورقۇنۇچلۇق سىمېتېرىيلىك» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئانتونى. رې ئۆز كىتابىدا «بىز ھازىر نىمە ئۈچۈن ئالەمنىڭ قۇپقۇرۇق دىيەرلىك ئىكەنلىكىنى، cp غا خىلاپلىقنىڭ ئىنتايىن كىچىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۇق» دەپ يازغان بولۇپ، بۇخىل نوقتىنەزەر ئارىستۇتىل ۋە ئېينىشتېيىنلارنىڭ «ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس»دېگەن نوقتىنەزەرلىرى بىلەن رۇشەن سىلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. بۇندىن باشقا، فىزىكىدىكى "زىچلىق"ئۇقۇمى "فىزىكىلىق ئالەم"نىڭ ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق) دىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبېكتىپ رىئاللىقنىڭ بىر پۈتۈنلۈگى ئىكەنلىگىنى بىۋاستە ئىسپاتلايدۇ. چۇنكى"زىچلىق" ئۇقۇمىدا تىلغا ئېلىنغان "بىرلىك ھەجىم"-نىيوتۇنچە ھەقىقىي بوشلۇقنىڭ كونكىرىت ھەجىمى بولۇپ، مۇبادا بۇنداق ھەقىقىي بوشلۇق بولمىسا "زىچلىق" ئۇقۇمىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ. سىز "زىچلىق ئۇقۇمى" بولمىغان فىزىكىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز؟بۇ مۇمكىن ئەمەس!

"زىچلىق"ئۇقۇمى مۇقەررەر ھالدا "كىرىتىك زىچلىق" پەرىزىگە ئېلىپ كېلدۇ. چوڭ پارتىلاش ئالەم مودىلىدا تىلغا ئېلىنغان "غەيرىي نۇقتا" ئالەمدىكى بارلىق ماسسا-ئېنىرگىيە يىغىلغان ئىنتايىن بىر كىچىك نۇقتا ئىكەنلىكى ھەمىمىزگە مەلۇم. دەل مۇشۇ "غەيرىي نۇقتا"مۇ يەنىلا ماددا ۋە ماكان (يوقلۇق)نىڭ ئارلاش گەۋدىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى مۇتلەق مەنىدە ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە) دەپ چۈشىنىشكە بولمايدۇ.  پەقەت ئېيىن (ھەقىقى مەنىدىكى ئېلىمنىتار زەررىچە)لەر ۋە ئۇلارنىڭ گىئومىتىريىلىك مىقدارلىرىنىڭ يىغىندىسىلا ھەقىقىي مەنىدىكى كىرىتك زىچلىققا يەتكەن ساپ ماددا دەپ قاراشقا بولىدۇ. مانا بۇ فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسىدىكى "مۇتلەق ھەجىم"ئۇقۇمىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى. ساقلىنىش قانۇنلىرى جۈمىلىدىن ماسسا-ئېنىرگىيە ساقلىنىش قانۇنى بۇنداق پەرەز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك.

يۇقىرىقى ئاساسلار تەبئىي ھالدا ئالەمدىكى پۈتكۈل ماسسا-ئېنىرگىيەنىڭ ساپ ھەجىمىنىڭ بىر تۇراقلىق مىقدار بولۇپ، ئۇنىڭ قىممىتى تولىمۇ كىچىك بولىدۇ دېگەن پەرەزگە ئېلىپ كېلىدۇ. باشقىچە ئېيىتقاندا، بۇنداق پەرەز "كرىتىك زىچلىق" ئىدىيىسىگىمۇ، "غەيرىي نۇقتا"ئىدىيىسىگىمۇ ئۇيغۇن. بىز"غەيرىي نۇقتا"نى نۇقۇل نەزەرىيىۋي ھېسابلاشنىڭ مەھسۇلى، تەجىرىبە ئاساسىي يوق دەپ قارىغاندىمۇ، ئاتوم يادىرۇسىنىڭ زىچلىقى (نىتىرون يۇلتۇز زىچلىقى)تەجىرىبە ئاساسىغا ئىگە پايدىلنىش سېستىمىسى بولۇپ قالىدۇ.

يۇقارقى نۇقتىنەزەرلەرنى ئىنكار قىلىشنىڭ پەقەت بىرلا نەتىجىسى بار. ئۇ بولسىمۇ ماددا (ماسسا-ئېنىرگىيە)نىڭ ھەجىمى بولمايدۇ دېگەن يەكۇنگە ئېرىشىش. ماھىيەتتە بۇنداق قاراشنىڭ پۇت تېرەپ تۇرالىشى ئەسلامۇمكىن ئەمەس. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، "يوقلۇق" (نىيۇتۇن ماكانى-ھەقىقىي بوشلۇق)نى قايتا ئېلىپ كىرمەي تۇرۇپ، يۇقۇرقى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرگىلى ۋە ھازىرقى زامان فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىقىنى زىددىيەتتىن خالىي قىلغىلى بولمايدۇ.

بارلىق كۆزۈتۈش ۋە تەجىرىبە نەتىجىلىرى"ماكان ماددا ھەركىتىنىڭ تاشقى شەرتى" دېگەن ئىدىيەگە ئېلىپ كېلىدۇ."ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس"دېگەن ئىدىيە بۇ خىل تەشەببۇس ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىنىش ۋە ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش كېرەك. "ماكان-ھەركەتنىڭ تاشقى شەرتى" دەيدىغان بۇنداق ئىدىيە مەيلى ماكرو ياكى مىكرو دۇنيا بولسۇن ھەرئىككى دۇنيا ئۈچۈن ھەر قاچان ئۇرۇنلۇق بولىدۇ. مەسىلەن: سىز ئۆزىڭىزنى تەرەپلىرى ئىككى مېتىردىن بولغان تۆت كۋادرات مىتىرلىق بىر ئۆينىڭ ئىچىدە دەپ پەرەز قىلىڭ،سىزنى مۇشۇ ئۆينىڭ ئىچىدە سەككىز مېتىر تۈز سىزىقلىق ھەركەت قىلىڭ دېسە بۇ تەلەپنى ئۇرۇندىيالمايسىز. (لىكىن ئەگرى سىزىقلىق ھەركەتتىن سەككىز مېتىر ئەمەس 8000كېلومىتىر مۇساپىنى تاماملىشىڭىز تامامەن مۇمكىن) ھەمدە شۇنىڭدەك ئەگەر سىز ئۆز گەۋدىڭىز ئاران سىغىدىغان بىر قىسىلچاققا قىسىلىپ قالدىڭىز دەيلى بۇ ھالدا سىز بىر سانتېمىتىر سىزىقلىق ھەركەت قىلالمىغاننىڭ ئۈستىگە ھەتتا ئۆز ئورنىڭىزدا(ئوقىڭىزدا) ئايلىنالمايسىز. بۇ تەشەببۇسلار ئەلۋەتتە بىزنىڭ پۈتكۈل كۆزۈتۈش ۋە تەجىرىبە پاكىتىمىزغا ئۇيغۇن.

سىز بايامقى كىرسلودا ئولتۇرۋاتقان ۋاقتىڭىزدا دەل سىز ئولتۇرغان بىر ئورۇنغا ھەجىمى سىز بىلەن باپباراۋەر بولغان يەنە بىرئادەممۇ ئولتۇرالمايدۇ. بۇ خىل تەپەككۈر كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ماكاننىڭ(يوقلۇق-نىيۇتونچە بوشلۇق) ھەر بىر كونكىرىتلىقتا چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، زىچلىق ۋە "كرىتك زىچلىق"ئىدىيىلىرگە مۇقەرەر ئېلىپ بارىدۇ.

"كىرىتىك زىچلىق" ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە- ئېيىننى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ بىر قانچە خىل تەپەككۈر يوللىرى ئىچىدىكى بىر تەپەككۈر يولى.(ئەلۋەتتە بىر دانە ئېيىن ئىچىگە يەنە بىر دانە ئېيىننى قاچىلغىلى بولمايدۇ).ئەمدى مۇشۇ ئېيىن (ھەقىقىي مەنىدىكى ئاساسىي زەررىچە)نىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان"قىسىلچاققا قىسىلىپ قالغان ئادەم"نىڭ تەقدىرىگە يولۇقسا ئوخشاشلا ئۇنىڭ سىزىقلىق ۋە بولۇڭلۇق ھەركىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.

خۇلاسىلىغاندا، بىز يۇقىرىقىلاردىن ھەركەت قىلىدىغان ماددىنىڭ (ماسسا-ئېنىرگىيە) گىئومىتىريىلىك ھەجىمىدىن ھالقىغان يوقلۇق(ماكان –نىيوتۇنچە ھەقىقي بوشلۇق) بولمىسا ھەركەتنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز. ئارستوتىل ئوتتۇرغا قويۇپ، ئېينىشتىيىن قايتا كۆتۈرۈپ چىققان"ھەقىقي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس" دېگەن بۇ ئىدىيە ئىنسانىيەت تەپەككۈر غەزىنىسىدىكى ئاسار-ئەتىقەدىنلا ئىبارەت، خالاس!.

"ئاق قەغەز مودىلى"نىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسى ئەلۋەتتە بۇ سەرلەۋھە ئاستىدىلا ئاياقلاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئونۋېرسال ئەھمىيىتى توغرىسىدا مۇمكىن بولسا داۋاملىق توختىلىمەن.

                                                                     2010-يىلى 10-ئاي



"奇怪波动"挑战认知 引力波探测仪跨入量子尺度




极紫外光挑战爱因斯坦




量子
百科名片



目录:量子


http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=10920

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 12:37 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:41:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
...نىيوتۇن ئېفىرىنىڭ يەنە بىر موھىم خۇسۇسىيىتى بار ،ئۇ بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۆزلۆكسىزلىگى ،بۇ خۇددى ئوڭاي كۆرگىلى بولىدىغاندەكلا.بىراق،ئۇنىڭ ئارقىسىدا مۇنداق ئىنتايىن موھىم بىر ئەھۋال بار:ئەگەر ئېفىر تۇتاش بولماستىن، تارقاق بولىدۇ دەپ قارالسا،ئۇ ھالدا ساقلانغىلى بولمايدىغان ھالدا ئېفىر زەررىچىلىرى ۋە ئۇلار ئارىسىدىكى مەۋھۆم بوشلۇقنى كەلتۆرۆپ چىقىرىدۇ.

ــــــــــــ رىدنىك،«مەيدان» ـ40-41-بەتلەر.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
رېدنىك «نىيوتۇن ئېفىرى»نى مۇھاكىمە قىلغاندا يۇقۇرقى يەكۇننى چىقارغان.ھازىر،كۋانىت نەزەريىسى،مەيدان زەررىچىلىرى نۇقتىسىدىن قارىساق، ئەھۋال دەل شۇنداق.ھالبۇكى، بۇ مەسىلە ئېينىشتېيىننىڭ ماكان ئۆزلۆكسىزلىگى بىلەن كەسكىن زىددىيەت شەكىللەندۈرۈدۇ.بۇ زىددىيەتنى پەقەت ئاق قەغەز مودىلىدىكى Bتەكشىلىكنى(نىيوتۇنچە مۇتلەق ماكان ـ يوقلۇق) قايتا ئېلىپ كىرىش ئارقىلىقلا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 12:42 AM  


ساقىشچى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5386
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16998
تۆھپە نۇمۇرى: 1105
توردا: 1893 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:47:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
فراكتال گېئومىتىرىيىسى دائىرسىدىكى بىر تىپىك مەسىلىنىڭ ماتېماتىكىلىق مودىلى تۇرغۇزۇلۇپتۇ. فىراكتال گېئومىتىرىيىسىدە بۇنداق مودىللار نۇرغۇن.
شۇڭا بۇنى " يېڭى گېئومىتىرىيە بارلىققا كەلدى" دېسەك بولماس. يەنىلا "يېڭى مودىل"نىڭ ئوتتۇرغا قويۇلغىنىنى تەكىتلەيلى.

http://matimatik.blogbus.com/ ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگىچە ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.                               ---- سۈرە"رەئىد" (13-سۈرە)، 11-ئايەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:57:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
matimatika يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 12:47 AM
فراكتال گېئومىتىرىيىسى دائىرسىدىكى بىر تىپىك مەسىلىن ...

توغرا دەيسىز،رەھمەت،كىچىككىنە بىر نۇقتىدا ئىھتىياتسىزلىق قىلىپتىمەن.مەن مەخسۇس كەسىپ بويىچە تەربىيەلەنمىگەن.كەسىپ ئىگىلىرى بىلەن ئۇز ئارا ھەمكارلاشساق كەمچىلىكلەرنى تولۇقلاپ بەزى ئورتاق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىمىز مۇمكىن دىگەن ئۇمىتتىمەن.مىنىڭ بارى-يۇق دەسمايەم ئازىراق پەلسەپە بىلەن لوگىكا،ئىلىم ئىگىلىرىنىڭ ياردىمى ۋە ھەمكارلىغىغا مۇھتاجمەن.مۇھاكىمىلەرگە ئىزچىل ئىشتىراك قىلغايسىز.مالال كۇرمىسىڭىز«فراكتال گېئومىتىرىيىسى»ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەرسىڭىز،تورداشلار ھەممەيلەن تەڭ بەھىرلەنسەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 01:30 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89084
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 12:58:42 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇئال:شەكىل نەزىريىسى ‹ئېن›لار نىڭ خۇسۇسيىتىدە: ‹ئېن› سانىنى ‹ئالەم›دە چەكلىك بۇلۇدۇ دىگەن ،‹ئالەم›دىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمغا شەكىل نەزىريىسى ئۆز-ئالدىغا خاس ھالدا بۆلىنمەيدىغان ماددا ‹ئېن›نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ  ئېنىقلىما تۇرغۇزدىمۇ- يوق ؟  ئەگەر تۇرغۇزمايدىكەن - ئۇنداقتا ‹ئالەمدىن › ئىبارەت  بۇ ئۇقۇمنى شەكىل نەزىريىسى  باشقا نەزىريەلەردىن سۈيئىستىمال قىلۋالغان بۇلىدۇ .
  مەن سىزدىن بۆلۈنمەيدىغان ماددا ‹ئېن›نى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ‹ئالەم › ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسنى تۇرغۇزۇپ بىرىشىڭىزنى كۈچلۈك تەلەپ قىلمەن؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 01:11:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sikaz يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 12:58 AM
سۇئال:شەكىل نەزىريىسى ‹ئېن›لار نىڭ خۇسۇسيىتىدە: ‹ئېن›  ...

بىرىنجىدىن،سىز  49-قەۋەتتىكى «فىزىكىلىق ئالەم»دىگەن تېمىدىكى  ئېنىقلىمىغا قانائەت ھاسىل قىلمىغان بولسىڭىز كونكىرىت ئاساسلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇڭ.،قايتا ئايرىم يوللاي،مانا ئېنىقلىما:

فىزىكىلىق ئالەم ـــ چەكسىز ماكان (يوقلۇق) نى تاشقى چىگرا شەرتى قىلغان، ماددا (ماسسا- ئىنىرگىيە) ۋە ماكاندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئوبىكتىپ رىئاللىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئۆلچەملىك، ئىككى مەنبەلىك چەكلىك مەۋجۇتلۇك.


فىزىكىلىق ئالەمنىڭ خۇسۇسيەتلىرى:
1. گىئومىتىرىيىلىك ھەجىمى ئۆزگۇرۇشچان بولىدۇ.
2. ئۆزگۇرۇشى دەۋرى بولىدۇ.
3. ھەرقانداق پەيىتتە ئىككى مەنبەلىك (قاتلاملىق) ھالتىدىن ئايرىلمايدۇ.

ئىككىنجىدىن سىز«سۇيىئىستىمال» نى بىر ئىزاھلىۋەتسىڭىز.مىنىڭچە «فىزىكىلىق ئالەم»-يېڭى ئۇقۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 01:21 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 01:57:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
matimatika يوللىغان ۋاقتى  2012-12-27 12:47 AM
فراكتال گېئومىتىرىيىسى دائىرسىدىكى بىر تىپىك مەسىلىن ...

ماتىماتىكا ئەپەندىم،مالال كۇرمىسىڭىزبۇ ««ئىلىمىنتار شەكىل»،«ھاسىلى شەكىل»...قاتارلىقلار»دىگەن تېمىنى تەنقىدى نەزەردىن ئۆتكۈزۈپ باقسىڭىز،مەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان شەكىل نەزەريىسىگە قانداق ماتىماتىكىلىق قوراللارئەسقاتىدۇ،ئۆچۆر مەسلىھەت بەرسىڭىز.كەمچىلىكلەردىن ئاگاھلاندۇرسىڭىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-27 01:58 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2949 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-27 02:08:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زىچلىغى ئەڭ چوڭ بولغان بىر جىسىم بار دەپ پەرەز قىلساق،ئۇجىسىم پەقەت ھەقىقى مەنىدىكى ئىلىمىنتار زەررىچىلەردىنلا تۇزۇلگەن،باشقا تۇزۇلۇشى بولمىغان جىسىم ھىساپلىنىدۇ.ئۇ جىسىمنىڭ شەكلى پەقەت ئۇنى تۇزگۇچى ئىلىمىنتار زەررىچىنىڭ شەكلى تەرىپىدىنلا بەلگىلىنىدۇ ۋە خىلى جىددى مەنىدە ئۇنىڭغا(ئىلىمىنتار زەررىچىنىڭ شەكلىگە) تەقلىت قىلغان بولىدۇ.مەن بۇ يەردە رېدنىكنىڭ«ھەربىر زەررىچە پۆتكۆل ئالەم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،ئۇزلىرىنىڭ تۇزىلىشدە كائىناتنىڭ غايەت زور ئوبراز تامغىسى بار.ئەكسىچە قىلىپ ئىتقاندا كائىناتنىڭ خۇسۇسىيىتىمۇ ئۇنى تۆزىدىغان زەررىچىلەرنىڭ شەكلى ۋە تۆزۆلۆشى بىلەن چەمبەرچەس باغلانغان»دىگەن(«مەيدان»304-بەت) گىپىدىكى چۇڭقۇر مەنىلەرنى يەنە بىر قىتىم ھىس قىلماقتىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش