abdusalam7 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-1 05:10 PM
رەھمەت، ئالدىنقى قىتىم توردا ھەر قايسى ئايلارنىڭ ئۇي ...
ئۇيغۇر تىلى ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى بولۇپمۇ 11-ئەسىردىن كېيىن نۇرغۇن ئەرەب،پارىسچە سۆزلۈكلەرنى قوبۇل قىلىپ،ئۆزلەشتۈردى،ھازىر ئۇيغۇر ئەدەبى تىلى لۇغىتىگە كىرگۈزۈلگەن سۆزلۈكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇرچە دەپ قارىساق بولىۋېرىدۇ.ئەگەر ھەممىنى ساپلاشتۇرىمىز دەيدىكەنمىز،لۇغىتىمىزدىن نۇرغۇن سۆزلۈكلەرنى چىقىرۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ،لېكىن بۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس.
ئەمدى سىزنىڭ تۈزگەن كالېندارىڭىزدىكى ئايلارنىڭ ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىغا كەلسەك،ماتېرياللاردا ھەرخىل ئۇچرايدىكەن.مەن تۈركچە ئۇيغۇرچە ماتېريالدىن كۆرگىنىمدە:
ئۇيغۇرچى(تۈركچەسى)مۇنداق:
1-ئاي ھۇد(ئوجاك)،2-ئاي قەھرىتان(شۇبات)،3-ئاي نورۇز(مارت)،4-ئاي ئۈمۈد(نىسان)،5-ئاي باھار(مايىس)،6-ئاي سەپەر(ھازىران)،7-ئاي چىللە(تەممۇز)،8-ئاي تومۇز(ئاۇستوس)،9-ئاي مىزان(ئەيلۈل)،10-ئاي ئوغۇز(ئەكىم)،11-ئاي ئوغلاق(كاسىم)،12-ئاي كۆنەك (ئارالىك).