مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yancin

ئۈرۈمچىلىك ئاياللار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھەربىر تىنىقىڭن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12459
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6398
تۆھپە نۇمۇرى: 889
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىنداشلار، مەيلى قايسى شەھەردە بولايلى ھەممىمىز بىر قېرىنداش، ھەممە شەھەردە ياخشى يامان ھادىسىلەر مەۋجۇت.
ئۈرۈمچىدىمۇ نې نې ئېسىل كىشىلىرىمىز بار . ئۈرۈمچى چوڭ شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن مەلۇم ئىللەتلەر ئۈرۈمچىدە زور سالماقنى ئىگەللەيدىغانلىقى بۇ ھەقىقەت. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەنلا ئۈرۈمچىنى ئاقچى كۆكچى دەيدىغانلار ئۆزىمىزنى بېسىۋالايلى. ماۋۇ تېمىنى خاتا چۈشىنىۋىلىپ، ھەممە ئۈرۈمچىلىكنى سۆكۈپتۇ دېگەن قېرىنداشلارمۇ سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى بېسىۋىلىپ، بۇنداق تېمىلارغا ئىلمىي قارايلى. بۇنداق ئىللەتلەر نەدە بولسا تۈزەتسەكلا بولىدىغۇ؟!  نېمە بۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ؟؟؟؟؟؟  
تېما يازغۇچى قېرىنداشلارمۇ تېما ئىسمىنى قويغاندا  ياكى تېما مەزمۇنىنى يازغاندا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ سالىدىغان مەزمۇنلارنى قىستۇرۇپ قالماسلىققا دىققەت قىلساق،  ياكى بۇنى ھەممىسىگە قاراتمىدىم دەپ ئەسكەرتىش بېرىپ قويسا ، بولمىسا مۇشۇنداق ئۇقۇشماسلىق چىقىپ، ياخشى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىدىغان ئىش چىقىدۇ.
ئەڭ مۇھىمى ھەممىمىز ئىلمىي بولايلى!  
يۈرىكىمىز ئورتاق سوقىدۇ ئەمەسمۇ!

ھەربىر تىنىقىڭنى ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19228
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 3948 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ ئاپام ئۈرۈمچىلىك!مېنىڭ ئاغزىمغا ئىلىم سالغان تۇنجى ئوقۇتقۇچىم ئۈرۈمچىلىك ئايال!ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىم ئۈرۈمچىلىك ئايال!سۆيۈملۈك كۆيۈمچان بالىلىرىمنىڭ ئاپىسى ئۈرۈمچىلىك!قېينىئاپام ئۈرۈمچىلىك!ھەرقايسى بىلىم يۇرتلىردا،پەن-تەتقىقات يۇرتلىرىدا تىنىمسىز جان كۆيدۈرۈپ خەلقنىڭ غېمىنى يەپ،خەلق ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان،ئاخبارات،نەشرىيات ئورۇنلىرىدا كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ قەلەم تەۋرىتىپ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللنىۋاتقان ،ئىلمى ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان مىڭلىغان ئۈرۈمچىلىك ئاياللار ھەم ئۈرۈمچىلىك!
ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ بۆشۈگى،ئۇيغۇر پەن-تېخنىكىسىنىڭ ئوچىغى بولغان ئۈرۈمچىدە بىزنىڭ ئۈرۈمچىلىك قىز-ئاياللىرىمىز بولمايدىكەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئوقى سۈنغان ھارۋىدەك قىيسىيىپ قېلىشى مۇقەررەردۇر!
سىز دەۋاتقان ئۈرۈمچىلىك ئاياللار ئىچىدە ئۇيغۇر مەدنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان ئەڭ چوڭ ئاياللار توپى دەل ئۈرۈمچىدە!

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tohtihan1 + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
nazigul8 + 100 دەل شۇنداق!!!
akyupurmak + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
uyghardis + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 246   باھا خاتىرىسى

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89524
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 26
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-1-3
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنڭچە ھەممە ئۇيغۇر ئاياللىرىمىز ئۈزىمىزنىڭ ئەسلى ۋە نەسلىنى ئۇنتۇپ قالماسلىكىمىز زۈرۈر ،تىما گەرچە بىر تەرەپلىمىدەك بولغىنى بىلەن ھازىرقى ئاياللىرىمىزنىڭ ئۇمۇمى ھالىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن

ئىسلام قىزى ` !

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27525
يازما سانى: 136
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6023
تۆھپە نۇمۇرى: 294
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2011-1-23
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىڭىزمۇ دەپسىز ، نەزىرەدەك ئاياللارمۇ بار دەپ .. شۇڭا ئۈرۈمچىلىك ئاياللار دەپ بىراقلا ئۇ قاتارغا چىقىرۋەتمەڭ . تىگىدىن يەرلىك ئۈرۈمچىلىكلەر ئۇنچە ئەمەس .

قەلىبلەر ئاللاھنى ئەسلەش بىلەن ئارام تاپىدۇ .....

پىچاقنى ئاۋال ئۆ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65702
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3675
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 108 سائەت
تىزىم: 2011-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

غەم قىلغۇچە ،پەم قىل .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42615
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 14014 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەيييييييييي !
تېما يوللىغۇچىغا ئىلتىماسىم ماۋزۇنى «ئۈرۈمچىلىك ئاياللار » دەپ ئالماي « ئۈرۈمچىدىكى ئاياللار » دەپ ئالساق بولماسمۇ ؟!
قوشۇلسىڭىز تەھرىرلىۋىتەي ، ئىپادە بىلدۈرۈڭ ~

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86881
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2013-1-5 12:08 PM
ھەيييييييييي !
تېما يوللىغۇچىغا ئىلتىماسىم ماۋزۇنى «ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
تەھرىرلىمەسلىكىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. چۈنكى بىزنىڭ ئىنكاسلىرىمىز ئۇ چاغدا بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ تېمىنى ئەمدى كۆرگەنلەر بىزنى نېمىگە قاخشايدىغاندۇ دەپ قالىدۇ. توغرا چۈشىنىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. رەھمەت.

دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86881
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1406
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 222 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن بىر ئىنكاس يېزىپ باقاي.
‹‹ئەرەپنىڭ غورۇرى -ئەرەپ مۇنارى›› دەپ بىر تېما يوللانغىلى نەچچە كۈن بوپتۇ. بۈگۈن قارىسام خېلى ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ. مەلۇم بىر توردىشىمىز ‹‹مۇشۇ ئەرەپلىنڭ قانچىلىك قىلىقسىز،ساپاسىز مىللەت ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز كاشكى!!! ›› دەپتىكەن جىق تورداشلار ھەممە ئەرەپلىكنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىكنى ئېيتىپتۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، سىلەرنىڭ شۇ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭلار يەنى ئۈرۈمچىلىك ئايال ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىڭلارنى شۇ ئەرەپلەردىنمۇ تۆۋەن كۆرۈۋاتامسىلەر؟ بىرسى ئەرەپنى بىر نەرسە دەپ قويغانغا جىق ئادەم بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىكنى دەپتۇ. ماۋۇ شېئىردا ‹‹ئۈرۈمچىلىك ئاياللار›› دەپ ئۈرۈمچىدىكى ھەممە ئايالنى ئوخشاشقا چىقىرىپ سۆكسە ‹‹بىر تاياقتا ھەيدىمەڭلار›› دېگەندىن ساناقلىقلا چىقتى. گېپىمنى ئوبدان ئويلىنىپ بېقىڭلار.
بەزىلەر ‹‹ھەممە ئۈرۈمچىلىك ئايالنى سۆكمىدى›› دېيىشى مۇمكىن. ماۋۇزۇ نېمە؟ ماۋزۇدا دېيىلىۋاتقان نېمە؟ ماۋزۇدا ھەم شېئىر مەزمۇنىدا ‹‹قىسمەن›› دېگەن گەپ بارمىكەن. ھەيييييييييي.
مەسىلەن ھازىر باشقا بىرەر مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىڭلارنى سۆكۈپ يەنى چەتئەلدىكى بىز بىلەن بىر مىللەت ئەمەس مۇسۇلمانلارنى سۆكۈپ شېئىر يازغان بولسا، ئۇ چاغدا ‹‹ ئۇنداق دېمەڭ، ھەممىسى ئۇنداق ئەمەس، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەڭ›› دەيدىغانلار يۈزدە يۈز چىقىدۇ ھەم جىق چىقىدۇ. چەتئەللىك بولغانلىقى ئۈچۈنما؟ چەتئەللىك مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈنما؟ ئەرەپ بولغانلىقى ئۈچۈنما؟ مۇسۇلمان قېرىنداش بولغانلىقى ئۈچۈنما؟  بەزىلەر تېخى ئەرەپنى دادىسى-ئاپىسىدەك كۆرىدۇ تېخى. ئۆزىنى ‹‹ئەرەپنىڭ ئەۋلادى بىز›› دېگەن ئۇيغۇرنىمۇ كۆرگەن. بۇ راست گەپ.
ئاۋال ئۆز مىللىتىدىن باشلاش كېرەك. ئۆز مىللىتىگە يان بېسىشنى بىلگەن، ئۆز مىللىتىنى كۆككە كۆتۈرۈشنى بىلگەن، ئۆز مىللىتىنى يۆلەشنى بىلگەن، ئۆز مىللىتىگە ياردەم بېرىشنى بىلگەن، ئۆز مىللىتىنى چىن يۈرىكىدىن سۆيگەن، ئۆزىنىڭ شۇ مىللەتتىن ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىغان مىللەت ئۇزۇنغا قالماي تەرەققىي قىلىدۇ. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولغان مىللەت بارا-بارا بۇ دۇنيادىن يوقىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۆزىنى سۆكۈش، توختىماي ئەيىبىنى ئېچىش، كوچىلاش، سېتىش... ۋە ھاكازالار.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tohtihan1 + 126 ماختاشقا تېگىشلىك
nazigul8 + 100 تەپەككۇر بىلەن قىلغان.
akyupurmak + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 236   باھا خاتىرىسى

دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41260
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4505
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 4554 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي، بۇ مۇنبەردە قاچانلا قارىسا ئاتالمىش ئىمان، مىللەت، غورۇر، ۋىجدان،قىز-ئاياللار  توغۇرلۇق تېمىلارنى يېزىپ شۇئارلارنى توۋلاپ كىتىدىكەنمىز،  راستىنلا شۇنداق ئېسىل ئالىيجاناپ خەقمىزمىكىن دىسە مۇشۇ تور دۇنياسىغىمۇ پېتىشماي  ئىنكاسلاردا بىر-بىرىمىزنى تىللىشىپ كىتىمىزكەن. چېچىنى بوياپتۇيەي، كىيىمنى ئۇزۇن كىيىپتۇيەي، قىسقا كىيىپتۇيەي دەپ غەيۋەتكە چۈشۈپ كىتىمىزكەن، كومپيوتېر ئالدىدىن قوپماي ئولتۇرۇپ قانداقتۇر غورۇر ۋىجدان توغۇرلۇق تېما يېزىپ قويغانغا ۋىجدانلىق بوپقالمايمىز، ياكى مۇشۇنداق تېمىلارنى يېزىپ قالتىس ئىش قىلۋەتكەن چولپان بوپقالمايمىز......
مۇشۇنداق غەيۋەت، قۇرۇق پاراڭغا سەرىپ قىلغان ۋاقىتنى بىرە ياخشى ئىشقا سەرىپ قىلىڭ، شۇندىلا ياردىمىڭىزگە ئىرىشكەن كىشىنىڭ مىننەتدارلىقىغا ئىرىشىپ ساۋاپ تاپىسىز، ئۆزىڭىزمۇ يەڭگىللەپ قالىسىز،
بۇ يەردە غەيۋەت قىلىپ  ئولتۇرۇش ئىمان-ئېتىقادلىق، ئالىيجاناپ كىشىنىڭ ئىشى ئەمەس، ھەم سىزدىن ھىچكىم سىزدىن خۇش بولمايدۇ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 100 توغرا دەيسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41260
يازما سانى: 408
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4505
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 4554 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىنى كۆرىۋېتىپ مۇنداق بىر يۇمۇر بىلەن بىر كۇپلىت شېئىر ئىسىمگە كىلىپ قالدى:

يۇندىسىنى ئىت كۆرمەس تۈتۈنىنى بۇلۇت،
بەدىنىنى پىت يىمەس، گەندىسىنى قۇرۇت،
پۇل دىسە سىلايدۇ بەش قېتىم بۇرۇت،
ھارامنى يەپ تۇرۇپ ئۇقۇيدۇ دۇرۇت!

يۇمۇر: لېيفېڭ روھىدىن ئۆگىنىۋاتىمەن

ئەكبەر مەكتەپتىن قايتىپ كىلىپ لېيفېڭ توغۇرلۇق بىر كىتاپنى ئۇقۇۋاتاتتى، بىردەمدىن كىيىن قوشنا ئۆيدە يالغۇز تۇرىدىغان موماي ئىشىكنى چەكتى.
_كىم؟
_بۇ مەن، ئەكبەر بالام، ماڭا ياردەملىشىپ بىر چىلەك سۇ ئەكىرشىپ بەرگىنە.
_موما، مىنىڭ ھازىر ۋاقتىم يوق،لېيفېڭ روھىدىن ئۆگىنىۋاتاتتىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   akyupurmak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 05:59 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 39 نەق كەپتۇ ئۇ شېئىر يۇم.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 39   باھا خاتىرىسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش