مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: yancin

ئۈرۈمچىلىك ئاياللار   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14961
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1492 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئاياللار قەيەرلىك بولسۇن بەرى-بىر ئايال ۈەنى ئۇلۇغ ئانا.شۇڭا ئۇلارغا دەيدىغان ھېلىقىدەك گەپلىرىمىزنى لىتاپىغا سېلىپ ئۆزىگىلام بىۋاستە ئىبەرتسەك قانداق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84512
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ خىلدىكى تېمىلار  تور تاقىلىشتىن ئىلگىرى سەلكىن ،شەبنەم مۇنبىرىگە يوللانسا ئۈرۈمچىلىك  تورداشلار چىقىپ ئۈرۈمچىدىكى "ئۈرۈمچى نىقابى"نى تاقىۋالغانلارنى ئايرىشقا ئامال بولمىغانلىقتىن ،ئىچكىرىدىكى مەسىلەن يېۋۇدىكى زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى،گۇاڭجۇ،شېىنجىندىكى ئوغرى-يانچۇقچى ،ئۈچكە ھەمرا قىزلارنىڭ يۇرت تەۋەلىكلىرىنى قۇدرىتى يەتكەنچە سېلىشتۇرپ رەددىيە بېرەتتى ،تور ئېچىلغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىلىك تورداشلار ياكى بۇ تېمىغا قىزىققۇچىلار ئىلگىرىكىدىن ئازىيىپ كەتتى ،نۇرغۇن پاجىئەنىڭ شاھىدى بولغان ئۈرۈمچىنى تەنقىدلىگۈچى يولداشلارنىڭ "تەنقىد"لىرى توختاپ قالمىدى،(كۆپ كىشىدە شۇنداق بىر  ئالاھىدىلىك بار يەنى خوشىنىسىنىڭ قوش كۆرىنىدىغان ،ئىچكىرىدىكى خەنزۇ يولداشلار بىر ئىككى ماتاڭچى ،ئون يىگىرمە يانچۇقچىنى تۇتقا قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭلىقلارنى تىللاپ ئۆزىدە بار ئەيپ -نۇقسانلارغا دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرۋالغانغا ئوخشاش)
  تېمىغا كەلسەم كۆپچىللك يولداشلار ئۈرۈمچى توغرىسدا توختالسا ئەنئەنىدىن چەتنىدى ،ئەسلىنى ئۇنتۇدى ،بىزگە ئۈلگە بولمىدى دەپ ئاغرىنىشىنى تولىمۇ يوللۇق دەپ قارىشىدۇ  ...
   شىنجاڭدىلا ئەمەس دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدا شەھەردە زامانىۋىلىشش،تەرەققىيات،دۇنياۋىلىش كۆرۈنەرلىك ،يېزا -قىشلاقلاردا ئەنئەنە،مەدەنىيەت ،خاسلىق پۇرىقى كۈچلۈك،  چۈنكى شەھەردە خىلمۇ خىل مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىدۇ ،قوبۇل قىلىش -ئارىلىشش،شالغۇتلىشش توختاپ قالمايدۇ ،ئۈرۈمچىدىلا ئەمەس توكيۇ،سېئۇل ،ئاستانە ،ئەنقەرە ھەممە شەھەردە مىللىي كىيم كىيىۋالغانلارنى  ئەمەس ،دۇنيادا ئومۇملاشقان كىيملەرنى كىيىۋالغانلارنى كۆرىسىز،بىر مىللەتنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى شۇ مىللەتتىكى ئىختىساس ئىگىلىرى ،شەھەرلىشش نىسبىتى( يەنى تەرەققىيات بىلەن  بىلەن ئۆلچىنىدۇ) ،مىللەتنىڭ خاسلىقى تىل ،كىيىم -كېچەك ،ئۆرپ -ئادەتلەر ئىچىدىن دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر بىرىنچى تىل خاسلىقىدىن ۋاز كەچمىدى،قالغانلارنى ئۇنتۇمىغان ئاساستا بەك قاتتىق تەلەپ قويمىدى ،( مەخسۇس سورۇنلۇق ،ۋەكىل خاراكىتىرىگە ئىشلىتىش