tohtihan1 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 09:17 PM
مېنىڭ ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىرىدىن سورايدىغان سوئال ...
دورا ياسالمىللىرىغا كەلسەك ھازىر كۈپۈنچە دورىلارنىڭ تابلىت، كۇملاچ، كاپسۇل، جەۋھەر ھالەتتە ياسالغانلىرى بار. لىكىن كۈپۈنچە تىۋىپلار (مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئۈزىمىز دورىلارنى تۈجۈپىلەپ ياساپ كۈنۈپ قالغان. بىزدە يەنى تىۋىپلاردا تابلىت، جەۋھەر قىلىپ ئىشلەيدىغان ئەسۋاپلار يوق بولغاچقا ۋاختىنچە ئۇنداق قىلىپو بولغىلى بولمايدۇ. ئەگەر يىيىشنى قۇلايسىز كۆرسىڭىز سىزدىگەن شەكىلدىكىنى ئىزدىسىڭىز تېپىلىدۇ.
دورا نامىغا كەلسەك كۈپۈنچە پارىسچە، ئوردوچە، ئەرەپچە ئىسىملار كۆپ. ھازىر بۇممۇ ئۆزگەرتىلىشكا باشلىدى. مەسىلەن مەتبۇخ فاسادىخۇن=قان تازلاش شەربىتى، مۇپەررىھ ئەۋرىشىم = يۈرەك قۇۋەتلەش شەربىتى ..... ئەلۋەتتە بۇ تەرجىمىلەرنى بىرقىسىم كارخانىچىللىرىمىز ئۆزلىكىدىن ئويلاپ تاپقان. ئاساسەن دورا تەسىرىنى ئاساس قىلىپ قۇيۇلغان ئىسىملار.
دورىنى ئۇنتۇپ قېلىش، ئىسمىنى بىلەلمەسلىك قاتارلىقلارغا قارىتا تىۋىپلار دورا بەرگەندە رىتسىپ يېزىش رىتسىپتىن بىر نۇسقىنى ئۈزى ساقلاپ قېلىش ئۇسۇلىنى قوللانسا ئۈنىمى ياخشى. مەنمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىمەن.