مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kukhelal

ئۇيغۇر ۋە مەۋجۇتلۇق(كۆك ھىلال) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14934
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17878
تۆھپە نۇمۇرى: 1082
توردا: 823 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:51:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىللىتىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش ھەربىر ئۇيغۇر،مۇسۇلمان پۇشتىنىڭ مەسئۇلىيىتى.ئاللاھ ئىگەم ھەر بىرەيلەننى ئۇ دۇنيادا ئاق يۈز قىلسۇن.چوقۇم قانۇن ئارقىلىق مەۋجۇتلۇقىمىزنى،ھوقۇقىمىزنى قوغدايلى.مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن كىشى مۇناپىقتۇر.


ئۆز ساغلاملىقىڭىزغا  مەبلەغ سېلىشتىكى ئالدىن تاللىشىڭىز ئابى شىپا ئۇيغۇر تېبابەت مەھسۇلاتلىردۇر
(نۇپۇس كۈپەيگەنسىرى نۇمۇس كېمەيدى )(ســــــــــەۋەپــــــكـــــــار)

پەقەت ئارزۇيۇم ئۈچۈن ياشايمەن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60399
يازما سانى: 858
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1827
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:53:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى قانۇنى بويىچە ، ئاپتونومىيە قانۇنى يۈرگىزىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ زىمىننىڭ قانۇنلۇق نامى ، شىنجاڭ ئۆلكىسى ياكى شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونى ئەمەس ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدۇر!!!

جۇڭگو ھۆكىمىتى 1949-يىلى قۇرۇلۇپ تا بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە كۆپ قېتىملاپ خەلقنى ھىمايە قىلىش نۇقتىسىدىن كېلىپ چىققان تۈرلۈك تۈمەن خىل قانۇن  نىزام تۈزۈملەرنى يولغا قويدى ۋە تەستىقلىدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىگە قاراشلىق كۆپلىگەن ئۆلكىلەردىن باشقا يەنە يەرلىك مىللەتنىڭ ئۆز تۇپرىقى بولغان زىمىنلار ،شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ نامى بىلەن مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە، يەنى ئاپتونۇم رايون قىلىپ قۇرۇلدى، ئەمدى بۇ ئاپتونۇم رايون دىگەن نىمە؟ ئاپتونۇم رايوننىڭ نورمال ئۆلكىلەردىن زادى نىمە پەرقى بار ۋە نىمە ھوقوقلىرى بار؟
دىگەن سۇئاللارغا دۇچ كېلىشىمىز مۇمكىن ، بۇ ئاپتونۇم رايون دىگىنىمىزنى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا يىغىنچاقلاپ چۈشىنىشىمىز مۇمكىن :

1. ئاپتونۇم رايون ، دۆلەت قانۇنى بويىچە مەمۇرى ئورنى نورمال ئۆلكىلەردىن بىر دەرىجە يۇقىرى بولغان ، مەركەز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتتە بولالايدىغان، شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان ، مەركەزگە باج تۆلىگەندىن باشقا ھوقوقلىرى ئۆزىدە بولىدىغان ، ئۆز ئالدىغا ئاپتونومىيە قانۇنى يۈرگىزەلەيدىغان ، شۇ ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىكى بارلىق ھۆكىمەت ۋە مەمۇرى ئورگانلارنىڭ بىرىنچى قول باشلىقى ۋە شۇ ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدىكى بارلىق مەمۇرى ئورگانلاردا ئىشلەيدىغان كىشىلەرنىڭ %60 دىن ئارتۇقى شۇ يەرلىك مىللەتتىن بولغان،  ئالاھىدە تۇپراق ۋە رايون.

2. ئاپتونۇم رايون  ، شۇ زىمىندا ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن ، شۇزىمىننىڭ ھەقىقى ئىگىسى بولغان مىللەتنىڭ نامىدا بولىدۇ .( مەسىلەن : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ، شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونۇم رايونى ، نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونى دىگەندەك ، بۇ زىمىننىڭ ئۆز ئىگىلىرىنىڭ نامىدا بولىدۇ.)

3. ئاپتونۇم رايوننىڭ يەرلىك مىللىتى، ئاپتونۇم رايون ئىچىدە ئەڭ ھوقوقلۇق مىللەتتۇر.

4. ئاپتونۇم رايون ئىچىدە ، شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ دىنى ، تىلى ، يېزىقى ، مائارىپى ،  ئۆرپ-ئادىتى ،  مەدىنىيەت- سەنئىتى ، ئېكىلوگىيە- مۇھىتى، نوپوسى ، بايلىقى ، تۇپرىقى قاتالىقلار ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.

5. ئاپتونۇم رايوندا ،شۇ يەرلىك مىللەت كىشىلىرى ئالدى بىلەن ئاپتونۇم رايون ئىچىدىكى ئەۋزەل شارائىتلاردىن بەھرىمان بولىدۇ ، مەسىلەن شۇ ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدە يەرلىك مىللەت كىشىلىرى، شۇ ئاپتونۇم رايونى دائىرىسى ئىچىدە ئالدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ.

6. ئاپتونۇم رايون ئىچىدىكى يەرلىك نوپۇستىن ، كۆچمە نوپۇس مەڭگۈ ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، كۆچمە نوپۇس ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە كونتىرول قىلىنىشى كېرەك.

7. ئاپتونۇم رايون ئىچىدىكى بارلىق ھۆكىمەت ۋە بارلىق مەمۇرى ئورگانلاردا شۇ يەرلىك مىللەتلەرنىڭ تىلى ، يېزىقى بىرىنچى ئورۇندا قوللىنىلىدۇ، شۇنداقلا شۇ يەرلىك رايوننىڭ ۋاقتى (مەسىلەن : ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى ، ئىچكىرى بىلەن ئىككى سائەت پەرقلەنگىنى ئۈچۈن ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئۈرۈمچى ۋاقتى قوللىنىلىدۇ، بېيجىڭ ۋاقتى ئەمەس) ھۆكىمەت ۋە خەلق ئارىسىدا بىردەك قوللىنىلىشى كېرەك.

8. ئاپتونۇم رايون ئىچىدىكى يەرلىك مىللەت خەلقىنىڭ مەكتەپلىرىدە ، باشلانغۇچتىن ئالى مەكتەپكىچە ، بارلىق دەرسلەر شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ تىل يېزىقىدا بولىشى كېرەك.

9. ئاپتونۇم رايوننىڭ يەرلىك مىللەتنىڭ زىمىنى ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ ، يەرلىك مىللەتلەرگە پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى يۈرگىزىلمەسلىگى كېرەك ،
شۇنداقلا يەرلىك مىللەتنىڭ نوپۇسى كۆپىيىشىگە ئلاھىدە مۇھىت ھازىرلىنىشى كېرەك،(مەسىلەن : ھازىر شىزاڭ زاڭزۇ ئاپتونۇم رايونىدا ، ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە پىلانلىق تۇغۇت تۈزىمى يوق)  ئەمما كۆچمە نوپۇسلارغا ئۇلارنىڭ ئۆز يۇرتىنىڭ قانۇنى بويىچە ،پىلانلىق تۇغۇت قانۇنى قاتتىق تۇتۇلۇپ يۈرگىزىلىشى كېرەك.

10. ئاپتونۇم رايونىدا ،يەرلىك مىللەتنىڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقوقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىش ، دىنى مەكتەپلەر كەڭ تۈردە يولغان قويۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

11. ئاپتونۇم رايوندىكى بارلىق ئورگان ئورۇنلارنىڭ ناملىرى شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ يېزىقى بويىچە ، ئۈستىدىكى ئورۇنلارغا يېزىلىشى ، ۋە ئاستىدىكى باشقا يېزىقتىن چوڭ ياكى تەڭ چوڭلۇقتا يېزىلىشى كېرەك.

12. ئاپتونۇم رايون تەۋەسىدىكى ھۆكىمەت ياكى شەخسلەرنىڭ ھەرخىل يىغىن سورۇنلىرىدىكى ئالدىغا قويۇلىدىغان، نام شەرەپ كۆرسەتكۈچلىرىدە (مەسىلەن : نۇربەكرى ئەپەندى يىغىن ئاچقاندا ، ئۇنىڭ ئالدىدىكى  努尔白可力دىگەن خەت بار كۆرسەتكۈچ)  چوقۇم شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ يېزىقىدا نام شەرەپ يېزىلىشى كېرەك شۇنداقلا ئاپتونۇم رايوننى ھەرقاندا ئورۇندا ئاتىغاندا پەقەتلا ئاپتونۇم رايونلۇن پالانچى يەر ، ئاپتونۇم رايونلۇق پالانچى ئورگان دەپ چالا ئاتىماستىن، چوقۇم تولۇق نامى بىلەن ئاتاش كېرەك (مەسىلەن : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق پالانچى ئورگان).

13. ئاپتونۇم رايوندا ،ھەر قانداق يول ۋىۋىسكا، بەلگە ۋە كۆرسەتكۈچلەردە شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ تىل -يېزىقى قوللىنىلىشى كېرەك.

14. ئاپتونۇم رايوندىكى كۆچمە نوپۇسلار ، چوقۇم شۇ يەرلىك مىللەتنىڭ تىلىنى تولۇق ئۆگىنىشى ئەگە رخالىسا قوللىنىشى كېرەك.

مانا بۇ قاتالىق مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇن نىزاملىرى ، ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمى خالاس، مۇھىمى بۇ قانۇن نىزاملارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا، بەزىلەرنىڭ دىگىنىدەك ، بۇ ئاپتونومىيە قانۇنى دىگەن قەغەز يۈزىدىكىلا نەرسە، بەرىبىر ئىشلەتكىلى بولمايدۇ دەپ ھاڭۋاقتىلىق قىلىپ ئولتۇرساق ئەلۋەتتە ئىشلىتەلمەيمىز بۇ قانۇنلارنى ،مىللىتىمىزدە دەۋاگەر سۇس بولسا قازى مۇتىھەم بوپتۇ دەيدىغان تەمسىل بار، ئەمدى بۇ ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىشلەتكىلى بولمامدۇ دىگەندە ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس ،  ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدىكى ئەڭ ھوقوقلۇق ۋە ئۆز قانۇنى  بولغان ئاپتومىيە قانۇنىنى%100ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، سىزنىڭچە مەسىلەن شىزاڭ زاڭزۇ ۋە نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونلىرىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى بىزنىڭكىدىن ئارتۇقمىدۇ؟؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بىزدىن ئارتۇق تەرىپى زاڭزۇ ۋە خۇيزۇلارنىڭ قانۇن ئېڭى يۇقىرىلىقى، ئۆزىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدىن پايدىلىنىشنى ئوبدان بىلگەنلىكىدۇر.... شىزاڭ زاڭزۇلىرى پىلانلىق تۇغۇت چەكلىمىسى يوقلىقىدىن ۋە دىندىن قانداق بەھرىمان بولىۋاتىدۇ؟؟؟ نىڭشىيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونىدىكى خۇيزۇلارنىڭ نەچچە مىڭلىغان دىنى مەكتەپلىرىدە قانداق كەڭ ھوقوقلىرى بار قاراپ بېقىڭ!!!ئۇلار بىلەن بىزنىڭ پەرقىمىز شۇكى ، بىزدە ئېغىر دەرىجىدە ئۈمىتسىزلىك ، قورقۇنچاقلىق ، ھەددىدىن ئارتۇق شۈكۈر قانائەتچانلىق ، قانۇن ئېڭى يوقلۇق ، ساپاسىزلىق ، شۇنداقلا بۇنداق قانۇنلار ئاقمايدۇ دەپ چالۋاقايدىغانلارغا ئىشىنىشتەك بولمىغۇر ئىشلار ئېغىر بولغانلىقتىن ، بىز جۇڭگو بويىچە قانۇن بىلەن ئۆزىمىزنى ئەڭ قوغدىيالمايدىغان مىللەت بولۇپ قالدۇق.

قانۇن ساپارىمىزنى ئۆستىرەيلى ، مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئومۇملاشتۇرايلى!

ئۈمىدىم: ھەر بىر ئۇيغۇر ، ھەر قايسى كىتابخانىلارغا بېرىپ ، چوقۇم ۋە چوقۇم مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئائىت كىتاب ماتىرىيال سېتىۋېلىپ ئوقۇپ تۇرايلى ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا ئائىت كىتاب ماتىرىياللار بولىشى كېرەك، بۇ مەن ئۈچۈن ئەمەس سىزنىڭ مەنپەئەتىڭىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، سىزنىڭ ئۆز غورورىڭىزنى قوغدىشىڭىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر.

مەنبە: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنى ناملىق كىتابتىن پايدىلىنىلدى.

بىر قىسىم ۋىجدانى مۇنبەردە تاشىدىغان قولاق كەستىلەر ئوپكەڭلەرنى بېسىۋىلىڭلار ! قالايمىقان ئىنكاسىڭلار سەۋەپلىك بىرەر كۆڭۈلسىزلىك كىلىپ چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزەڭلەر ئىگە!
ئەسلى مەنبە:ماكانىم مۇنبىرى

بۇلبۇللار تۇتقىن بولدى يۇرتنى بۇلغىدى قاغا ،
كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۈن ئىسىلۇر دارغا .

چىراقپاي

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 64123
يازما سانى: 552
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8751
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1272 سائەت
تىزىم: 2011-11-8
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:54:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ... كىمكى ئانا تىلنى يوقىتىدىكەن ، ئاۋال ئۆزىنى ، ئاندىن مىللىتىنى، ئاخىردا ۋەتىنىنى يوقتىپ قويدۇ...

△《ھەقىقەت ئىجازەتسىز ساياھەت  ...》قىلىپ بولغۇچە،رەزىللىك ئۇنىڭ يوللىرنى توساپ تۇردۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56124
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4019
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 425 سائەت
تىزىم: 2011-9-12
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 10:59:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇنقىغا قارىغاندا ھازىر سەل ياخشىلاندىمىكىن دەيمەن تېخى بۇ ئىشلار

ھايات ئىنسانلارغا بىرىلگەن كاتتا مۇكاپات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-13 11:28:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faruk063 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 10:06 PM
ئاسلىماتسىيە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئەقىدىدىكى ئا ...

پىكرىڭىز ئورۇنلۇق...  تېما ناھايىتى مېغىزلىق يېزىلىپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-13 11:32 PM  


مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

بىزكىم ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38507
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5122
تۆھپە نۇمۇرى: 204
توردا: 3114 سائەت
تىزىم: 2011-4-23
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 12:10:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ئاۋۇ ئاپتۇنۇم قانۇنى ئۇقۇپ . ھەجەپ بىر قىسىم بوپ قالدىما .
نۇر بەكرىدەك ئادەم بۇنداق قانۇنلارنى بىلمەمىدىغاندۇ . ھەي بىلسىمۇ . ئۇلارنىڭمۇ قورسىقى بىر پارچە سۆڭەككە تۇيىدۇ دە . ھەي بۇئالام قىسقا ئالەم   ھەممە  ئادەم ئۈزىنىڭ غېمنى قىلشى كېرەك دە .
ئاشخانا ئاچقان ئادەم  ئاشخانىنىڭ سىرتىغا .كىچىك بىر ئەكەك پاخلاننىڭ گۈشنى ئېسىپ قۇيىدۇ .
بۇ نىم ئۈچۈن . ....؟
بىراق سىز شۇ ئاشخانىدا لەغمەن يىدڭىز :  چىنىڭىزدە قوي گۈشى يوققۇ ..؟
نىمە.....! كالا گۈشى....؟!

ئۆز مىللىتى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىللايدىغان مەرت باھادىرلار چىقمىسا بۇنداق مىللەت تىزلا ھالەك بۇلىدۇ .

مەن ھامان پارتىلايمەن!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82909
يازما سانى: 3024
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 5929
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2533 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 01:55:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۈكۈت ئىچىدە ئويلىناي .....................

باشقىلار ئادەمنىڭ تەغدىرى پىشانىسىگە پۈتۈلگەن بولىدۇ دەيدۇ،لېكىن مەن تەغدىرىمنى ئۆزۈم يېزىپ چىقىمەن !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23971
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6212
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 344 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 03:44:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alim516 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 10:26 PM
تېخى يىگىرمە ئوتتۇز يىل بۇرۇن مىللى ئاپتونومىيە  قانۇن ...

سز مەسۇليەتنې  ئاتا-ئانللاغا يۇكلمەكچمۇ

سۇنڭ بېشې لاي كەلسە ئاخرې نېمەبولماقچې

توختى بەگ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88897
يازما سانى: 243
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 306 سائەت
تىزىم: 2012-12-21
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 11:40:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىما، نادىر تىما دىگەن مۇشۇ.
ئاللاھ بۇتىمىنىڭ ئۇمرىنى ئۇزاق قىلغاي، تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 12:32:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
faruk063 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-13 10:06 PM
ئاسلىماتسىيە ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ. بىرى، ئەقىدىدىكى ئا ...

جانلىق ئىنكاس يېزپسىز قەلەم تۇلپارڭىز ھامىغاي

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش