مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: ئوتقاش

ھەقسىز تاماق يوق(ھېكايە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 05:00:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
MQM يوللىغان ۋاقتى  2013-1-7 05:12 PM
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز ،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن، بۇ ...

ھېكايەمنىڭ داۋامىدىن بەھىرلەنگەيسىز.4-بەت. رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 05:01:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
BAHADER1 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 12:57 PM
قىنىھ بۇنىڭ داۋامى

ھېكايەمنىڭ داۋامىدىن بەھىرلەنگەيسىز.4-بەت. رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 05:01:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىرشاپ يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 02:08 PM
بىزنى تازا بىر قىززىقتۇراي دەپسىزدە.........داۋامىنى تېزر ...

ھېكايەمنىڭ داۋامىدىن بەھىرلەنگەيسىز.4-بەت. رەخمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 05:01:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sahipjamal يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 01:57 PM
داۋامى.....................

ھېكايەمنىڭ داۋامىدىن بەھىرلەنگەيسىز.4-بەت. رەخمەت.

ساھىبجامال مەلىكە،

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 31508
يازما سانى: 1722
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9566
تۆھپە نۇمۇرى: 495
توردا: 4052 سائەت
تىزىم: 2011-2-23
ئاخىرقى: 2013-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 09:30:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوتقاش يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 05:01 PM
ھېكايەمنىڭ داۋامىدىن بەھىرلەنگەيسىز.4-بەت. رەخمەت.

ئۇنى مۇ ئوقوپ بولدۇم ئاخىرى چۇ ؟؟؟؟؟

  بىلىم ھەرقانداق ئادەمگە لازىم مەن بىلىمگە تەشنا بىلىم ئىلىش مىنىڭ ئارزۇيۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 11:56:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھەقسىز تاماق يوق (خاتىمە )

ئەسلى ھېكايەم ‹5›بۆلەكتە ئاخىرلاشماقچى ئىدى. مۇنبەرداشلارنىڭ پىكىرلىرى بىلەن يەنە قولۇمغا قەلەم ئالدىم.
                                                       ‹6›
    شۇنداق قىلىپ دىلنار غايىپ بولدى.بىزمۇ گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ئوقۇشقا تەسىر يەتمەيدىغان مەكتەپ ئاشخانىسىدىكى خىزمىتىمىزنى باشلىۋەتتۇق.گەرچە ھەم ئوقۇپ ھەم ئىشلەپ چارچىغان بولساقمۇ ، سۈبھى ئىككىمىز يەنىلا خوشال.چۈنكى ھالال ئەمگىكىمىز بىزگە نەپ بىرىۋاتاتتى.
     بىزدىن بىرقارار يوقۇرى ئوقۇيدىغان مەردان ئېگىز بوي، ئاق پىچماق،قاراھەم قۇيۇق قاشلىرى ئارىسىدىن بىرجۈپ نۇرلۇق ھەم يوغان كۆزلىرى ئويناپ تۇردىغان، تولىمۇ كىلىشكەن بالا. ئۆگىنىشى ئالدىنقى قاتاردا تېخى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى. ئۇ ھەر جەھەتلەردىن ياخشى بولۇپ ، نۇرغۇن قىزلارنىڭ قەلبىدىكى ‹‹ئاق ئاتلىق شاھزادە››.
      مەردان بىلەن ئىككىمىز مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى كۈنىلا تونۇشۇپ قالغان ئىدۇق
.ئاتام ئىككىمىز مەكتەپكە كەلگەن تۇنجى كۈنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ئورنىنى تاپالماي تەمتىرەپ يۈرگىنىمىزدە بۇ بالا بىزگە يول باشلاپ تاكى ياتاققا ئورۇلىشىپ بولغۇچە ياردەملەشكەن ئىدى. شۇڭىمۇ بۇ بالا كۆزۈمگە تولىمۇ ئىسسىق كۆرۈنۈپ قالغان ئىدى.
    مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ دائىم مەكتەپ ئاشخانىسىدا پەيدا بولۇپ قالدىغان بولۇپ قالدى. تاماق يىسۇن يىمىسۇن بىر بۇلۇڭدا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان . دەسلەپ ئانچە دېققەت قىلماپتىمەن . كىيىن بىز بىلەن بىرگە تاماق توشۇيدىغان بالىلارنىڭ :<<قارا قاراشلىرىنى>><<گۈلىنىڭ ئوتى يامان دە>>دىيىشلىرىدىن كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولدىيۇ ، سىرتىمغا چاندۇرمىدىم.
     چۈش ۋاقتى ئىدى. ئوقۇغۇچىلار تاماق يەپ بۇلۇپ ئاساسەن ياتاقلىرىغا قايتقان ئىدى . مەن قاچىلارنى يىغىشتۇرغاچ، ئەتراپقا سەپ سالدىم. ئاشخانىدا تېخى تاماق يەپ بولالمىغان نەچچە ئقۇغۇچى بىلەن بىزگە ئوخشاش قاچا يىغشتۇرغۇچىلارلا قالغان ئىدى. كۆزلىرىم ئەتراپنى ئاختۇراتتى ،ئەمما ئاشۇ كۆرۈشكە تەشنا چىراينى كۆرەلمەي ئۈمۈتسىزلەندى. دەل شۇ چاغدا ئاشخانا ئىشىكىدىن كىرىپ كەلگەن گەۋدە ئۈمۈدسىز كۆزلىرىمگە ئۈمۈت ئاتا قىلدى. مەردان چوڭ چوڭ قەدەم تاشلاپ مەن تەرەپكە كەلدى. يۈرۈكۈم قەپىسىدىن
چىقىپ كەتمەكچى بولغاندەك كۈچلۈك دۈپپۈلدەيتتى. ئۇ يېنىمغا كېلىپ پەرتۇقۇمنىڭ يانچۇقىغا تۆت بۇرجەك  قىلىپ قاتلانغان قەغەزنى سېلىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. بۇلارنى كۈزۈتۈپ تۇرغان سۈبھى يېنىمغا كېلىپ شوخلۇق بىلەن :<<شاھزادە ھەركەتكە كەپتۇ پەخەس بول ھە!.>>دەپ كۈلگىنىچە ، ئۆز ئىشىغا كىرىشىپ كەتتى.
    سىنىپقا كىرىپ جايىمغا بېرىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن مەردان پەرتۇقۇمغا سېلىپ قويغان قەغەزنى ئېلىپ ئاۋايلاپ ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم.
     <<قەدىرلىك گۈلى:
                        مەندىن سىزگە ئوتلۇق سالاملار بولغاي. خېتىمنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىز ھەقاچان. بەلكىم خېتىمگە پەرۋامۇ قىلماي قاتلىقىنىمۇ بۇزماي چۈرۈپ تاشلىشىڭىز ۋە ياكى پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇنداقلا كۆز يۈگرىتىپ قويۇپ ئەخلەت دۆۋىلىرى قاتارىغا قېتۋىتىشىڭىز مۇمكىن. ئەمما مەن بۇ خەتنى يەنىلا يازىمەن . مەيلى ئوقۇڭ ئوقۇماڭ چوقۇم يازىمەن.
    گۈلى بىلەمسىز مەن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قاپتىمەن. ئۆتكەندە بىر سەييارە تىۋىپقا تۇمۇر تۇتقۇزغان ئىدىم، تىۋىپ مېنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغىنىمنى، گىرىپدار بولغاندىمۇ ساقايماس كېسەلگە گىرىپدار بولغانلىقىمنى ئېتتى. >>
      يوقارقى قۇرلارنى ئوقۇپ ئولتىرالماي قالدىم . ساقايماس كېسەل؟شۇنچە ياش ھەم ساغلام تۇرۇپ...مۇمكىنمۇ؟خەتكە تېز تېز كۆز يۈگرۈتتۈم.
<<گېپىمنى ئاڭلاپ قورقۇپ كەتمەڭ. تىۋىپنىڭ دىيىشىچە كېسىلىمگە داۋا بارمىش. ئەمما بىر ئۆمۈر دورىنى ئۈزمەسلىك كېرەكمىش. ئۇنىڭ داۋاسى قانداقتۇر بۇغا مۈڭگىزى ، ئادەمگىياھ ...قاتارلىق قىممەت باھالىق دۇرا دەرمەكلەر بولماستىن ، گۈلى ئىسىملىك ئوماق ، ساددا قىزنىڭ چىن مۇھەببىتى ئىكەن.
       گۈلى ئېتىڭچۇ؟ مەن نېمە كېسەل ئىكەنمەن؟كېسىلىمگە ئۆمۈرلۈك دورىنى تاپقىلى بولارمۇ؟
                                                                         جاۋابىڭىزنى كۈتۈپ مەردان >>
        خەتنى ئوقۇپ دەسلەپ قىزاردىم، ئاندىن ئىچىمدە <<بىزەڭ>> دىدىمدە پىسىڭڭىدە كۈلىۋەتتىم.
مەندىكى ئۆزگۈرۈچلەرنى كۈزىتىپ تۇرغان سۈبھى خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن:
   _ھە گۈلى ، قاچانلاردىن دورا بولىۋالدىڭ؟ خەقنېمە كېسەلگە گىرىپدار بولغاندۇ؟_دەپ مەنىلىك قاراپ كۈلۈپ قويدى.
    چۈشتىن كىيىن كاللامغا پەقەتلا دەرىس چۈشمىدى. كەچلىك مۇزاكىر ۋاقتى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ جاۋاپ يېزىشقا باشلىدىم.
     <<مەردان ئاكا:
                  خېتىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. سىز مەندىن ئىككى ياش چوڭ بولغاندىكىن <<ئاكا >>دىسەم خاپا بولۇپ قالماڭ ھە!مەنچە بولغاندا سىزنىڭ كېسىلىڭىز ھەرگىزمۇ ساقايماس كېسەل ئەمەس، بەلكى زۇكامغا ئوخشاش ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دەخلىسىز ساقىيدىغان كېسەل ئىكەن . مېنىڭ ئوقۇشتىن باشقا ئىشلارنى ئويلىغىم يوق . كەچۈرگەيسىز.
                                                              _گۈلى                                                    >>
      گەرچە يۈرىكىم بۇ خەتنى رەت قىلىپ تۇرسىمۇ ، مەن يەنىلا شۇنداق يازدىم. چۈنكى مەن سۆيگۈدىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇمنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەس بولۇپ قالغان ئىدىم. راستىنى ئېتقاندا سۆيگۈگە ئەمەس ئادەملەرگە ئىشەنمەيتتىم.  
                                                         <7>
   
