دارۋىن پوپ دېگەن سۆزنىڭ قىلچە ئاساسى يوق. دارۋىننى دىندار قىلىپ كۆرسىتىشكە تېرىشىش دارۋىنىستلارنىڭ بىر ئويۇنى ۋە تاكتىكىسىدىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتتە دارۋىن ئاللاھقا ۋە دىنغا قارشى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بىر ئادەم. دارۋىن گەرچە ياش ۋاقتىدا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشەنگەن بىرى سۈپىتىدە بىلىنسىمۇ يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارغانىسىرى دىنسىزلىشىشقا باشلىغان. دارۋىننىڭ ئايالى دىندار ئايال بولغاچقا ۋە دارۋىننىڭ ئەتراپىدا كۆپلىگەن دىندار تونۇشلىرى بولغاچقا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ دىنغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئاشىكارە ئېيتمىغان ۋە دىنغا قارشى ئىكەنلىكنى يوشۇرۇشقا تېرىشقان. دارۋىنىست تارىخچى Gertrude Himmelfarb نىڭ Darwin and Darwinian Revolution «دارۋىن ۋە دارۋىنزىمچە ئىنقىلاب» ناملىق كىتابىدا «دارۋىننىڭ دىنسىزلىق دەرىجىسى نە ئۇنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلىرىدە نە ئۇنىڭ نەشر قىلىنغان تەرجىمھاللىرىدا كۆرۈلمەيدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ئورگىنال تەرجىمھالىدىلا كۆرۈلىدۇ» دەيدۇ.
Himmelfarb دېگەن كىشىنىڭ كىتابىدا دارۋىننىڭ ئوغلى فرانسىز دارۋىننىڭ The Life and Letters of Charles Darwin (چارلىز دارۋىننىڭ ھاياتى ۋە مەكتۇپلىرى) ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىش پەيتىدا دارۋىننىڭ ئايالى ئېمما ئوغلىنىڭ كىتابىدا دارۋىننىڭ دىنسىزلىققا مۇناسىۋەتلىك ئاشىكارە بايانلىرىنى چىقىرىۋىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنىدۇ. نېئودارۋىنىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولغان Ernst Mayr نىڭ شۇنداق دەيدۇ: «دارۋىن Malthusنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇشتىن بۇرۇنلا دىنى ئېتىقادىنى يوقىتىپ بولغان. دوستلىرى ۋە يېقىنلىرىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىگىلەش ئۈچۈن خۇددى ياراتقۇچىغا ئىشەنگەندەك ئۇسلۇپنى پات - پات قوللىنىپ تۇرغان. لېكىن خاتىرە دەپتىرىگە يازغانلىرى ئۇنىڭ بىر ماتىرىيالىست ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيتتى». دارۋىن ئائىلىسىدىكلەرنىڭ دىنغا بولغان پوزىتسىيىسىنى نەزەرگە ئېلىپ دىنغا بولغان كۆز قارىشىنى ھەر ۋاقىت يۇشۇرۇن تۇتۇپ كەلگەن ۋە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن شۇنداق بايان قىلغان: «يىللار ئىلگىرى بىر دوستۇم ئەگەر ئەنگىلىيەدە ئىلمنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى ئويلىسام ماڭا ھەر تەتقىقاتىمدا دىن مەسىلىسىگە ئورۇن بەرمەسلىكىمنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلدى ۋە بۇ تەشەببۇس بۇ ئىككى مەسلىلىنىڭ ئورتاق مۇناسىۋىتىنى ئويلىنىشىمغا تۈرتكە بولدى. ئەگەر كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ بۇنچىلىك دەرىجىدە لىبىرال (ئەركىن) بولۇپ كېتىشىنى پەرەز قىلالىغان بولسام ئىدىم بەلكىم باشقىچە مۇئامىلە قىلىشىم مۇمكىن ئىدى.» دېمەك دارۋىن دىنغا بولغان ئاشىكارە ئىنكار پوزىتسىيىسىنى يۇشۇرغان بولۇپ بۇنى كارل ماركىس بىلەن بولغان خەت ئالاقىسىدىنمۇ كۆرۈش مۇمكىن. يەنى كارل ماركىس Das Kapital «كاپىتال» دېگەن ئەسىرىنى دارۋىنغا بېغىشلىماقچى بولغىنىدا يەنە ئائىلىسىنى باھانە كۆرسىتىپ بۇنداق ئاتىئىىست پىكىرلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر كىتاپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى ئويلاپ ماركىسنىڭ بۇ تەكلىپىنى كەسكىن رەت قىلغان. شۇنداقتىمۇ دارۋىننىڭ مەنىۋى ئۇقۇملار ۋە ئېتىقادلارغا قانچىلىك دەرىجىدە چاكىنا كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۇنى ئۆز جىيەنىگە ئېيتقانلىرىدىن كۆرۈش مۇمكىن:
«پۈتۈن ئىنسانى تۇيغۇ-ھېسسىياتلارغا ھايۋانلاردا ئىزى داۋام قىلىلايدىغان بىر مىكروپقا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىمەن.» سۆزىنىڭ داۋامىدا دارۋىن ئاللاھ ۋە دىن ھەققىدە شۇنداق بىر باتىل قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ:«بالىلارنىڭ مېڭىسىگە سىڭدۈرىلىۋاتقان ئاللاھ ئېتىقادىغا دائىر تەلەپچان تەلقىنلەرنىڭ تېخىچە تەرەققى قىلمىغان مېڭىلەردە كۈچلۈك تەسىر ھەتتا ئېرسىي تەسىر شەكىللەندۈرۈش ئېھتىماللىقى نەزەردىن ساقىت قىلىنماسلىقى كېرەك. چۈنكى بىر مايمۇننىڭ يىلانغا قارشى ئىپادىلىگەن ئىچكى نەپرەت ۋە قورقۇنچىسىنى يوقىتىشى قانچىلىك قېيىن بولسا بالىلاردىكى ئاللاھقا بولغان ئېتىقادنى يوقىتىشمۇ شۇنچىلىك تەسكە توختايدۇ.» دېمەك دارۋىن بۇ يەردە بالىلارغا ئاللاھقا ئىشىنىشنى ئۆگىتىشكە قارشى چىققان ۋە بۇ ئېتىقادنىڭ يوقىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۆز ئەسلىمىلىرىدە گەرچە داۋىن ياش ۋاقىتلىرىدا ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىغا بەزەن ئىشەنگەنلىكىنى يازسىمۇ كېيىن ئېتىقادسىزلىقنىڭ ئۆزىنى پۈتۈنلەي چىرمىۋالغانلىقىنى يازغان. «...شۇنداق قىلىپ ئېتىقاتسىزلىق مېنى ئاستا ئاستا ئۆز چاڭگىلىغا ئالدى ۋە ئاخىرى تاماملاندى».
داۋىننىڭ ئايالى ئېمما دارۋىننىڭ بىر ئەسلىمىسىدە شۇنداق بىر خاتىرە بار «... ئاللاھ ئېتىقادىنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن (چارلىز دارۋىندىن) بەك نەپرەتلىنىمەن»
دارۋىن ئۆزىنىڭ دېنى ئېتىقادىنى قانداق قىلىپ پۈتۈنلەي يوقاتقانلىقىنى ئۆز ئېغىزى بىلەن شۇنداق يازغان:
«دىنى ئېتىقادىم تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ناملىق كىتابنى يازغان ۋاقتىمدىن ئىتىبارەن ئاستا- ئاستا ۋە تەدرىجى ھالدا تولىمۇ زائىپلىشىپ كەتتى.»...
دارۋىن يەنە بىر سۆزىدە: «ھەممىگە كۈچى يېتىدىغان ۋە ھەممىنى بىلىدىغان بىر ئىلاھنىڭ ھەممە بۇيرۇقنى بەرگەنلىكى ھەممە نەرسىنى بىلگەنلىكى قوبۇل قىلىنىشى كېرەك. دۇرۇسلۇق بىلەن ئېيتىشقا توغرا كەلسە لېكىن مەن بۇنى قوبۇل قىلالمايمەن.»
دېمەك دارۋىن ئاللاھنىڭ بارلىقىنى قوبۇل قىلىش كېرەك دەپ قارىسىمۇ ئۆزى كىبىرى تۈپەيلى ئۇنى قوبۇل قىلمىغان.
مەنبە: Gertrude Himmerfarb, Darwin and the Darwinian Revol بەت -381-382. Francis Darwin, "The Life and Letters of Charles Darwin", D. Appleton and Co., 1896, Chapter 1.VIII., Religion).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sultan1arif تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-9 01:07 AM