kixan يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 03:34 PM
مەنمۇ شۇندا ئويدا ، بۇنداق تېما پەقەت ۋە پەقەت شۇ جىدە ...
جىق سۆزلىسەم بىكار قېرىندىشىم. ئۇيغۇر بولغاندىكىن ئۇيغۇردەك ياشىساق بولمامدۇ. بىزنىڭ بۇ قىلىقىمىز بۇ يەردىلا ئەمەس، چەتئەلدىمۇ بار. مەن ئالتە يىل چەتئەلدە تۇرۇپ كەلگەن. تۆت يېرىم يىل ياپونىيەدە، بىر يېرىم يىل ئامېرىكىدا. بۇنداق دەپ ئۆزۈمنى داڭلىتىۋالغىنىم ئەمەس. ئاشۇ يەردىكى ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىملىرى شۇنداق. بىر-بىرىنى كۆرەلمەيدۇ، بىرەرسى ئازىراق يول تېپىپ قالسا ئارانلا تۇرىدۇ كوچىلاپ.
ئامېرىكىدىكى ۋاقتىمدا بىر قېتىم بىر بالا يىغلاپ تېلىفۇن قىلىپتىكەن، كەچ بولغان ئىدى. نېمە بولدۇڭ ئۇكام دېسەم:‹‹ ئاكا، نېمانداق بىر مىللەت بىز ھە ئاكا، سەن جىق ئىش كۆرگەن، ماڭا يول كۆرسەتكەن بولساڭ. مەن زادى قانداق قىلىمەن›› دېدى. سۆزلەپ باقە، نېمە بولدۇڭ دېدىم. ئۇ بالا‹‹ ئاكا، مەن تىرىشىپ ئىشلەپ كونا Passat ماركىلىق ماشىنىدىن بىرنى 3000 دوللارغا ئالدىم. ئالغاننىڭ ئەتىسىلا كەينىمدىن بىرمۇنچە گەپ چىقىپ كەتتى. مېنى خەقنىڭ دېمىگەن گەپلىرى قالمىدى›› دەپ يىغلاپ كەتتى. مەن ئۇنىڭغا‹‹ ئۇكام، يىغلىما بولدى. خەق بىلەن نېمە چاتىقىڭ. شۇلار شۇنداق قىلىپ يۈرۈپتۇ، ھازىر نېمە كۈننى كۆرۈۋاتىدۇ بىلىسەنغۇ. قولىدىن پوق كەلمەيدۇ شۇلارنىڭ، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن. چاتىقىڭ بولمىسۇن. مەن ياپونىيەدىكى ۋاقىتتىمۇ مېنىڭ كەينىمدىن جىق ئادەم گەپ تېپىپ كەتكەن ئۇكام. ئاخىرى قانداق قىلدىم دېسەڭ، ئاساسەن ئۆزۈم يالغۇز يۈرۈيدىغان بولدۇم. جىق ئادەم بىلەن ئارىلاشمايدىغان بولدۇم ئۇكام. مەنمۇ تويغان ئاغزى بۇرنۇمغىچە. بولدى چىدىۋەت. بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ. خۇدايىم كۆڭلىگە ئىنساپ بېرەر›› دېدىم. بىزدىكى بۇ ئىشلار كەسىپ بولۇپ قالدىمۇ؟ دېسەم گەپ جىق.