  كېچە، ياتاقداشلىرىم ئاللىبۇرۇن شىرىن چۈش قوينىغا غەرىق بولۇشتى. مەن كۆزۈمنى ھەرقانچە چىڭ يۇمساممۇ زادىلا ئۇخلىيالمايۋاتاتتم.كۆز ئالدىمدا ئۇنىڭ نۇرلۇق كۆزلىرى، مۇڭلۇق بېقىشى... ئۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغىنىمدىن پۇشايمان قىلىپمۇ قالدىم. تۇيۇقسىز سۈبھىنىڭ :<<ئاپا ...ئاپا...قۇتقۇزۋېلىڭ...>>دەپ زەئىپ ۋاقىرىشى خىيالىمنى بۇزدى. مەن كارۋاتتىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇنىڭ يېنىغا كەلدىم سۈبھى نېمىدىندۇر قۇتۇلماقچى بولغاندەك توختىماي تىركىشەتتى. ئۇنى چاقىردىم ، ئەمما ئۈنىمى بولمىدى . ئۈستەل ئۈستىدىكى بىر ئىستاكان سۇنى ئېلىپ ئاغزىمغا تولدۇرۇپ يۈزىگە پۈركىدىم. سۈبھى چۆچۈپ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ قارا تەرگە چۆمگەن بولۇپ ، پېشانىسىدىكى تەر تامچىلىرى سۇس يالتىرايتتى. سۈبھى مېنى كۆرۈپ ئېغىر نەپەس ئالدى ، ئاندىن مېنى چىڭڭىدە قۇچاقلىۋالدى. ئۇ تىتىرەۋاتاتتى. مەن :<<بەلكىم توڭلاپ كەتكەندۇ.>>دەپ ئويلىدىم.
    -ئاداش، نىمە بولدۇڭ؟قارا بېسىپ قالدىمۇ نېمە؟
     مەن شۇنداق دىگەچ ئۇنىڭ يوتقىنىنى ئوڭشاپ قويدۇم. ئۇ بوغۇلۇپ يىغلاشقا باشلىدى.
    -ئاداش، مەن چۈش كۆردۈم، ھاياتىمدا يۈز بەرگەن قورقۇنۇچلۇق چۈشنى كۆردۈم. بۇ چۈش ھاياتىمنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتتى.
     بۇ مەكتەپكە تۇنجى كەلگەن چاغلىرىم ئىدى . ناتونۇش مۇھىت ناتونۇش چىرايلار مېنى يالغۇزلۇق قوينىغا باشلاپ كىردى. دەل شۇچاغدا مەن دىلناربىلەن تونۇشۇپ قالدىم. ئۇنىڭ گەپدانلىقى مېنى يالغۇزلۇق قوينىدىن تارتىپ چىقاردى. شۇنداق قىلىپ بىز يېقىن بولۇپ كەتتۇق. بىركۈنى ئۇمېنى تاماققا تەكلىپ قىلدى ، ئويلانمايلا چىقتىم. بېرىپ بۈلدىمكى ئۇ تولىمۇ نۇمۇسسىز ئىكەن.
       بىز كەچ بولغۇچە ئىككى ئوغۇل ئىككى قىز بولۇپ باغچىدا ئوينىدۇق. كەچ بولغاندا مەكتەپكە كەلسەك ياتاق تاقىلىپ بولۇپتۇ. شۇنداق قىلىپ تۆتىمىز ئىككى كىشلىك ياتاقتىن بىرنى ئاچقۇزۇپ كېچىچە قەرت ئوينىماقچى بولدۇق. كېيىن شەھەر مەركىزىدىن ياتاق ئاشقۇزدۇق. دىگەدەك كېچىچە قەرت ئوينىدۇق. سائەت بىر بولغاندا بەكمۇ ئۇساپ كەتتىم. دىلنار غا ئېتىۋېدىم ئۇ پۇكەيگە بېرىپ بىر قۇتا مىۋە سۈيى ئەكېلىپ بەردى. ئىچكىنىمنى بىلىمە. قالغىنىنى بىلمىدىم . ئەتگىنى قوپسىم ئانىدىن تۇغما ھالەتتە يېتىپتىمەن.
     مانا بۇ مېنىڭ ھېكايەم ئاداش. كىيىملىرىمنى كىيىپ دورىخانىغا كېلىپ ئاغرىق توختۇتۇش دورىسى ئالدىم مەكتەپ ياتىقىغا كەلسەم سىلەر ئاللىبۇرۇن دەرىسكە كىرىپ كېتىپسىلەر. ياتاق ئىشىكىنى تاقاپ دورىنى قولۇمغا تۆكتۈم . سانىۋېدىم توپتوغرا 24تال چىقتى. ئىشمەكچى بولۇپ ئېغىزىمغا ئەكەلدىم. تۇيۇقسىز كۆز ئالدىمغا مېنى ئالى مەكتەپتە ئوقۇتۇش كىچىككىنەقوللىرى بىلەن ئانامغا ئوتۇن توشۇپ بېرىۋاتقان ئۇكام كەلدى. <<ياق سۈبھى ياق... سەن ئۆلىۋالساڭ بولمايدۇ. سەن تېخى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئاتا- ئاناڭنى باقىسەن، ئۇكاڭنى ئوقۇتىسەن.>>مېڭەمدىن تارىغان بۇ بۇيرۇق پۈتۈن سەزگۈ ئەزالىرىمغا تارىدى. قولۇمدىكى بىر ئوچۇم دورىنى چۆرۈپ تاشلىدىم.

