مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: bugaltir

مۇشتلاشقاندىمۇ ئەيدىزدىن يوقۇملىنىپ قېلىش مۇمكىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8170
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1291 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 07:32:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ohhoohho يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 07:26 PM
تورداشلار ئاۋۇ ئۇيغۇرجان دىگەننىڭ ئىنكاسلىرىنى پۈتۈن ...

ئادەتتە، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى تۆۋەندىكىدەك 3 تۈرلۈك بولىدۇ دەپ قارىلىدۇ:
1. قان ئارقىلىق يۇقىدۇ.
2. جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدۇ.
3. ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ.
بۇنىڭ ئىچىدە .جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقۇش ئاساسى يۇقۇش يولى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭ جەھەتتىن تۈرگە ئايرىش بولۇپ، تۆۋەندىكى .9 خىل يول بىلەن ئەيدىز يۇقىدىغانلىقىنى بەلكىم سىز بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن:
1. ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىش
ئەگەر سىز دائىم سىرتتا ساتراچخانىدا چاچ - ساقال ياسىتىشقا ئادەتلەنگەن بولسىڭىز ، ناھايىتى دىققەت قىلىڭكى، ئەيدىز بەلكىم سىزنىڭ ئەتراپىڭىزدىلا بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتلىرى ياخشى بولمىغان ساتراچخانىلاردا ياكى مەسئۇلىيەتچانلىقى تۆۋەن ساتراچ ئۇستام - شاگىرتلارنىڭ قولىدا چاچ - ساقال ياسىتىپ قالسىڭىز، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشىگە سېلىنغان تىغ سىزگەسېلىنىپ، تېرىڭىز زەخىملىنىپ قالسا سىزنىڭ . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.
2. چىش تارتقۇزۇش - سالدۇرۇش، بەدەنگە خەت - رەسىم چەكتۈرۈش
ئەگەر سىز ئۆلچەملەشمىگەن، تازىلىق - دېزېنفېكسىيە شارائىتى ياخشى بولمىغان چىشخانىلار چىش تارتقۇزۇپ ياكى سالدۇرسىڭىز، بەدەنگە خەت - رەسىم چېكىش ئورۇنلىرىدا خەت - رەسىم چەكتۈرسىڭىز، ئۈسكىنە - ئەسۋابلارنىڭ دېزېنفېكىسىيىسى ياخشى بولمىسا، بۇ ئۈسكىنىلەر ئارقىلىق توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە ياكى قاناش كۆرۈلسە، ئوخشاشلا . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.
3. ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىش
مەكتەپلەردە ، ھەربىي - ئوفېسترلاردا ئومۇمەن ئايرىم تۇرماي بىر قانچە ئەركەك بىرگە تۇرىدىغان شارائىت ئاستىدا بەزى كىشىلەردە ساقالئالغۇنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان ناچار ئادەت بار. ئەگەر سىزمۇ ساقالئالغۇنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان كىشى ئىشلەتكەن ساقالئالغۇنى دېزېنفېكسىيە قىلماي تۇرۇپ سىز ئىشلەتسىڭىز ۋە يۈزىڭىزدە كىچىك بولسىمۇ قاناش كۆرۈلسە ، . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.
4. چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىش
مېنىڭچە چىش چوتكىسىنى ئورتاق ئىشلىتىدىغان كىشىلەر ناھايىتى ئاز بولۇشى مۇمكىن. قانداقلا بولمىسۇن ئەگەر سىز باشقىلار ئىشلەتكەن چىش چوتكىسىنى ئىشلەتسىڭىز، ئەگەر چىش چوتكىسىنى سىزدىن ئاۋال ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى ئىشلىتىپ، ئارقىدىن سىز ئىشلەتسىڭىز، چىش توقۇلمىلىرىڭىز زەخىملەنسە،  ئوخشاشلا . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكىڭىز %0.5 - %0.3 بولىدۇ.
5. يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش
قۇتقازغۇچىنىڭ تېنىدە زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جاي بولسا، يارىلانغۇچىنى ( يارىلانغۇچى ئەيدىز يۇقۇمدرى بولسا ) جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا ، ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلانغۇچىنىڭ قېنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ زەخىمە ئېغىزى ياكى قانىغان جايى بىلەن ئۇچراشسا، قۇتقازغۇچىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن
6. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى قوبۇل قىلىش
تېببىي داۋالاش تېخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، قان سېلىپ داۋالاش بارغانسېرى كەڭ قوللىنىلماقتا. سانسىزلىغان بىمارلار بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈم گىرداۋىدىن خالاس بولماقتا. ئەمما، سېلىنماقچى بولغان قان ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان بولىدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ خىل قاننى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى %100 بولىدۇ.
ماتېرىياللاردا قەيىت قىلىنىشىچە، ئامېرىكىدىكى قان تەقدىم قىلغۇچىلارنىڭ %6 تى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. فىرانسىيىدە بىر قان ئىسكىلاتىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن بۇلغانغانلىقى سەۋەبلىك نەچچە مىڭ ساغلام كىشى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئىكەن.
ئېلىمىزدىمۇ قان تەقدىم قىلىش - قان سېلىش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە بىر قاتار ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرىلىۋاتىدۇ. ئەگەر قان تەقدىم قىلغۇچى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملىنىپ، كۆزنەك دەۋرىدە قان تەقدىم قىلغان بولسا، بۇ خىل تەقدىم قىلغۇچىنىڭ قېنىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتكىلى بولمايدۇ. بۇندىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى مۇرەككەپ، تەكشۈرۈش تەننەرقى يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك ھەممىلا قان تەقدىم قىلغۇچىغا قارىتا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇپ كېتەلمەيۋاتىدۇ. شۇڭا، بىز بۇ يەردە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ تەقدىم قىلىنغان قان تەركىبىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئانتېگىنىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىشنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمىز. قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ئىشلىتىش داۋامىدىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈش زۆرۈر.
7. داۋالاش ئەسلىھە - ئۈسكىنىلىرى پاكىز بولماسلىق
دوختۇرخانىلاردا داۋالاش - داۋالىنىش جەريانىدا ئەگەر يىڭنە، پىچاققا ئوخشاش ئوپېراتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دېزېنفېكسىيىسى ياخشى ئىشلەنمىسە، دوختۇرخانىلاردا ئۆلچەملىك مەشغۇلات قىلىش قاتتىق ئىجرا قىلىنمىسا، داۋالاشتىكى ئېھتىياتسىزلىق ۋە دېزېنفېكسىينىڭ ۋاقتىدا، ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك داۋالاش خادىملىرى ياكى بىمارلارنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ قېلىش ھادىسىلىرى سادىر بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان يىڭنىنىڭ بىرلا قېتىم بەدەنگە كىرىپ كېتىشى بىلەن . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش مۇمكىنچىلىكى %0.3 بولىدۇ.
8 . جىنسىي ئالاقە
ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئەرنىڭ ئىسپىرمىسى ۋە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان ئايالنىڭ بالىياتقۇ - جىنسىي يول ئاجرالمىلىرىدا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بولغان بولىدۇ. ئالدى تەرەپ ۋە كەينى تەرەپتىن قىلىنغان جىنسىي ئالاقىلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەيدىزنىڭ يۇقۇش مۇمكىنچىلىكى يۇقىرى بولىدۇ. ستاتىستىكىلىق ماتېرىياللارغا كۆرە، دۇنيا بويىچە ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ %80 - %70 تى جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولۇپ، بۇ تۈردىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە يات جىنىستىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىپ يۇقۇملانغانلار %70 نى، ئەرلەرنىڭ ئۆز جىنسىدىكىلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشىدىن ( بەچچىۋازلىق ) يۇقۇملانغانلار % 10 نى ئىگىلەيدىكەن.
9. ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش
بىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى ياللۇغى بار بولسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا  قاپارتما، زەخىمە بولسا ، ياكى قارشى تەرەپنىڭ چىشى بىلەن سۈرۈلۈپ زەخىملەنسە، ھەر ئىككى خىل ئەھۋالدا ئوخشاشلا . ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8170
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1291 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 07:34:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا مەقسىتىم يوق ، يۇقۇردا دېيىلگەن يۇقۇش يوللىرى 1 % كىمۇ يەتمەيدىغان يۇقۇش يوللىرىدۇر . ئەڭ ئاساسلىقى شۇ 3 خىل يول .
ئۈزۈڭنى چىڭ تۇت ، قوشناڭنى ئوغرى تۇتما دېگەن گەپ بار .

ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 1762
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8170
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1291 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 07:47:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشقىلىپ ھوشيار يۈرگەنگە يەتمەيدۇ .

مانا بۇلار ئىپلاس ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى






ئاللا ! بارلىق مۇسۇلمان مىللەتنى بۇ نىجىس كىسەلگە دۇچار قىلمىغايسەن .


ئاتمايدىغان تاڭ يوق ،
پاتمايدىغان كۈن يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86881
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2481
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 571 سائەت
تىزىم: 2012-11-6
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 07:50:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەتتە ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا تەكشۈرتسە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى چىقىدىغان تۇرسا، 1989-يىلنىڭ تېخنىكىسى ھازىرقىدىن يۇقىرى بولۇپ كەتتىما؟ 10 كۈندە چىقىپ بوپتىغۇ؟؟؟

دۇنيادا مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يوق!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 08:02:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىزدىن گۇمانلانسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟


    كىشىلەر ئەيدىزدىن گۇمان قىلغاندىن كېيىن قەيەرگە بېرىپ قانداق تەكشۈرۈش ئۈستىدە باش قاتۇرىشىدۇ. شۇڭا تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىمىز.
1.  ھەر قايسى جايلاردىكى كېسەللىكنى كونتىرول قىلىش ئورۇنلىرى: بۇ جايدا ئەيدىز تەكشۈرتۈش ھەقسىز، لېكىن سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى بىللە ئېلىپ بېرىشنى ئونتۇپ قالماسلىق كېرەك. نەتىجىسى ئادەتتە بىر ھەپتە ئەتراپىدا چىقىدۇ.
2.  ھەر قايسى جايلاردىكى دوختۇرخانىلار: بۇ ئورۇنلاردا ئەيدىز تەكشۈرتمەكچى بولغاندا، كۆرۈنگەن دۇختۇرغا ئېنىق قىلىپ ‹ئەيدىز تۇغرىسىدا تەكشۈرتۈش قىلماقچى ئىدىم› دەپ ئېيتىش كېرەك. ئەگەر نۇقۇل ھالدا ‹قېنىمنى تەكشۈرتمەكچى ئىدىم› دىسىڭىز، ئۇ چاغدا قان تەكشۈرتۈشنىڭ تۈرلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ، دۇختۇرلار قايسى خىل تەكشۈرۈشنى بىلەلمەي قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق دىگەندە، دۇختۇرلار كۆپ ھاللاردا قاندىكى قىزىل قان ئاقسىلىنىڭ مىقدارى ۋە قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانىنىلا تەكشۈرۈپ، ئەيدىزگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى ناتايىن. شۇڭا چوقۇم دۇختۇرغا ئېنىق ئېيتىش كېرەك. دۇختۇرخانىلار ئەيدىز تەكشۈرۈشى ئۈچۈن ئادەتتە 100 يۈەن ئەتراپىدا پۇل ئالىدۇ. سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىش ھاجەتسىز. نەتىجىسى 2-5 كۈن ئەتراپىدا چىقىدۇ.
3.  ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش قەغىزى ئىشلىتىپ ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش: ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈش قەغىزى ئىشلەتكەندە ئادەتتە 15 مىنوت ئەتراپىدا نەتىجىسى چىقىدۇ، مەشغۇلاتمۇ ئاددى، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ساقلاشقىمۇ بىر قەدەر ئاسان. لېكىن بۇ خىل ئۇسۇلنى ئىشلىتىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا (مۇسبەت بولسا يوقۇملانغانلىقى، مەنپى بولسا يوقۇملانمىغانلىقى)، يەنىلا كېسەللىكنى كونتىرول قىلىش ئورۇنلىرىغا بېرىپ جەزىملەشتۈرۈش تەكشۈرتىشىنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.



http://www.yarp.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=2455

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 08:04:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرى ۋە كېسەللىك جەريانى


    ئەيدىز كېسىلىنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى بىر قەدەر ئۇزۇن، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا ئون يىلدىن يىگىرمە يىلغىچە سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن، بۇ ۋىرۇسنى ئۇزاق يىل يوشۇرۇن ئېلىپ يۈرۈش مەزگىلىدە، ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگۈچى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈۋېتىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىنى تۆۋەندىكى تۆت تۈرگە يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ.
    1. يوشۇرۇن مەزگىلى (ئالامىتى يوق ئەيدىز). ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تەنگە كىرىپ ياشاش، ماسلىشىش، كۆپىيىش باسقۇچى بولۇپ، ھېچقانداق ئالامەتلەرنى سەزگىلى بولمايدۇ، تەكشۈرتكەندە نورمال، ئۈچ ئايدىن كېيىن تەندىكى ئەيدىزگە قارشى ئانتىتېلا مۇسبەت (ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش) كە ئايلىنىدۇ، تەخمىنەن %10 يۇقۇملانغۇچى لىمفا ئىششىش مەزگىلىگە كىرىدۇ.

    2. ئەيدىز خاراكتىرلىك لىمفا ھۈجەيرىسى ئىششىش مەزگىلى. بۇ مەزگىلدە ئەيدىز ۋىرۇسى لىمفا ھۈجەيرىلىرىگە قارىتا تاجاۋۇزچىلىقىنى باشلايدۇ، ھەمدە ئۈچ ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتقىچە چېكىنمەيدۇ، كېسەللىك جەريانى ئۈچ ئايدىن تۆت يىلغىچە، كېسەللىك ئالامىتى بولسا (كەم بولغاندائۈچ يەردە، بويۇن، قولتۇق ئاستىدا)، قاتتىق يۆتكىلىشچان، ئادەتتە سىممېتىرىك بولغان ئۆسمە پەيدا بولىدۇ، بېسىپ ئاغرىش بولمايدۇ، پاتولوگىيىلىك بىئوپسىيەدىن قارىغانداياخشى سۈپەتلىك بولىدۇ. باشقا كلىنىكىلىق بەدەن ئالاھىدىلىكى بولمايدۇ ياكى پەقەتلا «چارچاش، قىزىش، كېچىدە تەرلەش، ئورۇقلاش، ئازراق ئىچى سۈرۈش» قاتارلىق ئالامەتلەردىن بىرى كۆرۈلۈپ، يېنىك ھالدا ئىممۇنىتېت كەمچىللىك ئالامىتى بولىدۇ، %10 كېسەللىك مىسالىدا ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندى كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

    3. ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى (ARC). ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. كېسەللىك جەريانى ئادەتتە بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە بولىدۇ، ئۇنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش، بەدەن سالامەتلىك ئەھۋاللىرى تەسىرگە ئۇچرىغان بولۇپ، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بەدىنى ئورۇقلاپ ئېغىرلىقى%10 چۈشىدۇ، بىر ئايدىن ئارتۇق ئىچى سۈرۈپ، بىر ئايغا يېقىن قىزىيدۇ (38 گرادۇستىن ئارتۇق)، تال چوڭىيىپ، ئېغىز بوشلۇقىدا ئاق داغ پەيدا بولىدۇ، ئۇيقۇچان بولۇپ قالىدۇ، كېچىدە تەرلەش، تېرە يېغى خاراكتىرلىك تېرە ياللۇغى، تەكشۈرۈش بىنورماللىق، قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش، قان ئازلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، %25 بىمار ئېغىر ھالەتتىكى ئەيدىزگە ئايلىنىدۇ.

    4. ئېغىر ھالەتتىكى ئەيدىز. كېسەللىك جەريانى ئادەتتە بىر يېرىم يىلدىن ئىككى يېرىم يىلغىچە بولىدۇ، تۇنجى ئالامىتى ئادەتتە قىزىش (ئادەتتە 38 گرادۇسقىچە)، تەرلەش، توڭۇشقاتارلىقلار؛ زىيادە چارچاش؛ ئورۇقلاش؛ 2 ئاي ئىچىدە 4 كىلوگرام ئورۇقلاش ياكى بەدەن ئېغىرلىقى %10 چۈشۈش؛ لىمفا ھۈجەيرىسى ئىششىپ چوڭىيىش، ئىزچىل ئۈچ ئايدىن ئارتۇق، ئاز دېگەندىمۇ ئۈچ ئورۇندا ئاغىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈش؛ جاۋغاي ياللۇغى؛ ئۈزلۈكسىز بىر ھەپتىدىن ئارتۇق ئىچى سۈرۈش؛ يۆتىلىش، دەم سىقىلىش؛ تاشما، بىنەپشە داغ پەيدا بولۇش، ئاسان قان چىقىش؛ باش ئاغرىش، بويۇن قېتىش، موسكۇل ئاغرىش، پالەچ بولۇش، پۇت-قوللىرىدا ماغدۇرسىزلىق، خامۇشلۇق، خام-خىيال، خاتا تۇيغۇ بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۆپ خىل قىزىل باكتېرىيە، ۋىرۇس، پارازىت قۇرتلاردىن ياللۇغلىنىش، ھەتتا كۆپ خىل ئۆسمە پەيدا بولۇش قاتارلىق ھادىسىلەرمۇ كۆرۈلىدۇ.




http://www.yarp.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=1883

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89101
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 272
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 79 سائەت
تىزىم: 2012-12-25
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 08:05:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆزلىگۈچىدە ئەيىپ يوق،ئاڭلىغۇچى تۈزىتىۋالسۇن دەيدىغان گەپ بار ،دوسلۇرۇم،تەشەككۇرغا تولغان قەلىب بىلەن ئەپۇچان بولايلى!
مىنىڭچە 40 مىللىلىتىر بولىشى مۇمكىن،ئىغىز بوشلىقى شىللىق پەردىسى ساق ئادەمگە 40 مىللىلىتىرغا يەتكەندە يۇقىدۇ،دىيىلگەندىمۇ،يارا بارلارنى ئۇنىڭدىن ئاز مىقدارمۇ يۇقۇملاندۇرۇپ قويىشى مۇمكىن،يارا يوق دىگەندىمۇ،سۆيىشىش جەريانىدا چىشنىڭ سەۋەبىدىن كىچىك زەخمىلىنىشلەر يۈز بىرىشى ،ئاخىرىدا يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ماڭا ھەر قانچە نوپۇزلۇق ئەرباپ سۆيىشىش ئەيدىز كىسىلىنى يۇقۇملاندۇرمايدۇ دىسىمۇ قەتئى ئىشىەنمەيمەن ھەم ھەر ۋاقىت ئۆز پىكرىمنى ساقلاپ قالىمەن! ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا چىن دىلىمىزدىن ھىسداشلىق قىلايلى،ئۇلارنى  ئەسلا كەمسىتمەيلى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەيدىزنى تىزگەنلەش پىدائىلار خىزمىتىگە ئوچۇق ئاشكارە ياكى يوشۇرۇن قاتنىشىپ ئىنسانىيەتنىڭ  ساغلاملىغى ئۈچۈن ئازدۇر-كۆپتۇر ھەسسە قوشىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرەيلى!
ئاخىرىدا بارلىق دوسلارغا دەيدىغىنىم،ھەر كىم ئەتراپىمىزدىكى قىز-ئاياللارغا ئىمكانقەدەر ئىگە بولۇپ قويايلى،  ئۆزىمىز زىناخورلىق قىلمايلا قالماستىن ،ئەتراپىمىزدىكى 'جىنسى قۇۋۋىتى ئارتىپ كەتكەنلەر' گە،ئەمدىلا بالاغەتكە يەتكىلىۋاتقان ياش ئۆسمۈرلەرگە، پاھىشۋازلىق قىلماسلىقنى ۋە بۇ ئىشنىڭ ئىغىر قورقۇنۇچلىق ئاقىۋىتىنى ئەسكەرتىپ قويايلى ! گۇنادىن قوقماي،سىفلىس،ئەيدىزدەك يۇقۇملۇق كىسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ئەنسىرىمەي   بىخىرامان زىناخورلىق قىلىمەن دەپ تۇرىۋالسا،چوقۇم بىخەتەرلىك قاپقۇچى ئشلەتسۇن،گەرچە بۇ نىمىمۇ ئۇلارنى مۇتلەق ئاپەتتىن ساقلاپ قالالمىسىمۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 4086
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17458
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1466 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 08:15:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى ياللۇغى بار بولسا, ھەم بۇنداق ئەدەم ئەيدىز بولسا ،  ئەيدىز كېسىلى بولغان ئادەم بىلەن سۆيۈشۈش جەيرانىدا ئەشۇ چىش مىلىكى ياللۇغى ۋە  چىش تۈۋىدىن چىققان سۇيۇقلۇق  يالىشىشلاردىن شۆلگەيلىرى ئالمىشىپ  قارشى تەرەپكە يۇقۇملىنىشنى پەيدا قىلىش خەۋىپى كۈشلۈك بولۇدۇ .


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 768
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 515 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:11:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bugaltir يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 08:15 PM
بىر تەرەپنىڭ ئېغىز بوشلۇقىدا زەخىملىنىش ياكى چىش تۈۋى  ...

ئۇنداقتا دىباچى ياشلار كۆپ دىققەت قىلىدىغان ئىشكەن.كىچىللىرى دىبالادىن لەلەڭشىپ قۇلتۇقلىشىپ قۇچاغلىشىپ چىقىپ بىر مەھەل سۈيۈشۈپ يۈرۈشكەن...............................

ئەمما تەن ھەركتىمىزنى قۇزغىتىپ بەدەن ىممۇنىت كۈچىمىزنى ئاشۇرۇپ كىسەللىكتىن يىراق تۇرايلى.ساغلام تۇرمۇش ئۈچۈن ساغلام بەدەن بولىشى كىرەك.

http://news.bilimkuqi.com/?p=419
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82600
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4338
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-7-7
ئاخىرقى: 2013-2-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:28:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش