.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 12:03 PM
پېقىر دەل مۇشۇ تولۇق تەكرار سىنىپىقا ئوغلۇمنى كىرگۈز ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بالىڭىزنىڭ كەلگىنى راست، لېكىن مېنىڭ دەرس ئۆتىمەن دېگىنىم يوق، ئۇنداق داۋراڭمۇ قىلمىغان. ئالى مەكتەپ تەييارلىق سىنىپىغا مۇشۇ ئىشنى قىلىپ تەجرىبە توپلىغان ئوقۇتقۇچىلار ئۆتىدۇ. مەن تۈركچە ۋە ئېنگىلىز تىلى دەرسلىرىنى ئۆتىمەن.
سىز ئەسلى بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ سەۋەب نەتجىنى ئويلىشىپ يازسىڭىزمۇ بوپتىكەن، مەسىلە دەپ يېزىپسىز مەنمۇ يېزىۋەردىم رەنجىمەڭ.
1. سىز بالىڭىزدىن سوراپ باقتىڭىزمۇ نېمىشقا كەلمەيدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى؟ مەنچە بالىڭىز نەچچە قېتىم «كۆزگە كۆرۈنۈپ» قالغاچقا مەندىن قورقۇپ كەلمىدى. بالىڭىزنىڭ دەستلەپتە مەقسىدى خاتا، مەكتىپىمىز مۇھەببەت مەيدانى ئەمەس، ئۆگىنىش سورۇنى. بۇ يەرگە مۇھەببىتىنى باشلاپ كېلىپ سىنىپتا مۇھەببەتلەشسە كۆزۈمگە سەت كۆرۈنىدۇ.
2. كۇرۇستا دەرستىن باشقا ۋاقىتلاردا ئوقۇغۇچىلارغا ئىختىيارى مۇزاكىرە ئۇيۇشتۇرۇلغان، لېكىن بالىڭىز بۇ ۋاقىتنى مۇھەببەت دېڭىزىدە گاھ ئۈزۈپ، گاھ لەيلەپ، گاھ خەندان ئۇرۇپ ئۆتكۈدى.
3. مەن دەرس ئوقۇتقۇچىسى ياكى يېتەكچى ئەمەس، لېكىن بۇرچۇم، كۆزۈم كۆرگەن يامان ئىشلاردىن توسۇش ۋەزىپەم بولغاچقا توستۇم، ئوغلىڭىز شۇندىن كېيىن مەن بىلەن سالاملاشماس بولدى.
4. بىز 23-نۇيابىر ئاتا ئانىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن سىز كەلدىڭىزمۇ، كەلگەن بولسىڭىز نېمىشقا مۇشۇ گەپلەرنى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالدىدا ئاشكارە دېمەي بۇ يەردە دېدىڭىز؟ سىزچە بۇ يەردە دېيىش ئۈنۈملۈكمۇ، بالىڭىز ئۈچۈن پايدلىقمۇ؟ مەنچە كەلمەپسىز. سىزچە جەريانغا ئىتبار بېرەمدۇق ياكى نەتىجىگىمۇ؟ سىز بالىڭىزنىڭ ئۆگىنىش جەريانىغا قاتناشماي، پىكىر بەرمەي، كۆڭۈل بۆلمەي ئاخىرقى نەتىجە كۆڭۈللۈك بولمىغاندا بىزدىن ئاغرىنسىڭىز، بالىڭىزنى ئەيىپلىسىڭىز سىزچە نېمە پايدىسى بار؟ ياكى سىز پايدىسى گۈلەننىڭ ئالدامچىلىقىنى ئاشكارلىغىنىم دەپ قارامسىز؟
5. مەن بالىڭىزنىڭ سىنىپىغا يېرىم سائەتلىك ھەقسىز لېكسىيەگە كىرگەن دەرسكە ئەمەس. لېكسىيەنىڭ ۋاقتى ئەسلىدىنلا يېرىم سائەتلىك ئېدى. كەلگەن بالا بەش ئېدى. سورالغان سۇئال «مۇئەللىم بىز ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىمىز، لېكىن كۆڭلىمىزدە ھىچ بىر تەشۋىش ياكى جىددىيلىك يوق بۇنى قانداق ھەل قىلىمىز» دېگەن سۇئال بولدى.
خوش سىزچە ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان بالا مۇشۇ سۇئالنى سورىسا شۇ بالىلارغا تەكرارنىڭ قانچىلىك ئۈنىمى بولار؟ سىزچە مەن مۇشۇ سۇئالغا نەچچە سائەت جاۋاپ بەرسەم بولارىدى؟
ۋاقتىمنى باشقا ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا قارىتاي، سىزمۇ دىققىتىڭىزنى بالىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا، تېلىفونىغا، خىيالىغا قارتىڭ، مۇشۇلار تۈزەلسە بالىڭىزنى كۇرۇسقا بەرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.