ئەيدىز تۈپەيلى تاجىكىستاندا ساقال ئېلىش مەنئىي قىلىندى
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، تاجىكىستان سەھىيە مىنىستىرلىكى چەكلەش پەرمانى ئېلان قىلىپ، سەتىراچلارنىڭ خېىردارلارنىڭ ساقىلىنى ئۇسترا بىلەن قىرىپ ئېلىشىنى مەنئىي قىلدى. چۈنكى، ئۇسترانى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئەيدىز يۇقۇش ئېھتىمالى بار ئىكەن.
2012-يىلى، تاجىكىستاندىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ سانى %17 ئېشىپ، 4500 كىشىگە يەتكەن. گەرچە پەرمان يۇقىرىقدەك بولسىمۇ، تاجىكىستان ئادەتتە دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ چوقۇم ساقالنى پاكىز قىرىپ يۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، شۇ جايدىكى ساقچىلارمۇ ساقاللىق كىشىلەرنى جىنايەت سادىر قىلىش ئېھتىمالى چوڭ دەپ قارايدىكەن.'
http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1794