قۇرئان كەرىمدە: سۈرە نىسا 3- ئايەتتە مۇنداق دىيىلگەن...
ئەگەر يېتىم قىزلارغا (ئۆيلىنىپ) ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن (يەنى تەربىيەڭلاردا بىرەر يېتىم قىز بولۇپ، ئۇنىڭغا شۇ قىزغا باراۋەر تۇرىدىغان قىزغا بېرىلىدىغان مەھرىنى بېرەلمەسلىكىڭلاردىن) قورقساڭلار، ئۇنى تەرك ئېتىپ، ئۆزەڭلار ياقتۇرىدىغان باشقا ئاياللاردىن ئىككىنى، ئۈچنى ۋە تۆتنى ئېلىشىڭلارغا بولىدۇ، ئەگەر (ئۇلارنىڭ ئارىسىدا) ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن بىلەن ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر بىلەن كۇپايىلەنسەڭلار بولىدۇ. بىر خوتۇن بىلەن كۇپايىلىنىش زۇلۇم قىلماسلىققا ئەڭ يېقىندۇر. ( 3 )
يەنىلا بىر خوتۇن بىلەن ئۆتۈشكە ئالاھىدە ئەسكەرتكەن!!!! يەنە سۈرە نىسا 129- ئايەتتە قايتا تەكىتلەپ، مۇنداق دىگەن......
قانچە تىرىشساڭلارمۇ ئاياللىرىڭلارغا (مۇھەببەتتە ۋە دىلنىڭ مايىللىغىدا) باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇشقا ھەرگىز قادىر بولالمايسىلەر، شۇنىڭ ئۈچۈن بىرسىگە پۈتۈنلەي مايىل بولۇپ، ئىككىنچىسىنى (ئېرى باردەكمۇ ئەمەس، يوقتەكمۇ ئەمەس) ئېسىپ قويۇلغان ئايالدەك تاشلاپ قويماڭلار، ئەگەر (بۇ جەھەتتىكى قۇسۇرلىرىڭلارنى) تۈزەتسەڭلار، (يەنى ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشتىن) ساقلانساڭلار، اﷲ ئەلۋەتتە (سىلەرگە) مەغفىرەت قىلىدۇ، رەھىم قىلىدۇ. ( 129 )
ھەممىنى بىلگۈچى رەببىمىز شۇنداق دىگەن: بىرنى، ئىككىنى، ئۈچ- تۆتنى ئالساڭلار ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەرگىز باراۋەت مۇئاملىدە بۇلالمايسىلەر، شۇڭا ئۆزەڭلارغا زۇلۇم قىلغۇچى بولماڭلار.... نەپسىڭلارنى يىغىڭلار... دىگەن...
ئەمما بەزىلەر ئالدىنقى بىردىن تۆتكىچە ئالساڭلار بۇلىدۇ دىگەننى ئۇقۇپ، ئارقىسىدىكىسىنى كۆزىنى يۇمۇپلا ئۆتۈپ كەتكەن.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulpukar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-29 02:36 AM