شۇ جوڭگونىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا ھازىرغىچە يۈەنمۇ ئادىمى، بېيجىڭ ئادىمى دەپ مايمۇن سۈرەتلىك ئۆرە تۇرۇپ ماڭىدىغان ئادەملەرنىڭ ۋە تاش قاتمىلارنىڭ رەسىمىنى بېرىپ، مانا بۇ سىلەرنىڭ ئاتا- بوۋاڭلار دەپ دەرس بېرىدۇ. تۆۋە خۇدايىم، ھېچنىمە ئۇقمايدىغان كىچىك چاغلىرىمدىمۇ شۇنداق دەپ دەرس ئۆتسە ئىشىنىپمۇ قويماپتىكەنمەن، ما ساراڭ نېمە دەيدۇ دەپ.
جوڭگو ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتىگە خىلاپ ماركىسىزىم، ۋە ئاللىبۇرۇن ئاغدۇرۇلغان دارۋىنىزىمنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئەڭ ئەقىللىق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز، شۇڭا بىز ئىنتايىن تىنىچ خاتىرجەملىك ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتىمىز.
ئاتام دەيدىغان، ئىنسانلارنىڭ ھازىرغىچە كەشىپ قىلغان كەشپىياتلىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ كېلىپ سېلىشتۇرىدىغان بولساق، ئىنتايىن ئاددىي بىر يوپۇرماقنى تەشكىل قىلىدىغان بىر ھۈجەيرىنىڭ سىرىغا تەڭلىشەلمەيدۇ دەپ، دېمىسىمۇ ئىنسانلار پەقەت بار نەرسىدىن باشقا نەرسىلەرنى كەشىپ قىلالايدۇ. ئىككى خىل ھۈجەيرىنى بىرلەشتۈرۈپ يېتىشتۈرۈپ باشقا ھۈجەيرىنى ھاسىل قىلالايدۇيۇ ھەر خىل ماددىلاردىن پايدىلىنىپ بىرەر ھۈجەيرە ياساپ چىقالىغىنى يوق.
ئالەمدىكى بارچە ئۇلۇغلۇق، بارچە بىلىش ۋە بارچە ھەمدۇ سانالار ئاللاغا خاستۇر.