ھالىتىگەيۈزلەنگەن خاسلىقلارمۇ بار)مىللەتنىڭ خاسلىقىنى قوغداش مىللەتتىن شۇنى قوغداپ قالالىغۇدەك كۈچ، تەرەققىياتنى تەلەپ قىلىدۇ ، بولمىسا مەدەنىيەت زوراۋانلىقى ئالدىدا سىز قانچە شوئار توۋلىماڭ ،ھەتتا تىل خاسلىقىڭىزنىمۇ ساقلاپ قالالمايىسز،ھېسسي مىللەت شوئارغا ،غايىگە ئامراق كېلىدۇ ،ئەقلىي مىللەت رېئاللىققا ،ئەمەلىي كۈچكە ،شاللاش-شاللىنىش مۇناسىۋىتىگە بەكرك ئېتىبار بىلەن قارايدۇ .....،تەرەققىيات دېگەنلىك شەھەردىكى ئەخلاق بۇزۇلىشىلا ئەمەس ،ئىككى كۆزىڭىزنى تەڭ ئېچىپ قارىسىڭىز ،شەھەردىكى ئويۇن -تاماشا سورۇنلىردىكى بىكارچىلارنىلا ئەمەس، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى ئالىم -دوكتۇلارنىمۇ كۆرەلىشىڭىز مۇمكىن،بارلىق قەلەم تەۋرەتكۈچى شائىرۇ -ئەدىبلەر قەلەمنى قولىڭىزغا ئېلىشتىن  بۇرۇن شەھەرلىشىشىنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىنىلا تەسۋىرلەپ شەھەرلىششكە بېرىلگەن ئىزاھاتنى مۇقىملاشتۇرۇپ قارشى جامائەت پىكىرى توپلاشنىڭ ئەھمىيى توغرسىدا تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئويلىنىپ باقارىسز ...
ئەسلىنى ئۇنتۇش مەسلىسىگە كەلسەك بۇ جەھەتتە تەنقىدچىلەر بىلەن خەنزۇ يولداشلاردا ئوخشاشلىق بار ئىكەن ،بىر قىسىم خەنزۇ يولداشلار دائىم بىزلەرگە ئۈرۈمچىلىكلەر جەنۇپتىن كەلگەن دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مەلۇم مەسىلىلەرنى ئىسپاتلىماقچى بولىشىدۇ ،بىز ئۈرۈمچىلىكلەر ئۈرۈمچنىڭ خەنزۇچە ئاتالغۇسىنىڭ ئازسانلىق مىللەت ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكگە ئاساسلىنىپ يەنە باشقا مەسلىلىنى ئىسپاتلايمىز ،ئۈرۈمچىدە ئەلۋەتتە يەرلىك ئۇيغۇرلار بار، تارىخىمۇ قىسقا ئەمەس، لېكىن كۆپ ئەمەس ،چۈنكى ئىلگىرى بۇ يەر مەركەز ئەمەس ،ئادەتتىكى بىر يۇرت ئىدى،ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭ تېگى چوقۇم  دېھقان ،ئىنسانىيەت جەمئىيەت تەرەققىيات ئوۋچىلىق -چارۋىچىلىق -دېھقانچىلىقتىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى ھالەتكەن يەتكەن ، دېمەك  پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ  تېگى دېھقان ،دېھقانچىلىق ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىن تارتىپ ھازىرغىچە مەم مەڭگۈ مەۋجۇت كەسىپ    ... مېنىڭ داداممۇ خوتەنلىك بىر دېھقان بالىسى ئىكەنتۇق ،ئۈرۈمىچىدە كانغا ئىشچى ئېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ ئۈرۈمچى سەپىرىگە ئاتلىنىپتىكەن ، مەن دادامنىڭ بۇ تاللىشنى توغرا دەپ قارايمەن ،سەن نېمە دەپ يۇرتىڭدا دېھقانچىلىقتەك مۇقەددەس كەسپنى قىلىمىدىڭ دەپ ئاغرىنمايمەن ، دادامنىڭ دېيىشچە ئۆز ۋاقتىدا سان توشمىغان ئورۇنلارغا ئىچكىرىدىن خەنزۇ ئىشلەمچىلەرنى  ئەچىقىپ سەپلەپتىكەن ،دادامنى  شۇ ئورۇنغا لازىم بولىدىغان بىر خەنزۇ ساننى ئازايتتى دەپ قارايمەن .......ئۈرۈمچىنىڭ ئۈرۈمچى قىلىپ قىزىتىپ تۇرۋاتقان ھەر قايسى ئىش ئورۇنلىرىدا مۇئاشلىق ئىشلەۋاتقان ئاتالمىش ئۈرۈمچىلىكلەردىن سىرت مۇتلەق كۆپ قىسىم ئۈرۈمچىدە ياشاپ تۇرغۇچى "ئۈرۈمچلىك"لەردۇر. ئۈرۈمچىلىكلەرنى بىرلا پورتېرت  قىلىپ تەسۋىرلەش  سىزنىڭ قولىڭىزدىن مەڭگۈ كەلمەيدۇ .
ئۈرۈمچى ئۇيغۇرلىرى باشقا يۇرت ئۇيغۇرلىرىغا ئۈلگە بولۇش مەسلىسىگە  كەلسەك ، سوئال سىزگە قانداق ئۈلگە كېرەك ؟جەمئىيەت بىر ئاددىي مېخانىكىلىق ماشىنائەمەس،ئۇ ئاجايىپ مۇرەككەپ كۆپ ۋېنتىلىق بىر ماشنا ... سىز ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا تاشقى قىياپەت ئۈلگىسى ئىزدەۋاتقىنىڭىزدا ئالدىڭىزدا قىسقا يوپكا كىيىپ ،چېچىنى سېرىققا مايىل قىلىپ بويىتىۋالغان ئۇزۈن چاچلىق قاڭشارلىق بىر ئوتتۇرا ياش ئايال ئۆتۈپ كەتتى ،   تاشقى قىياپەت ئۇ سىزگە ناچا تەسىر بېرىشى مۇمكىن ،لېكىن ئۇ خانىم دەل ئۇيغۇر دوكتۇر قىزى رەنا قاسىم ، يەنە بىر قارىغىنىڭىزدا ئۇزۇن كۆينەك ،ياغلىق سالغان بىر قىز كېتىپ بارغان بولىشى مۇمكىن ،سىز ئۇنى كېچە -كۈندۈز جەننەتكە كىرىشىنىلا ئويلاپ بۇ دۇنيالىقىغا سەل قارايدىغان بىكارچى دەپ قارىسىڭىز يەنە خاتالىشىسىز ئۇ بەلكىم شاڭخەي خىميە سانائەت ئۇنۋىرسىتىدا دوكتۇلۇقتا ئوقىۋاتقان مەريەمگۈل ( مېنىڭ دوستۇم مەكتەپنى ئېسىمگە ئالالمىدىم ) بولىشى ھەم مۇمكىن ،ئۈرۈمچىدە ئويۇنغا ئىنتىزارلارغا ئويۇن ئۈلگىسى ،ئىگىلىك تىكلەش كويىدا بولىۋاتقانلارغا رادىل ئابلادەك ، ئىلىم پەن ھەۋەسكارلىرىغا ساھىپجامال دۆلەتتەك ھەرقانداق ئۈلگە تېپىلىدۇ ، ئۈرۈمچىدە ئۈلگە يوق ئەمەس،پەقەت سىزنىڭ قانداق ئۈلگىنى كېرەك قىلىدىغانلىقىڭىزغا باغلىق،تاشقى ئامىل مەڭگۈ قوشۇمچە ئىچىكى ئامىل ھالقا ! ئىككى ئۈچ ئادەم ئۈرۈمچىگە ۋەكىل بولۇپ بولالمايدۇ ،قەشقەر خەلقىنى "قاشقەلىك"دەپ يۇمۇرغا قېتىپ چۈشۈرۋاتقانلار غۇلجىلىقلارغا ،  جاپى سەكرەۋاتقانلار "..." گە ۋەكىل بولالمىغنىدەك ...، جەمئىيەت بىر ئىككى ئادەمدىن ئەمەس بىر نەچچە ئون مىڭ مىليۇن ئادەمدىن تۈزىلىدۇ ،،ئۈرۈمچىلىكلەرنىڭمۇ كاللىسىى ،يۈرىكى نەچچە مىليۇن ئايرىم ئايرىم تەندە ئۇلارغا ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيا خاراكتىرىگە لازىم بىرلا ئۆلچەم قويۇپ بولالمايىسز شۇنى بىلىپ قېلىڭ، بۇ  ئاددىي مەنتىقە..
ئ  اخىرىدا ھەممىمىز مىللىتىمىزنى سۆيىمىز،لېكىن ئۆز نۆۋىتىدە يۇرتىمىزنى ھەم يۇرتداشلىرىمىزنىمۇ سۆيىمىز،سىزنىڭ باشقا يۇرت خەلقىنى بەك تەنقىد قىلغۇڭىز كېلىپ كەتسە ئاۋۋال ئۆز يۇرتىڭىزدا مىللىي مۇناپىقلىق ، پەردە ئارقىسى، قوناقلىق،سامانلىقلاردىكى  يوشۇرۇن ياكى ئاشكارا بۇزۇقچىلىقلار تۈگەپ خەلقىڭىز باشقا يۇرتقا چىقماي ياكى باشقا يۇرت خەلقى سىزنىڭ يۇرتىڭىزغا قەدەم باسمايدىغان مۇتلەق يۈز پىرسەنت يەرلىك نوپۇس ھالەت -سەۋىيىسگە يەتكەندە ئاندىن  باشقا يۇرت ھەققىدە سۆز ئاچارسىز...كونىلار "پېشانەڭنى سىلىۋەت""ئەينەككە بىر قاراپ باق "دېگەن كىنايىنى بىكار قىلمىغان   ...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   خەزنىچى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-2 12:10 PM  


ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
crazysoul110 + 100 بەك ياخشى نەقىلەرنى ك.
Kiyok + 300 ئېسىل گەپ ! باكەنسىز ھ.
tohtihan1 + 97 دەلىللەر يېتەرلىك
بانكىر + 10 ئىنكاستا خاتالىق بار.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 507   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 106
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 60 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كارۋان يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 12:04 PM
ئۈستىدىكى تورداشنىڭ پىكرىنى قوللايمەن.

مۇستەقىل پىكىرىڭلار يوقما؟ دائىم خەقنىڭكىنى قوللايدىكەنسە ھە!

خىزمەت ئورنىڭدىن يۇققان كىسەل ئوخششايدۇ بو قوللىشىڭ!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-2 11:56 AM  


سەن بۇ دۇنياغا نىمە ئۈچۈن كەلد

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31520
يازما سانى: 1494
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5689
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 436 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ.

كىمىكى زەررچلىك ياخشلىق قىلدىكەن  ئۇنىڭ مۇكاپاتىنى ئۆزى كۆرىدۇ !كىمىكى زەررچىلىك يامانلىق قىلدىكەن ئۇنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13936
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8981
تۆھپە نۇمۇرى: 342
توردا: 4570 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kar0923 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 12:07 PM
سىز مەيلى قەيەرلىك بۇلۇڭ ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر . شۇڭا ب ...

سۆزىڭىزغۇ توغرا ، لىكىن يەكچەشمىنىڭ شەھرىگە بارساق بىر كۆزۆڭنى قىسىۋال دەپ يۈرىدىغانلارنى كۆپ كۆردۇق .

بارلىقىڭلارنىڭ ھاياتى پىستىدەك تاتلىق بولسۇن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87088
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 246
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-11-11
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋايجان ، يۇرتۋازلىقنى مۇشۇ مىسرانىمغىچە سۆرەپ كىردىڭلارمۇ بالىلار ...ئۇنداق قىلىشمايلى ،
كىچىككىنە بىر تال كۆنەكتە ، ياشايدىكەن نۇرغۇن ھەرىلەر ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3525
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 99 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2013-1-6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈرۈمچىلىك ئاياللارنىڭ ئايرىم بىر قىسىملىرىغا يېزىلىپتۇ دەپ  چۈشەندىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87863
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 53
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kar0923 يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 12:07 PM
سىز مەيلى قەيەرلىك بۇلۇڭ ھەممىمىز بىر ئۇيغۇر . شۇڭا ب ...

كوريەلەك ئاياللارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.

خوراز چصللصماقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2645
يازما سانى: 704
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13400
تۆھپە نۇمۇرى: 616
توردا: 10586 سائەت
تىزىم: 2010-6-13
ئاخىرقى: 2013-1-3
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەزنىچى ئالا -جوقا ئىنكاسلارغا قاراپ بەرداشلىق بېرەلمەپسىزدە!.................ئەگەر ئاتا -بوۋىلىرىمىز ئوز ۋاختىدا جاھانداچىلىق ۋە ياكى ھەر-خىل سەۋەپلەر بىلەن ئۇرۇمچىگە چىقمىغان بولسا ، بۇ چاققىچە قەشقەر ، خوتەنلە ئۇرۇمچىگە ئوخشاپ قالىتتى. ئۇ چاغدا كىمنى سوكىتىتىڭلار، كىمنىڭكىنى غاجايتىڭلا......

بالام خوراز چىللىغىلى نەۋاق تېخىچە ئويغانمىدىڭما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86870
يازما سانى: 375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 331 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-1-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Esimda يوللىغان ۋاقتى  2012-12-31 06:40 PM
يەنە شۇ گەپ. ئاشۇنداق قىلغاننىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىلىكمى ...

قىرىندىشىم ، چىچىلىپ نىمە قىلسىز، ئۆزىڭىزنى بىكار ئۇپۇرتىسىز، قاغا قاق ئەتسۇن،ئۆز كۆڭلۈنى خوش ئەتسۇن. نادانغا سۈكۈت.بىلىشمىز كىرەككى ئىللەت مەلۇم مىللەت، ياكى يۇرتقىلا خاس ئەمەس،ھەممە مىللەتتە، ھەممە يۇرتتا ئىللەت بار، چۈنكى مۇكەممەلىك پەقەت ئاللاھقا خاستۇر. مەنمۇ جەنۇپلۇق ، بىراق مۇشۇ بىر يۇرتىنىڭ نامىنى ئاتاپ سۆكۈپ يىزلغان نەرسىلەرنى كۆرسەم ، ئىچىم پۇشۇپ قالىدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش