0996yaprak يوللىغان ۋاقتى 2012-12-29 10:12 AM
ئىمان ئىنساپ، شەرمى ھايا يۈكسەكلىگىدە تۇرۇپ تەھلىل قى ...
ئىمان ئىنساپ شەرمي ھايا دۆلەت ياكى رايۇن ئايرىمايدۇ.شۇڭا شىنجاڭ ياكى ئەرەپ دەپ ئايرىشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوق.
ئەرلەرنىڭ كۆپ خۇتۇنلۇق بۇلۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى ھەرگىزمۇ سىز ئويلىغاندەك..يىتىم يىسىر ئاجىز ئاياللارنىڭ بېشىنى سىلاش ۋە ياكى يولدىن چىقىش كىنىشكىسى باردەكلەرنى ياكى شۇنداق ئىھتىمالى بارلارنى توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈنلا يولغان قۇيۇلغان ئاددى ئىش ئەمەس.ھەدىستىمۇ بار،دىيانەتلىك ئاياللارنى ئېلىڭلار دەپ.پاھىشلەرنى ئۆزگەرتىڭلار كۆپ ساۋاپ تاپىسلەر دىگەن گەپ بىر قسىم كىشلەرنىڭ تەنە بىلەن ئېيتىشقان گەپلىرى(ئەلۋەتتە پاھىشىلەر بىلەن توي قىلماڭلار دىگەن گەپمۇ يوق).بۇنىڭدا ئەرلەرنىڭمۇ يولدىن چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش(چۈنكى ئاياللارنىڭمۇ ھەر خىل مىجەزلىكىلىرى بارئوت،سۇ،شامال،تۇپراق مەسەللىكلىرى،تۆت خىل قان تىپىمۇ ھەم شۇنداق،بۇنداق ئەھۋالدا ئەر ئىككى خىلدىن ئارتۇق مىجەز-خۇيلۇق ئاياللار بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن كىين،باشقا ئاياللارغا يەنە شەھۋىتى ئۇرغۇشى ئاز بۇلىدۇ)،تۇللۇقنى تۈگىتىش،تەقۋا ئەرلەرنىڭ ھۆددىسدىن ھەرگىز يالغۇز بىرلا ئايال چىقىپ بۇلالمايدۇ،شۇڭا بىر نەچچە ئايال (جىق بولغاندا تۆت ئايال) بىرلەشسە ئاندىن بىر تەقۋا ئەرنىڭ ئەمەلىگە تەڭ ياندىشىپ ماڭالىشى مۆمكىن(ئاياللارنىڭ تەقۋا بۇلالماسلىقىدا نۇرغۇن سەۋەپلەر بار)،شۇنداقلا ئەر-ئاياللارنىڭ ھەرئىككىسىنىڭ توي قىلىشى ئاسان بۇلىدۇ(بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك تويلۇق ئېغىر بولۇپ كەتكەن ئەھۋاللاردا)،بۇ خىل كۆپ خۇتۇنلۇق تۇرمۇش ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپكە ھەم بىر سىناق،ياكى ساۋاپ تاپىدۇ ياكى ھالال ئەمەلنى جايلاپ داۋاملاشتۇرالماي ھارامغا چىقىرىپ زىيان تارتىدۇ.بۇلارنىڭ ھەممىسى مىنىڭ يۈزەكى قىياسلىرىم.قېىنى قايسىڭلار بىر ئايالنىڭ تۆت ئەرلىك بۇلۇش ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭلار؟ ئەر-ئايال شۇنىڭ ئۈچۈن جىنىس ئايرىلىپ يارىتىلغان.بۇ يەردە ئەر-ئايال باراۋەر بۇلۇش بولماسلىق مەسلىسى ياكى ئادىلسىزلىق دىگەن مەسلە مەۋجۇت ئەمەس
ئەلۋەتتە مەن ھەرگىىزمۇ ئەرلەر تۆت خۇتۇن ئېلىڭلار دىمىدىم.ھەم قانۇنىمىزدىمۇ يول قويمايدۇ.مەن پەقەت دىندا رۇخسەت بارلىقىنى ۋە قسمەن ھىكمەتلىرىنى ئويلاپ يىتەلىگىنىم بۇيىچە يۈزەكى بايان قىلدىم.(قالغىنىنى بىلگۈچى ئاللاھدۇر)
سىز مىسالغا ئالغان ھاجىم ۋەقەسى ئارقىلىق،قسىمەنلىك بىلەن پۈتۈنلۈكنى رەت قىلماڭ ھەم باشقىلارنىڭ ھەقنى رەت قىلىشغا يول ئاچماڭ...سىز دىگەندەك ئۆز نەپسى ئۈچۈن خۇتۇن ئالىدىغانلار ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇنكەن....ئەمما ھەق باتىلنىڭ جىقلىقى تۈپەيلىدىنلا ناھەققە ئايلىنىپ كەتمەيدۇ.