norabla يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 12:18 PM
ھەقېقې ئۇيغۇرلارنېڭ تۇرمۇشې
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، سىز تور بىلەن ھەپىلەشكىلىمۇ خېلى بوپ قاپتۇ...مۇمكىن بولسا سىز ‹ې › ھەرىپى بىلەن ‹ى› ھەرىپىنىڭ پەرقىنى بىلىۋالسىڭىز بوپتىكەن...سىز كۆپ ھاللاردا ‹ى›ھەرىپىنىڭ ئورنىغا ‹ې›ھەرىپىنى ئىشلىتىدىكەنسىز. كېسىپلا دېگەندە سىز ‹ى› ھەرىپىنى پەقەتلا ئىشلەتمەي، ھەممە سۆزلەرگە ‹ې›ھەرىپىنى ئىشلىتىدىكەنسىز، مۇشۇنداق يېزىپ يۈرۈپ باشقىلارنىڭ نۇرغۇن قېتىم سىزگە تەكلىپ بەرگىنىنى كۆردۈم.
بۈگۈن قارىسام ‹ ھەقېقې ئۇيغۇرلارنېڭ تۇرمۇشې
› دەپ يېزىپسىز....
سىز كومپىيۇتىر تاختىسىدىكى H كۇنۇپكىسىنى باسسسىڭىز سىز يازالمايدىغان ‹ى› ھەرىپى چىقىدۇ...بىلگەن بولسىڭىز ماڭا بۇ تەكلىپىمنىڭ جاۋابىنى بېرىۋىتىڭ....
‹ې› بىلەن ‹ى› ھەرىپىنى ئۆزى ماس كېلىدىغان يەرلەرگە ئىشلىتىڭ. ئەگەر قايسى سۆزلەردە ئۇلارنىڭ قايسىسىنى ئىشلىتىشنى بىلەلمەي قالسىڭىز مۇنداقلا قىلىڭ، يەنى ھەممە سۆزلەردە H كۇنۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق ‹ى› ھەرىپىنى چىقىرىپ شۇ ھەرىپنى ئىشلىتىڭ.... ‹ې› ھەرىپىنى ئىشلەتمەڭ.
لېكىنغۇ بەزى سۆزلەرگە ‹ې›نى ئىشلەتمىسە تېخى بولمايدۇ، سىز بىر ئۇيغۇر بولغاندىكىن بۇنىڭدىن كىيىن كىتاب ماتىرىياللار ئارقىلىق بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكىڭىزنى تولۇقلاڭ...بولامدۇ؟
بۇ سىزگە سەمىمىي تەكلىپىم.