مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: kukhelal

ئۇيغۇر ۋە مەۋجۇتلۇق(كۆك ھىلال) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78640
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 01:21:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
atux.burkiti يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 03:44 AM
سز مەسۇليەتنې  ئاتا-ئانللاغا يۇكلمەكچمۇ

سۇنڭ بېشې لا ...

يېرىم كېچىدە ئىنكاسنى چۈشەنچىلىك قىلىپ يازمىغان گۇنا مەندە، سىزمۇ ئىنكاسنى ئۇيغۇرچە يازغاندىكىن ،ئالدىرماي ئۇيقۇڭىزنى ئېچىۋىتىپ تەپەككۈر قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇڭە قېرىندىشىم،مەن ھەممە مەسئۇلىيەتنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلىمىدىم،سىز دىگەن سۇنىڭ بېشى شۇ ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ،ئۇيغۇركادىرلار،ئۇيغۇر مەمۇرىلار،پەرزەنتنى ياخشى تەربىيىلىمىگەنمۇ بىز ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار،قانۇننى ياخشى ئىجرا قىلمىسا كارى بولمىغانمۇ يەنە بىز ئۇيغۇر كادىرلار،نارازىلىقنى پۇخرالار دىيىشتىن بۇرۇن شۇ كادىرلار دىيىشى كېرەك.ھوقوقىمىزنى ئەڭ ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ قوغدايدىغانلار شۇلار. بالىمىزنى خەنچە مەكتەپكە بېرىپ بالىلىرىمىز‹ئۇيغۇر بالىلار ياۋا،ئەسكى ئۇلار بىلەن ئوينىمايمەن.بۇگۈن ئۇيغۇر بالىلار بىلەن ئۇرۇشتۇق تازا ئۇرىۋالدىم ئۇ گۇيلارنى›دەيدىغان قىلىپ چوڭ قىلغانمۇ بىز ئاتا-ئانىلار.ۋېۋىسكىلاردا ئۇيغۇرچە خېتى بولمىسا كارى بولمىغان ،ئىشچى قوبۇل قىلىشتا ئاز سانلىق مىللەتلەر نىسپىتىگە كاپالەتلىك قىلمىسا كارى بولمىغانمۇ يەنە بىزنىڭ ھەرقايسى ھۆكىمەت ئورۇنلىرىدىكى ئۇيغۇر مەمۇرىلار.مەن مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا دەپ ئۆزىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم.ھەممە مەسئۇلىيەت بىزدە دىمىدىم، ئىچكى ئامىل بىرىنجى سىرتقى ئامىل ئىككىنجى ،ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى كۆرەلمەي ،باشقىلاردىنلا پۇتاق ئىزدەش نادانلىق.ئۆزىمىزدىكى سەۋەنلىكلەر ئەڭ ئەجەللىك سەۋەنلىكلەر،بىر قولدىن چاۋاك چىقمايدۇ،ئۆزىمىزدە قىلچىلىك سەۋەنلىك بولىدىكەن ئاۋال شۇنى چۈشۈنۈپ ،تۈزۈتىشىمىز زۆرۆر.بۇ نوختىنى سىز ئوبدان ئويلاپ بېقىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89279
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 597
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-12-29
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-14 05:57:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق بىر ئىزىلگۈچى مىللەت ياكى شەخىس ئالدى بىلەن ئوزى تەرىپىدىن ئىزىلگەن بولىدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23971
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6212
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 344 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2014-7-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 12:24:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alim516 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-14 01:21 PM
يېرىم كېچىدە ئىنكاسنى چۈشەنچىلىك قىلىپ يازمىغان گۇنا ...

سزنڭ پاسائەتلك ئۆتكۇرقەلمڭزدن شۇنې ھسقلدمكې

ئچكې ئامل بېرنچې سرتقې ئامل ئكنچې بېرقولدن چاۈاك چقماس.. مېنې خجل قلپ قويدڭز

بېز ئۇزمزدكې سەۈەنلكنې ئغربېسقلېقبلەن تۇزتۇشمز كېرەك

كەچۇرۇڭ ئاتكاچلق قلپ قۇيۇپ تمەن

توختى بەگ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79364
يازما سانى: 414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8922
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 707 سائەت
تىزىم: 2012-4-26
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 01:11:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىغا ئىنكاس يېزىپ ئۈستىلەش ئۈچۈن ۋە ئوي-پىكىرنى كۈچەيتىش مەقسىدىدە تۆۋەندىكىنى چاپلاپ قويدۇم.ئەپۇ قىلارسىز!

مەن كۆمۈلگەن قەبرە


ئەركيار


كۆنۈككە،سىرلارغا بىرگۇمان بىللە،
ئادەملەر توپىغا بىر ئارمان بىللە،
تەپەككۇر بەھرىدىن چىن ئىمان بىللە،
غېرىپ سايلىقتا،مەن كۆمۈلگەن قەبرە!

ئۈستۈمگە تەبىئەت بېزەك ئاسىدۇ،
پەسىللەر ئىزىنى قۇملار باسىدۇ،
مېنى سۆيگەن قەلبلەر قېنى،قايسىدۇ؟
پىكىردىن تىنىققا،مەن كۆمۈلگەن قەبرە.

ئادەملەر! سىلەردىن سۆيگۈ ئىزلەيمەن،
ئادەملەر سىلەرگە سۆيگۈ سۆزلەيمەن،
«پەيغەمبەر كۆزلىگەن»لەرنى كۆزلەيمەن،
مۇساپىرلىقتا، مەن كۆمۈلگەن قەبرە...

http://www.uyghar.com/bbs/forum. ... ead&tid=99#lastpost


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   baywetqe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 01:13 PM  


مەنىۋى تەرەققيياتنىڭ ئۈچ شېخى:ئىلىم-پەن،پەلسەپە،دىن.

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6803
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1885 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-15 05:41:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئاسسلىماتسىيە توغرۇلۇق بىزنىڭ مەكتەپتىكى بىرخەنزۇ ئوقۇتقىچىمىز ، بىز مىللەتنى يوقۇتالمايمىز، بىراق ئاسسىلماتسيە قىلىپ بىرلەشتۇرمىز دىگەن ئىدى . بۇ ئەينى ۋاقتتا بەك تەسىر قىلغان ئىدى ماڭا .  باشقا ساۋاقداشلار  قانداق بولدى مەن بىلمىدىم .   ئەمما ئۇ ئوقۇتقۇچى  ئىنىقلا  ئاسسلىماتسىيە قىلىپ تۈگۈتىمىز دىگەن ئېدى.

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78640
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 04:31:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈنۈگۈن ماشىنا ھەيدەۋىتىپ ئاڭلاپ قالدىم، قاتناش قىززىق لىنىيىسىدە قىززىق ئىش بولدى .
ئەكپەر:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەسلىھەت سورىغۇچى:بىر ئىشنى سوراپ باقاي دىگەنتىم
ئەكپەر:ھە سوراڭە
مەسلىھەت سورىغۇچى:ئاڭلىسام چاغاندا شۇپىزەندە پۇل ئالمايدۇ دەيدۇ،بۇ ئىش راسمۇ؟
ئەكپەر:نىمە ئۇ شۇپىزەن دىگەن؟
مەسلىھەت سورىغۇچى:!!؟؟ھېلىقى ،ھىلىقى پۇل ئالىدىغان يەرچۇ؟
ئەكپەر:بانكىما؟ بانكا پۇل ئالىدۇ.
مەسلىھەت سورىغۇچى: ياق بانكا ئەمەس،ھېلىقى،ھىلىقى چۇ،
ئەكپەر: نە؟
مەسلىھەت سورىغۇچى: ۋايجان،نىمىتتى،شۇپىزەن،نىمدەيتتى ئۇنى......(ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتى)
ئەكپەر:ئېنىق قىلىپ ئاندىن تېلفون ئۇرارسىز،خوش ئەمىسە.
مەسلىھەت سورىغۇچى:ھە بولىدۇ خوش.

ئاۋازىمنى قويىۋىتىپ: ئەكپەر خورازدىكى خو! دەۋەتتىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78640
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3288
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2014-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 10:32:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ئەجەپ جىمىپ كەتتىغۇ.
ياماننىڭ زولمىدىن ياخشىنىڭ سۈكىتى يامان دىگەن مۇشۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 875
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5053
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 386 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 12:31:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
alim516 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-18 02:32 PM
بۇ تېما ئەجەپ جىمىپ كەتتىغۇ.
ياماننىڭ زولمىدىن ياخشىنى ...

شۇنى دەڭە ..........بىر تىما يازسام تىللاپلا چۈشۈپ كەتتى بۇنى يازسام ئادەم يوق.ئىنكاس يازىدىغانغا يازماي يازمايدىغانغا يازىدىغان ئادەم كۆپ بولسا كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81879
يازما سانى: 676
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1208
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 339 سائەت
تىزىم: 2012-6-20
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 01:51:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوش تىل تەرەققىياتىمىزنىڭ جىددىي ئېھتىياجى،شۇڭا مەركەز ئىچكىرى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ كۆلىمىنى زور تىرىشچانلىق بىلەن كېڭەيتىۋاتىدۇ. بولسا ئۆسمۈرلەرنى تولۇقسىز ۋاقتىدىلا ئىچكىرىگە ئەۋەتسە ئۇلار چېگرا رايوننىڭ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تايانچ كۈچلىرىگە ئايلىناتتى. بالىلىرىمىز ئۇ يەردە زور غەمخورلۇقلارغا ئېرىشىپ جۇڭخۇا چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىپ دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىگە كەلدى. خۇشخەۋەر نۇرغۇن، مەسىلەن: ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش، نامراتلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش،چاغاندا يوقلاش، ئۆي بېرىپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ دىيارىمىزغا ئارىلىقنى ئۇزۇن كۆرمەي زور كۆلەمدە ياردەمگە كېلىشى، ھەرخىل ماددىي بۇيۇملارنى بېرىپ ھال سوراش، يەنە نۇرغۇن پۇللارنى سېخىيلىق بىلەن ئاجرىتىپ ئىللىقلىق يەتكۈزۈش....،  قانچىلىك زور جاسارەت،غەيرەت ھەم پاراسەت بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان غايىلەر-ھە!  ئىستىقبالىمىز پارلاق!!         

لۇغىتىڭدا پەقەت ‹ھازىر›دېگەن سۆزلا بولسۇن.ئۆتمۈشىنىڭ بۇلۇتلىرى بۈگۈننىڭ قۇياشىنى توسۇۋالمىسۇن!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6055
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 05:20:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم كۆك ھىلال ئەپەندىم.مەن ئۇزۇندىن بۇيان سىز مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىغان تېمىلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۈرۈپ كىلىۋاتىمەن. مەن سىزنىڭ تېما سۈپىتىدە مىسرانىم ئەھلىگە تەقدىم ئىتىپ كىلىۋاتقان تور يازمىلىرىڭىزنى كۈرۈپ چىقىش جەريانىدا كۆپىنچە يازمىلىرىڭىزنىڭ كىشىنى مەۋجۇتلۇقنىڭ تەقەززاسى بولغان مىللى كىملىك توغرىسىدا چىنلىقنى ئاساس قىلغان ئاساستا ئەستايىدىللىق بىلەن  ئويلىنىپ بېقىشقا تۈرۈتكە بۇلىدىغانلىقىنى ،سەمىيمىيلىك ئاساسىدىكى چىن ھىسيات بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقىنى ھىس قىلدىم. شۇڭا مەن گەرچە  سىزنىڭ ئىلگىرى يوللىغان تېمىلىرىڭىزغا ئىنكاس يازمىغان بولساممۇ لىكىن تېمىلىرىڭىزنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۈرۈپ كىلىۋاتىمەن.ئەلۋەتتە سىز يوللىغان بەزى تېمىلاردا قىسمەن تورداشلار يازمىڭىزنىڭ مەركىزى ئىديىسىنى ۋە سىزنىڭ شۇ يازمىنى يوللاشتىكى مەقسىتىڭىزنى چۈشەنمەستىن سىزگە سەلبى باھالارنى بىرىپ سىزنىڭ مىللەت ئۈچۈن سەرىپ قىلغان زىھنى قۇۋۋىتىڭىزنىڭ مىۋىسى بولغان يازما -ئەسەرلەرنىڭ قەدرىنى بىلمىدى.ھەتتا بەزى تورداشلار غەيۋەت ئۇقۇمىنى ۋە بۇ ئۇقۇمنىڭ تەدبىقلىنىش دائىرىسىنى تۇلۇق چۈشەنمەي تۇرۇپ ،  سىز چۈشۈنىشلىك ،مېغىزلىق بولسۇن ئۈچۈن مىللىتىمىز شەنىگە داغ كەلتۈرۋاتقان نىجىسلارنىڭ ئەپتى -بەشىرىسىنى  ئېچىپ تاشلاش يۇلى  ئارقىلىق،  كىملىك تۇيغۇسىنى يۇقۇتۇپ قۇيۇشنىڭ ئاخىرى بىر كۈنى مەۋجۇتلۇقنىڭ يۇقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىدەك پاجىئەلەرگە سەۋەپ بۇلىدىغانلىقىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇپ تۇرۇپ ئىنىچكىلىك بىلەن يېزىپ چىققان يازمىلىرىڭىزنى غەيۋەتنىڭ پىلتىسى دەپ قاراپ، پارازىتلارغا بولغان ھىسداشلىقى تۈپەيلى سىزنىڭ ئەمگەك مىۋىڭىزنى يەرگە ئۇرماقچى بۇلۇشتى. ئەمما مەن ئويلايمەنكى مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چىنلىق تۇيغۇسى ئاساسىدا مۇلاھىزە قىلالايدىغان،بىر مىللەتنىڭ ھەر بىر زاماندىكى ئومۇمى ئەھۋالىنىڭ ۋاقىت ۋە تاشقى مۇھىت سەۋەپلىك پەرىقلىق  بۇلىدىغانلىقىنى ،جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ ھازىر ئىچكى پارازىتلار ۋە سىرتقى كۈچلەر تەرىپىدىن ئېغىر خىرىسقا دۇچ كىلىۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈپ يىتەلەيدىغان، ئۇيغۇرنىڭ ھازىرقى ئىجتىمائى ۋە سىياسىي ئەھۋالىنىڭ ئىلگىرى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شانلىق دەۋىرلەردىن پەرىقلىق ئىكەنلىكىنى،بۇ پەرىقنى مىللەت ۋۇجۇدىيىتىدە شەكىللىنىپ قالغان مىللى كىملىك تۇيغۇسىنىڭ ئاجىزلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ھىس قىلالىغان ،غايىۋى تۇيغۇلارنىڭ ئىسكەنجىگە چۈشۈپ قالمىغان تورداشلىرىمىز يازمىلىرىڭىزنى سەمىمىيەت ئاساسىدا رىئاللىقنى ئۆلچەم قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان نادىر يازما دەپ قارايدۇ. شۇڭا مەن سىزنىڭ  قىسمەن تورداشلارنىڭ تاپا-تەنىسى ۋە ھاقارەتلىك سۆزلىرىگە پىسەنىت قىلماستىن داۋاملىق تىرىشىپ بىزگە تېخىمۇ ئىسىل تېخمۇ مەزمۇنلۇق يازمىلارنى تەقدىم ئىتىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش