abdusalam7 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 05:13 PM
ئالدىنقى قىتىم توردا مۇشنداق كۆرگنتىم، مۇمكىن بولسا ...
ئۇيغۇرلار ئىسلامىيەتتىن بۇرۇن شەمسىيە كالىندارىنى، ئىسلامىيەتتىن كېيىن ھىجىرىيە ھەم شەمسىيە كالندارىنى تەڭ قوللىنىپ كەلگەن. مىلادىيە كالىندارىنى ئومۇمىيۈزلۈك قوللانغىنىغىمۇ ئەمدى 60 يىللار ئەتراپىدا بولدى. گەرچە شەمسىيە كالىندارىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھېجىرىيە ۋە مىلادىيە كالىندارىنىڭ ئۇيغۇرچە نامى يوق. شۇڭا مىلادىيە كالىندارىدىكى ئاي نامىلىرىنى ئۇيغۇرچە ئاتىغاندا شەمسىيە ھەم ھىجىرىيە كالىندارىدىكى ئاي نامىلىرى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قويساق بولماسمىكىن. شۇڭا مىلادىيە كالىندارىدىكى ئاي نامىلىرىنى ئاتاشتا ساپ ئۇيغۇرچە (قەدىمكى ئۇيغۇرچە بولسىمۇ بولىدۇ) سۆزلەردىن پايدىلىنىپ يېڭىدىن ئىجاد قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-1 05:53 PM