Azizan يوللىغان ۋاقتى 2013-1-16 03:53 PM
ھازىر مىللىي تىبابەتكە داغ تەگكۈزۈۋاتقىنى بىز ئەمەس ي ...
ئۇيغۇر تىبابەتنى ھەقىقى ئوقۇغان، چۈشىنىدىغان، شۇ كەسپنى بىلىدىغان كەسپ ئەھلىللىرى سىز دىگەندەك بولمايدۇ. كېسەل قانداق بولسا شۇنداق دىئاگنوز قويۇپ داۋاسىنى قىلىدۇ.
سىز دىگەندەك ئالدىغا ئەر كەلسە بۆرەككە، ئايال كەلسە بالىياتقۇغا دورا ساتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دىيانەت ئوغرىلىرى، كەسپ خائىنلىرىدۇر!
ئىشەنمىسىڭىز بۇ ھەقتە مۇشۇ كەسپكە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر ۋە جەمئىيەتنى، ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە ئۇستازلىرىنى چۈشىنىپ تەھلىل يۈرگۈزسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ چۈشىنەلەيسىز...
شۇنىمۇ قىستۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇكى، سىز ناۋادا غەرپ تىبابىتى بويىچە ئەشۇنداق ساختا دوختۇر، ياكى دورىگەرلىك قىلسىڭىز بىردەمدىلا ئۆزىڭىزنى ئوبدان ئوڭشاپ قويىدىغان جايدا كۆرىسىز.
بىراق ئۇيغۇر تىبابىتى مىڭلىغان ئالدامچىلار تەرىپىدىن پايدىلىنسا، سۈيئىستىمال قىلىنسا، ئوغىرلىنىپ سېتىلسا ... بۇنىڭ سورىقى يوق. تەرتىپكە سالىدىغان ئورۇن، ئادەم يوق. چۈنكى ئۇ پەقەت سىزنىڭلا تىبابىتىڭىز...
بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىدە چۈشەنگەيسىز... بىلىپ بىلمەي ھەقىقى كەسپ ئەھلىلىرىگە ئۇۋال قىلىپ قويۇشتىن ساقلانغايسىز...