مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئوتقاش

ھەقسىز تاماق يوق(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

mazargojam

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5146
يازما سانى: 2474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 28299
تۆھپە نۇمۇرى: 3185
توردا: 6282 سائەت
تىزىم: 2010-7-30
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 12:22:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىر يوللىغان ۋاقتى  2013-1-7 11:48 AM
مەنچە ئاخىرى يوق مۇشۇنداقلا توختىسىمۇ ياخشى بىر ھىكاي ...

مەنمۇ ‹‹قەدىر››نىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن. مېنىڭچە مۇشۇ يەردە تۈگىسە مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان بولغىدەك.
بىراق، مەكتەپتىن غايىپ بولغان بۇزۇق ساۋاقدېشىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلدىمۇ ياكى ئۆزى چېكىندىمۇ ،ئەرگە تېگىپ كەتتىمۇ ،مۇشۇلا ئېنىق بوپ كەتسە بولغىدەك. مەكتەپتىن قوغلاندى بولسا بولامدىكىن؟

ئادەم بولماق تەس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36057
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2013-2-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 04:47:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز ! سىز ئالىي مەكتەپتكى بىر قىسىم قىز ئۇقۇغۇچىلاردا ساقلىنۋاتقان رىئال مەسىلىلەرنى قامچىلاپسىز كۆپ تەشەككۈر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89596
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 295
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 05:12:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز ،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، بۇنداق ئىشلار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا ھەقىقەتەن مەۋجۇت،  داۋامى قېنى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29777
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5815
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 995 سائەت
تىزىم: 2011-2-9
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-7 11:19:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hasalharisi يوللىغان ۋاقتى  2013-1-7 12:22 PM
مەنمۇ ‹‹قەدىر››نىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن. مېنىڭچە مۇشۇ  ...

مىنىڭچىمۇ شۇ،،،  لىكىن ھىلىقى قىزمۇ ئىنىق بولمىسا  بىزنىڭ ئويلىنىشىمىزغا تىخىمۇ چوڭ بوشلۇق بولىدۇ. ئۇ قىز تۇيۇقسىز باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدىمۇ ياكى مەكتەپتىن قوغلاندىمۇ ياكى تۇيۇقسىز ۋىجدانى ئويغۇنۇپ يۈزى چىدىماي ھىچ كىم تونۇمايدىغان يەرگە كەتتىمۇ بۇنى ھەر خىل ئادەم كاللىسىدا ئۆز خاھىشى بويىچە پەرەز قىلسا بولىدۇ

تىرىشقان يەردە قالماس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89597
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 198
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2013-1-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-8 09:16:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى مىنىڭمۇ تىزرەك كۆرگۈم كېلىۋاتىدۇ. مىنىڭچە گۈلى چوڭ ئاپەتتىن ئامان قاپتۇ.  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83254
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3069
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2012-7-31
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-9 12:11:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشىكەن بولمىسا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83389
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3294
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-8-3
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-10 04:47:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 02:14:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇ RE: ھەقسىز تاماق يوق(داۋامى)

ئەسلى ھېكايەم ‹5›بۆلەكتە ئاخىرلاشماقچى ئىدى. مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرلىرى بىلەن يەنە قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
                                                       ‹6›
    شۇنداق قىلىپ دىلنار غايىپ بولدى.بىزمۇ گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ئوقۇشقا تەسىر يەتمەيدىغان مەكتەپ ئاشخانىسىدىكى خىزمىتىمىزنى باشلىۋەتتۇق.گەرچە ھەم ئوقۇپ ھەم ئىشلەپ چارچىغان بولساقمۇ ، سۈبھى ئىككىمىز يەنىلا خوشال.چۈنكى ھالال ئەمگىكىمىز بىزگە نەپ بىرىۋاتاتتى.
     بىزدىن بىرقارار يوقۇرى ئوقۇيدىغان مەردان ئېگىز بوي، ئاق پىچماق،قاراھەم قۇيۇق قاشلىرى ئارىسىدىن بىرجۈپ نۇرلۇق ھەم يوغان كۆزلىرى ئويناپ تۇردىغان، تولىمۇ كىلىشكەن بالا. ئۆگىنىشى ئالدىنقى قاتاردا تېخى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى. ئۇ ھەر جەھەتلەردىن ياخشى بولۇپ ، نۇرغۇن قىزلارنىڭ قەلبىدىكى ‹‹ئاق ئاتلىق شاھزادە››.
      مەردان بىلەن ئىككىمىز مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى كۈنىلا تونۇشۇپ قالغان ئىدۇق.ئاتام ئىككىمىز مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىنى تاپالماي تەمتىرەپ يۈرگىنىمىزدە بۇ بالا بىزگە يول باشلاپ تاكى ياتاققا ئورۇلىشىپ بولغۇچە ياردەملەشكەن ئىدى. شۇڭىمۇ بۇ بالا كۆزۈمگە تولىمۇ ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى.
    مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ دائىم مەكتەپ ئاشخانىسىدا پەيدا بولۇپ قالدىغان بولۇپ قالدى. تاماق يىسۇن يىمىسۇن بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان . دەسلەپ ئانچە دېققەت قىلماپتىمەن . كىيىن بىز بىلەن بىرگە تاماق توشۇيدىغان بالىلارنىڭ :<<قارا قاراشلىرىنى>><<گۈلىنىڭ ئوتى يامان دە>>دىيىشلىرىدىن كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولدىيۇ ، سىرتىمغا چاندۇرمىدىم.
     چۈش ۋاقتى ئىدى. ئوقۇغۇچىلار تاماق يەپ بۇلۇپ ئاساسەن ياتاقلىرىغا قايتقان ئىدى . مەن قاچىلارنى يىغىشتۇرغاچ، ئەتراپقا سەپ سالدىم. ئاشخانىدا تېخى تاماق يەپ بولالمىغان نەچچە ئقۇغۇچى بىلەن بىزگە ئوخشاش قاچا يىغشتۇرغۇچىلارلا قالغان ئىدى. كۆزلىرىم ئەتراپنى ئاختۇراتتى ،ئەمما ئاشۇ كۆرۈشكە تەشنا چىراينى كۆرەلمەي ئۈمۈتسىزلەندى. دەل شۇ چاغدا ئاشخانا ئىشىكىدىن كىرىپ كەلگەن گەۋدە ئۈمۈدسىز كۆزلىرىمگە ئۈمۈت ئاتا قىلدى. مەردان چوڭ چوڭ قەدەم تاشلاپ مەن تەرەپكە كەلدى. يۈرۈكۈم قەپىسىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغاندەك كۈچلۈك دۈپپۈلدەيتتى. ئۇ يېنىمغا كېلىپ پەرتۇقۇمنىڭ يانچۇقىغا تۆت بۇرجەك  قىلىپ قاتلانغان قەغەزنى سېلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. بۇلارنى كۈزۈتۈپ تۇرغان سۈبھى يېنىمغا كېلىپ شوخلۇق بىلەن :<<شاھزادە ھەركەتكە كەپتۇ پەخەس بول ھە!.>>دەپ كۈلگىنىچە ، ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى.
    سىنىپقا كىرىپ جايىمغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن مەردان پەرتۇقۇمغا سېلىپ قويغان قەغەزنى ئېلىپ ئاۋايلاپ ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.
     <<قەدىرلىك گۈلى:
                        مەندىن سىزگە ئوتلۇق سالاملار بولغاي. خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھەقاچان. بەلكىم خېتىمگە پەرۋامۇ قىلماي قاتلىقىنىمۇ بۇزماي چۈرۈپ تاشلىشىڭىز ۋە ياكى پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇنداقلا كۆز يۈگرىتىپ قويۇپ ئەخلەت دۆۋىلىرى قاتارىغا قېتۋىتىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ خەتنى يەنىلا يازىمەن . مەيلى ئوقۇڭ ئوقۇماڭ چوقۇم يازىمەن.
    گۈلى بىلەمسىز مەن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتىمەن. ئۆتكەندە بىر سەييارە تىۋىپقا تۇمۇر تۇتقۇزغان ئىدىم، تىۋىپ مېنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىمنى، گىرىپدار بولغاندىمۇ ساقايماس كېسەلگە گىرىپدار بولغانلىقىمنى ئېتتى. >>
      يوقارقى قۇرلارنى ئوقۇپ ئولتىرالماي قالدىم . ساقايماس كېسەل؟شۇنچە ياش ھەم ساغلام تۇرۇپ...مۇمكىنمۇ؟خەتكە تېز تېز كۆز يۈگرۈتتۈم.
<<گېپىمنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتمەڭ. تىۋىپنىڭ دىيىشىچە كېسىلىمگە داۋا بارمىش. ئەمما بىر ئۆمۈر دورىنى ئۈزمەسلىك كېرەكمىش. ئۇنىڭ داۋاسى قانداقتۇر بۇغا مۈڭگىزى ، ئادەمگىياھ ...قاتارلىق قىممەت باھالىق دۇرا دەرمەكلەر بولماستىن ، گۈلى ئىسىملىك ئوماق ، ساددا قىزنىڭ چىن مۇھەببىتى ئىكەن.
       گۈلى ئېتىڭچۇ؟ مەن نېمە كېسەل ئىكەنمەن؟كېسىلىمگە ئۆمۈرلۈك دورىنى تاپقىلى بولارمۇ؟
                                                                         جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ مەردان >>
        خەتنى ئوقۇپ دەسلەپ قىزاردىم، ئاندىن ئىچىمدە <<بىزەڭ>> دىدىمدە پىسىڭڭىدە كۈلىۋەتتىم.
مەندىكى ئۆزگۈرۈچلەرنى كۈزىتىپ تۇرغان سۈبھى خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن:
   _ھە گۈلى ، قاچانلاردىن دورا بولىۋالدىڭ؟ خەقنېمە كېسەلگە گىرىپدار بولغاندۇ؟_دەپ مەنىلىك قاراپ كۈلۈپ قويدى.
    چۈشتىن كىيىن كاللامغا پەقەتلا دەرىس چۈشمىدى. كەچلىك مۇزاكىر ۋاقتى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ جاۋاپ يېزىشقا باشلىدىم.
     <<مەردان ئاكا:
                  خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. سىز مەندىن ئىككى ياش چوڭ بولغاندىكىن <<ئاكا >>دىسەم خاپا بولۇپ قالماڭ ھە!مەنچە بولغاندا سىزنىڭ كېسىلىڭىز ھەرگىزمۇ ساقايماس كېسەل ئەمەس، بەلكى زۇكامغا ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دەخلىسىز ساقىيدىغان كېسەل ئىكەن . مېنىڭ ئوقۇشتىن باشقا ئىشلارنى ئويلىغىم يوق . كەچۈرگەيسىز.
                                                              _گۈلى                                                    >>
      گەرچە يۈرىكىم بۇ خەتنى رەت قىلىپ تۇرسىمۇ ، مەن يەنىلا شۇنداق يازدىم. چۈنكى مەن سۆيگۈدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەس بولۇپ قالغان ئىدىم. راستىنى ئېتقاندا سۆيگۈگە ئەمەس ئادەملەرگە ئىشەنمەيتتىم.  
                                                         <7>
      كېچە، ياتاقداشلىرىم ئاللىبۇرۇن شىرىن چۈش قوينىغا غەرىق بولۇشتى. مەن كۆزۈمنى ھەرقانچە چىڭ يۇمساممۇ زادىلا ئۇخلىيالمايۋاتاتتم.كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى، مۇڭلۇق بېقىشى... ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغىنىمدىن پۇشايمان قىلىپمۇ قالدىم. تۇيۇقسىز سۈبھىنىڭ :<<ئاپا ...ئاپا...قۇتقۇزۋېلىڭ...>>دەپ زەئىپ ۋاقىرىشى خىيالىمنى بۇزدى. مەن كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم سۈبھى نېمىدىندۇر قۇتۇلماقچى بولغاندەك توختىماي تىركىشەتتى. ئۇنى چاقىردىم ، ئەمما ئۈنىمى بولمىدى . ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر ئىستاكان سۇنى ئېلىپ ئاغزىمغا تولدۇرۇپ يۈزىگە پۈركىدىم. سۈبھى چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ قارا تەرگە چۆمگەن بولۇپ ، پېشانىسىدىكى تەر تامچىلىرى سۇس يالتىرايتتى. سۈبھى مېنى كۆرۈپ ئېغىر نەپەس ئالدى ، ئاندىن مېنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى. ئۇ تىتىرەۋاتاتتى. مەن :<<بەلكىم توڭلاپ كەتكەندۇ.>>دەپ ئويلىدىم.
    -ئاداش، نىمە بولدۇڭ؟قارا بېسىپ قالدىمۇ نېمە؟
     مەن شۇنداق دىگەچ ئۇنىڭ يوتقىنىنى ئوڭشاپ قويدۇم. ئۇ بوغۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
    -ئاداش، مەن چۈش كۆردۈم، ھاياتىمدا يۈز بەرگەن قورقۇنۇچلۇق چۈشنى كۆردۈم. بۇ چۈش ھاياتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.
     بۇ مەكتەپكە تۇنجى كەلگەن چاغلىرىم ئىدى . ناتونۇش مۇھىت ناتونۇش چىرايلار مېنى يالغۇزلۇق قوينىغا باشلاپ كىردى. دەل شۇچاغدا مەن دىلناربىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭ گەپدانلىقى مېنى يالغۇزلۇق قوينىدىن تارتىپ چىقاردى. شۇنداق قىلىپ بىز يېقىن بولۇپ كەتتۇق. بىركۈنى ئۇمېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ، ئويلانمايلا چىقتىم. بېرىپ بۈلدىمكى ئۇ تولىمۇ نۇمۇسسىز ئىكەن.
       بىز كەچ بولغۇچە ئىككى ئوغۇل ئىككى قىز بولۇپ باغچىدا ئوينىدۇق. كەچ بولغاندا مەكتەپكە كەلسەك ياتاق تاقىلىپ بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ تۆتىمىز ئىككى كىشلىك ياتاقتىن بىرنى ئاچقۇزۇپ كېچىچە قەرت ئوينىماقچى بولدۇق. كېيىن شەھەر مەركىزىدىن ياتاق ئاشقۇزدۇق. دىگەدەك كېچىچە قەرت ئوينىدۇق. سائەت بىر بولغاندا بەكمۇ ئۇساپ كەتتىم. دىلنار غا ئېتىۋېدىم ئۇ پۇكەيگە بېرىپ بىر قۇتا مىۋە سۈيى ئەكېلىپ بەردى. ئىچكىنىمنى بىلىمە. قالغىنىنى بىلمىدىم . ئەتگىنى قوپسىم ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يېتىپتىمەن.
     مانا بۇ مېنىڭ ھېكايەم ئاداش. كىيىملىرىمنى كىيىپ دورىخانىغا كېلىپ ئاغرىق توختۇتۇش دورىسى ئالدىم مەكتەپ ياتىقىغا كەلسەم سىلەر ئاللىبۇرۇن دەرىسكە كىرىپ كېتىپسىلەر. ياتاق ئىشىكىنى تاقاپ دورىنى قولۇمغا تۆكتۈم . سانىۋېدىم توپتوغرا 24تال چىقتى. ئىشمەكچى بولۇپ ئېغىزىمغا ئەكەلدىم. تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمغا مېنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇش كىچىككىنەقوللىرى بىلەن ئانامغا ئوتۇن توشۇپ بېرىۋاتقان ئۇكام كەلدى. <<ياق سۈبھى ياق... سەن ئۆلىۋالساڭ بولمايدۇ. سەن تېخى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاتا- ئاناڭنى باقىسەن، ئۇكاڭنى ئوقۇتىسەن.>>مېڭەمدىن تارىغان بۇ بۇيرۇق پۈتۈن سەزگۈ ئەزالىرىمغا تارىدى. قولۇمدىكى بىر ئوچۇم دورىنى چۆرۈپ تاشلىدىم.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوتقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 04:59 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 04:19:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 12:44 PM
داۋامى بارمۇ  يا؟مەنبەسى توغرۇلۇقمۇ ئەسكەرتىش بېرىلمە ...


ھېكايەمنىڭ داۋامىدىن بەھىرلەنگەيسىز.4-بەت. رەخمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوتقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-14 04:28 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 05:00:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
hasalharisi يوللىغان ۋاقتى  2013-1-7 12:22 PM
مەنمۇ ‹‹قەدىر››نىڭ قارىشىغا قوشۇلىمەن. مېنىڭچە مۇشۇ  ...

ھېكايەمنىڭ داۋامىدىن بەھىرلەنگەيسىز.4-بەت. رەخمەت.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش