gulen يوللىغان ۋاقتى 2013-1-11 05:17 PM
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بالىڭىزنىڭ كەلگىنى راست، لېكىن مې ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام
مەن سىزدە مەسىلە بار ياكى ئالدىدى دەپ بىر نەرسە يازمىدىم . ياغاچ قۇلاق ئوغلۇمنى كۇرسقا يەنى كىر دەپ دىسەم ، ماڭا بىر مۇنچە دات ئىيتىپ شىكايەت قىلدى . مەن ئۇنىڭ سۆزىگە ئاساسەن نۆۋىتىدە بۇ تىمىغا ئىنكاس يىزىپ قويۇپتىمەن ، ھىچقىسى يوق ، بالامدىكى ناچار ئىللەتنى مۇشۇ بانادا بىلۋالدىم . ئەمدى بار كۈچۈم بىلەن تەدبىر قوللىنىمەن ....
ماڭا ئوغلۇم ياكى سىز ۋە ياكى شۇ كۇرسقا دەرس ئۆتكۈچى ئوقۇتقۇچى ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنى توغرلۇق مەلۇماتتىن خەۋەرسىزمەن . خەۋەر تاپقان بولسام چوقۇم قاتنىشاتتىم .
گۈلەن مۇئەلىم ، مۇھەببەت دىڭىزدا ئۈزگەن ئاشۇ ئازغۇنغا ، پىسخىكا جەھەتتىن سۆزلەپ نەسىھەت قىلسىڭىز ئاڭلىمىغان بولسا ، ئەخااقسىز يامان ئىشلارنى توسۇش ھەم تەدبىر قوللىنىشنى بۇرچۇم دەپ بىلگەن بولسىڭىز ، ئاشۇ ئازغۇندىن تىلپۇن نۇمۇرۇمنى سوراپ ياكى مۇنبەردە قىسقا ئۇچۇر قىلىپ دەپ قويسىڭىز ، مەن بارلىق ئاماللار بىلەن ئالدىنى ئالاتتىم ئەمەسمۇ ؟
ئولار سىزدىن بىمەنە سۇئال سورغان بولسا «تەكرارلاشنىڭ قانچىلىك ئۇنىمى بولار ؟» دەپ زارلۇغۇچە كىچىككىنام ۋاقتىڭىز كەتسىمۇ سەمىمىلىك بىلەن پىسخىكا جەھەتتىن يىتەكلەپ ياخشى نەسىھەت ھەم مېھرىڭىز بىلەن ،ئاشۇ ئازغۇنلارنىڭ دات بىسىپ كەتكەن كاللىسنى ، مۇزلاپ كەتكەن قەلبىنى كىچىككىنام بولسىمۇ ئىللىتىپ قويسىڭىزچۇ كاشكى ! تەربىيلىگۈچىنىڭ بىر ئىغىز ياخشى سۆزى ، ئۆقۇغۇچىنىڭ تەقدىرىنى تامامەن ئۆزگەرتىۋىتىشى مۈمكىن ~~~~~~~~
ئادىمىلىك بابىدا ئەخلاقسىزلىقنى يۇقتۇرۋالغۇن بۇ ئازغۇننى ئوقۇتۇپ نېمە قىلاي ؟! ماڭا كېرىكى ئۇنىڭ بىلىمى ئەمەس ، ئەخلاقى ھەم ئادىمىلىكى ئەمەسمىتى ؟ !