abdugeni601 يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 08:25 PM
ئەمىسە ‹‹ئۈرۈمچىلىك ئاياللار›› دېمەي باشقىچە ماۋزۇ قو ...
ئېغىر بولسىلا ھەممىسى ئۈرۈمچىلىك ئايال بولامدىكەن دەپ سورىدىم. جاۋاپ يوقمۇ؟ ‹‹ئۈرۈمچىلىك›› دېگەن گەپنى يازمىسا پەقەت بولمامدىكەن؟ ‹‹ئۈرۈمچىلىك ئاياللار›› دېگەندىكىن شۇ ھەممە ‹‹ئۈرۈمچىلىك ئايال›› نى كۆرسىتىدۇ. توغرىدۇ؟ ئەمدى مېنىڭ ئاغزىم ئېچىلىپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ. قېنى مەن دەپ باقاي ئەمىسە:
ئۈرۈمچىدە دىبادىن چىقمىغان، ئاشنا تاپقان، چېچىنى بويىۋالغاننىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچىلىك ئايالمىكەن؟؟؟؟؟ كوچىلاردا ‹‹ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن›› دەپ يالغان چولاق بولىۋالغانلارمۇ ئۈرۈمچىلىك ئايالمىكەن؟؟؟؟؟ كىچىك بالىنى كۆتۈرىۋېلىپ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تىلەمچىلىك قىلغان ياپياش قىزلار ئۈرۈمچىلىكمىكەن؟؟؟؟ سوغۇق قىشتا تېشىدا كىچىك بالىنى كۆتۈرىۋېلىپ تىلەمچىلىك قىلغان خوتۇنلار ئۈرۈمچىلىك ئايالمىكەن؟؟؟؟؟ ‹‹بۇنداق تىلەمچىلىك قىلىپ پۇل تاپقاندىن بىرەر يەردە ئىشلىسىڭىز بولمامدۇ؟›› دېسە ‹‹ نېمە چاتىقىڭ!!!›› دەيدىغان ئۈرۈمچىلىك ئايالمىكەن؟؟؟
يېقىندا ساقچى بىر ئاغىنەم بىر ئاق ساتىدىغان ئايالنى تۇتىۋالدى. بىرنىلا ئەمەس، نەچچىنى تۇتۇپ بولدى. بۇ قېتىم تۇتقىنى خېلى چوڭ ئاقچى. ئۇنىڭمۇ قەيەرلىكلىكىنى دېمەي.
يېقىندا، مۇشۇ ساقچى ئاغىنەم بىلەن ئىككىمىز شىركىتىمدىن كېچىرەك يەنى كەچ سائەت 12 بىلەن قايتىپ قالدۇق. نەق خەلقئارالىق چوڭ بازارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئىككى بالا، بىرسى مەس، ۋارقىراپ-جارقىراپ، ئاغزىنى بۇزۇپ، يەرگە نېمىكىن ئىشقىلىپ، بىرنەرسىلەرنى ئېتىپ ماڭدى. ئاغىنەم ئالدىنى توسۇپ، ‹‹ نېمانداق قىلىسەن كەچتە، ھەرقانچە ئىچىۋالساڭمۇ جىم قايتمامسەن›› دېدى. ئىككىسى قارىسا ساقچىدىن بىرسى تۇرغان، يېنىدىكى ئازىراق ئىچكىنى‹‹ بولدى ئاكا، خاپا بولماڭ، بىز ******(قەيەرلىكىنى دېمەي) ئىككى كۈن بۇرۇن چىققان تېخى، بىزدە كىملىك بار›› دەپ تۇرىۋالدى. مەن ‹‹ بولدىلا ئاداش، قايتىلى›› دەپ ئېلىپ ماڭدىم.
مەن دەپ كەلسەم گەپ جىق تورداش. مېنىڭ ئاغزىم ئېچىلمىغىنى ياخشى. بىز ئوبدان بىلىمىز بۇ يەرنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىقىنى. كىملەر قانداق ئىش قىلىۋاتقىنىنى، كىملەرنىڭ دىبادا يۈرىۋاتقىنىنى، كىملەرنىڭ ئىچىۋېلىپ كوچىدا ساراڭدەك ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرۈيدىغىنىنى، كىملەرنىڭ يوللاردا يېشىل چىراق يانماي تۇرۇپ ساراڭدەك يولدىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، كىملەرنىڭ ساراڭدەك ئەخلەت تاشلاپ خىيالىدا يوق كېتىپ بارغانلىقىنى << بۇ ئىش توغرىسىدا مەن خەق بىلەن تاكاللىشىپ قالغان. ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ تېخى>>..... ۋە ھاكازالار. شۇنداق جىق ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىمىز ھەم بىلىپ تۇرىمىز، ھەتتا تەربىيەمۇ قىلغان!!!!!!! ئاڭلىمىسا بىكار. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز مۇشۇنداق شېئىرلارنى يازمايمىز يەنە.
مەن شۇنى ئېنىق قىلىپ دەپ قوياي، ھازىر ئۈرۈمچىدە 20% مۇ ئۈرۈمچىلىك قالمىدى. بۇنىسى ئېنىق. ھەقىقىي ئۈرۈمچىلىكنى ئاساسەن كۆرەلمەيسىز.
تورداشلارغا دەيدىغىنىم، ئۈرۈمچىنى ۋە ئۈرۈمچىلىكنى ھەقىقىي چۈشىنىپ ئاندىن بىر نەرسە يېزىڭ. سىز چۈشەنمەي، يەنى يۈزەكىلا چۈشىنىپ يازسىڭىز ھەممىسىنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىپ قويىسىز. مەن يۇقىرىدا دەپ ئۆتكەندەك ھەم يەنە بىر دەي ئۈرۈمچىدە 20% مۇ ئۈرۈمچىلىك قالمىدى. ئۈرۈمچىدە پەقەت ئۈرۈمچىلىكلا ياشىمايدۇ. ھەر تەرەپتىن كەلگەنلەر بار ھەم جىق. كاللىڭىزنى سىلكىپ ئوبدان ئويلىشىپ بېقىڭ. گۇناھ پەقەتلا ئۈرۈمچىلىكتىمۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Esimda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 01:30 AM