ماقالىنىڭ ئوتتۇرىغا قويماقچى بولغان ئىدىيىسى ياخشىكەن،دېمىسىمۇ ،ئاجايىپ ھەيۋەتلىك ، دەبدەبىلىك تەخەللۇسلار ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ئاپتور دېگەندەك،ئۆزىمىزگە تەخەللۇس قويغاندا، شۇ تەخەللۇسقا يۈز كېلەلىگىدەك ،ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك تەخەللۇسلارنى قويساق يارىشىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا ، شۇ تەخەللۇس بىلدۈرگەن نام نومۇسقا قېلىشى،قورۇنۇپ قېلىشى مۇمكىن.قالغان ئارتۇقچىلىقلىرىنى تورداشلار ياخشى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.مەن بۇ ماقالىنىڭ مەزمۇنىدىن سۆيۈنىش بىلەن بىللە ،تۆۋەندىكى سۆزلەرنىڭ ۋە مەن بۇ يەردە بىر-بىرلەپ ئاتاپ كۆرسەتمىگەن بىر قىسىم سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتورنىڭ ئىملا لۇغىتىگە قاراپ سېلىشتۇرۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
دىگەندەك-دېگەندەك؛
دىگەن- دېگەن ؛
ئەدەبى-ئەدەبىي
، توحتى-توختى ؛
بەدئى-بەدىئىي ؛
تەركىۋىنى- تەركىبىنى ؛
رۇبائىلىرىنى –رۇبائىيلىرىنى ؛
تېيىپجان ئېلىيوپقىچە- تېيىپجان ئېلىيوفقىچە؛
ئەلىشىر ناۋايىدىن- ئەلىشىر نەۋائىيدىن؛
شېئىرىيىگىلا – شېئىرىيىتىگىلا؛
،دىمەك- دېمەك ؛
يۇقۇرقىدەك يۇقىرى؛
گراماتىكا-گىرامماتىكا؛
دئىالىكىتىمىزنىڭ – دىيالېكىتىمىزنىڭ ؛
ئاساسى لۇغەت تەركىۋىنى– ئاساسىي لۇغەت تەركىبىنى ؛
كۆز ئاچقاندىن كىيىن-كۆز ئاچقاندىن كېيىن؛
شائىر-يازعۇچىلارنىڭ -شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ؛
سېستىمىسىدىكى –سىستېمىسىدىكى ؛
جەۋھەرلىرمىزنى-جەۋھەرلىرىمىزنى؛
قەلبىگەھۇجۇم قىلعانلىق- قەلبىگە ھۇجۇم قىلغانلىق؛
ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسى ،كەسپى ساپاسىنىڭ- ئۆزىنىڭ ئىدىيىۋىي،سىياسىي،كەسپىي ساپاسىنىڭ؛
ئەدەبى تىل- ئەدەبىي تىل؛
...ھالدا قويۇلغان سىياسى ،ئىقتىسادى ،مەدەنىيەت ،ئىجتىمائى ئەخلاقى ھايات كارتىنىسىنىڭ ئىستىتىك بەدئى كارتىسى ۋە مىللى كىملىگىدىن ئىبارەت ـ... ھالدا قويۇلغان سىياسىي ،ئىقتىسادىي ،مەدەنىيەت ،ئىجتىمائىي ئەخلاقىي ھايات كارتىينىسىنىڭ ئېستىتىك بەدئىي كارتىينىسى ۋە مىللىي كىملىكىدىن ئىبارەت؛
ئىدىئال كۈيى- ئىدىيال كۈيى؛
ئىلمىلىك بولمايدۇ- ئىلمىيلىك بولمايدۇ؛
ئارقا كۆرۇنىشى-ئارقا كۆرۈنىشى ؛
تۇركى – تۈركىي
ئەدەبى تەخەللۇس – ئەدەبىي تەخەللۇس؛
ئىجابى-ئىجابىي؛
‹‹غەرپكە ساياھەت›› -«غەربكە ساياھەت»؛
دىگۈدەك-دېگىدەك ؛
رئىياللىق- رىياللىق؛
ماددى مەنىۋى - ماددىي،مەنىۋىي؛
يۇقۇرى –يۇقىرى؛
ئەندىلىكتە –ئەمدىلىكتە؛
مۇۋازنىتىمىزنى دەڭسەپ كۆرۇشىمىزگە ـ مۇۋازنىتىمىزنى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى
نېمىكى؟
ئىملا قائىدىسىگە ئائىت كونكېرت مەزمۇنلارنى بۇ ئادرېستىن كۆرگەيسىزلەر :
https://uyghur-archive.com/misranim/thread-72461-1-1.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا warisim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-20 11:45 AM