مەن شۇۋاقىتتىكى ھېسياتىمنى مەڭگۈ تەسۋىرلەشكە ئامالسىز مەن. خۇددى ساراڭلاردەك گاھ كۈلۈپ گاھ يىغلايتتىم. ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ دۆتلىكىمدىن ئاغرىنسام، غۇنچە گۈلۈمنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكىنىدىن ھەسرەتلىنەتتىم.
  كېيىن دىلنار سېنىڭ قۇلۇقۇڭغا پىچچىرلاپ يۈردى. كۆڭلۈم قانغاقتۇر بىر شۇملۇقنى سەزگەندەك بولدى.شۇڭا ساڭا ئۆتكەنكى سۆزلەرنى قىلغان ئىدىم. بۇ جاھاندا بىز تاش سانىغۇچە خەققۇم سانايدىكەن. سەن كەتكەن كۈنى ئارقىڭلاردىن ئىز بېسىپ <<ئەپەندىم تېز تاماقخانىسى>>نىڭ ئالدىغا باردىم . سىلەر چىققاندا دىلنارنىڭ ئەپتى بەشىرسىنى ئاشكارلىماقچى ئىدىم. ئىككى سائەتلەردىن كىيىن سەن يۈگرەپ چىقىپ كەتتىڭ. ئازراق ساخلاپ ئۇلارنىڭ قوغلاپ چىقمايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن كىرا ماشىنىسىغا چىقىپ ئالدىڭدا مەكتەپكە كېلىۋالدىم.
    ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ كۆزۈم ياشقا تولدى. ئاللاھ ئېگەم قىز- ئاياللارنى نىمانچە ئاجىز ياراتقان بولغىتى!بۇ دۇنيادا ياخشى - يامان ئادەملەرنىڭ پېشانىسىدە تامغىسى بولسا، بىر قاراپلا پەرىقلەندۈرۋالساق...
                                                      <8>

       دىلنارنىڭ ئاخىرى خەۋىرى كەلدى. ئۇ ئاق چېكىدىغان بىرى بىلەن توي قىلماقچى بولۇپتۇ. ئەمما ئاتا ئانىسى ئۇ يىگىتنىڭ دىلناردىن ئون ياش چوڭلىقىنى،تېخى ئاق چېكىدىغانلىقىنى بىلىپ زادىلا قوشۇلماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دىلنار تۈن نىسپىدە ئۆيدىن قېچىپ ، يىگىت بىلەن ئاللىقاياقلارغىدۇ غايىب بوپتۇ.
     بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا ئىچىم ئاغرىپمۇ قالدى. بىچارە ، ئۇنى يەنە قانداق تەغدىر كۈتىۋاتقاندۇ؟!
    مۇزاكىر ۋاقتى سىنىپتا ئۆگىنىش قىلىپ ئولتۇراتتىم. سۈبھى كىرىپلا قۇلۇقۇمغا پىچچىرلىدى:<<بولە تېز، شاھزادە سېنى ئارقا گۈللۈكتە ساقلاۋاتىدۇ. ئۇ <چىققۇچە ساقلايمەن ،زادى چىقمىسا سىنىپقا كىرىمەن >دەيدۇ. >>
  ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ قولۇمدىكى كىتاپنى ئۈستەل ئۈستىگە قويدۇمدە، ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئارقا گۈللۈككە ماڭدىم. <<بارما>>دەيتى كاللام جىسمىمغا ئەمما ئۇ زادىلا بويسۇنمايتتى.
    گۈللۈككىمۇ كەلدىم. گۈللۈكتە نەچچە جۇپ قىز يىگىتتىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى. كۆزلىرىم ئەتراپنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. <<مانا مەن>>ئارقامدىن چىققان ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم.ئىتتىك ئارقامغا بۇرۇلدۇم . كۆزلىرىمىز تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى شۇنچە نۇرلۇق شۇنچە ئوتلۇق. كۆزلىرىمنى ئېلىپ قاچتىم.
    -گۈلى ، خېتىڭىزنىئوقۇدۇم. بەلكىم مېنىڭ سىزگە بولغان ئاشىقلىقىمنى بىردەملىك قىزغنلىق دەپ چۈشەنگەنسىز. ئەمما مەن تولىمۇ ئەستايىدىل.
    -مەنچە سىز بىردەملىك قىزغىنلىق بىلەنلا ...
    - بولدى گۈلى، نېمە دەيدىغىنىڭىز ماڭا ئايان بولدى.سۆزلىمەڭ . بۈگۈن سىز ئاڭلاڭ مەن سۆزلەي. سىزنى تۇنجى كۆرگەندىلا كۆيۈپ قالغان ئىدىم. سىزنى بىريىل يۇشۇرۇن كۆزەتتىم ،ئۆزۈمنى بىر يىل دەڭسىدىم. ئاخىرى جۈرئەتكە كېلىپ مەكتۇپ يوللىدىم ئەپسۇس رەت قىلدىڭىز. لېكىن ھېچقىسى يوق ، سىزنى ساقلايمەن تاكى سىز ماڭا ۋە سۆيگۈمگە ئىشەنگۈچە. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز ئالدىمغا ئېگىلىك تىكلەپ سىزنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېگە قىلغۇدەك بولغاندا ئالدىڭىزغا يەنە كېلىمەن. شۇ چاغدىمۇ رەت قىلسىڭىز تەغدىر شۇنداق ئىكەن دەپ تەغدىرگە تەن بېرىمەن.
     ئۇ سۆزلەپ بۇلۇپلا ئارقىغا ياندى . مەن جايىمدا تۇرۇپلا قالدىم . يۈرۈكىم ئۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ. ئەمما ئۇنى رەت قىلىشىم كېرەك. چوقۇم شۇنداق قىلىشىم كېرەك. چۈنكى ئەمدى ئالدانغىم يوق. بېشىمدىن ئۆتكەن ۋە سۈبھىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن قىسمەتلەر مېنى ئادەملەرگە ئىشەنمەس قىلىپ قويغان ئىدى.
                                                خاتىمە
    مانا ، بۇمەكتەپكە كەلگىگەننىڭ ئۈچۈنچى يىلى بولۇپ قالدى. ئۆتكەنكى ئىككى يىلدا نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. نۇرغۇن ئادەملەر بىلەن تونۇشتۇم. يەنە نۇرغۇن ئادەملەر قەلبىمگە چوڭقۇر ئىزلارنى سالدى. ئويلىسام  بىز ئىنسانلار تولىمۇ ئاجىز ھەم تولىمۇ ئەخمەق ئىكەنمىز. بىر نەرسىگە ئىنتىلدىكەنمىز يۇ ، ئالدىمىزغا كەلگەندە ھەرخىل سەۋەبلەر بىلەن ۋاز كېچىدىكەنمىز.
   بىز كۈرۈشۈپ ئەتىسىلا مەردان ئىككى يىللا قالغان ئوقۇشىنى تاشلاپ ، مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ كەتتى. ئۇنىڭ مەكتەپتىن غايىپ بولىشى مېنى چەكسىز ئىشىق دەردىگە مۇپتىلا قىلدى.
    سۈبھى ئۆگىنىشتە تېخىمۇ تىرىشىدىغان بولۇپ كەتتى. بىز ئاشخانىدا ياردەملەشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا ئۆگىنىش قىلىپ تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتۇق. سۈبھىنىڭ تەغدىرى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ ناچارلىقىدىن، ئەخلاقسىزلىقىدىن ئەمەس،مەن ھەرگىزمۇ <<ناچار قىز>>دەپ قارىمايمەن. بەلكى ئۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغۇچى . جەمئىيەت تەرىپىدىن، ياق ئادەملەر تەرىپىدىن ئالدانغۇچى.
   شۇنداق قىلىپ تۇرمۇشۇم سىنىپ، ئاشخانا، ياتاق ئارىسىدا بىرخىللا ئۆتىۋاتىدۇ. يۈرىكىم نېمىگىدۇر تەشنا، كۆزلىرىم ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدىن بىر گەۋدىنى ئىزدەيدۇ. ئەمما تاپالمايدۇ. بىراق مەن ئۈمۈتلۈك ، چۈنكى ئۇ قايتىپ كېلىدۇ.ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ قايتىپ كېلىدۇ. مەيلى ئۇ نەردىلا بولسۇن مېنى ئۇنۇتمايدۇ. مەنمۇ ھەم شۇ.
     بىر كۈنلەردە ئۇ ئالدىمغا كۈلۈپ كېلىدۇ.ماڭا قايتا مەكتۇپ يوللايدۇ. ئىككىمىز ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولىمىز.


                                          مەنبە:مەكتەپ ھاياتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئوتقاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 01:27 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 11:56:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شۇۋاقىتتىكى ھېسياتىمنى مەڭگۈ تەسۋىرلەشكە ئامالسىز مەن. خۇددى ساراڭلاردەك گاھ كۈلۈپ گاھ يىغلايتتىم. ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ دۆتلىكىمدىن ئاغرىنسام، غۇنچە گۈلۈمنىڭ ئۈزۈلۈپ كەتكىنىدىن ھەسرەتلىنەتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:30:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sahipjamal يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 09:30 PM
ئۇنى مۇ ئوقوپ بولدۇم ئاخىرى چۇ ؟؟؟؟؟

5- بەتكە يوللاپ قويدۇم. ئاخىرلاشتى. بەھىرلەنگەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 12:44 PM
داۋامى بارمۇ  يا؟مەنبەسى توغرۇلۇقمۇ ئەسكەرتىش بېرىلمە ...

5- بەتكە يوللاپ قويدۇم. ئاخىرلاشتى. بەھىرلەنگەيسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78986
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-4-17
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:32:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
APPAQ يوللىغان ۋاقتى  2013-1-2 02:13 PM
مۇشۇ قاراش پۇتۇن ھېكايىنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىدەك قىلام ...

5- بەتكە يوللاپ قويدۇم. ئاخىرلاشتى. بەھىرلەنگەيسىز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش