jessurane يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 12:12 AM
يىڭى تەرجىمىسىدىن سۈرە فاتىھەنىلا ئوقوپ ماڭا قەتئى ...
نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ ئىنكاسىغا مۇشۇ بىر ئىنكاسنىلا چاپلاپسىز.ئەھۋالدىن قارىغاندا يېڭى تەرجىمە قۇرئاننى ماختاۋاتقانلار ياكى قوللاۋاتقانلار دەپ چۈشەنگەن ئوخشايسىز.قالغىنى ئىختىيارىڭىز.ھەم ھەممەيلەننىڭ ئىختىيارى.
قۇرئاننىڭ تەرجىمىسى بەرىبىر تەرجىمە،بىز پەقەت ئۇنى پايدىلىنىش ئۈچۈنلا ئوقۇيمىز.شۇڭلاشقامەيلى كىمنىڭ تەرجىمىسى بۇلۇشتىن قەتىئنىەزەر ئۇ ھەرگىزمۇ قۇرئان ئەمەس.شۇڭا تەرجىمە قۇرئان پەقەت بىزنىڭ قۇرئاننىڭ زادى نىمىنى سۆزلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سۆز مەنسىگىلا يىتەكلىيەلەيدۇ.ئىچكى ماھىيتىگە يىتىشتە ھەقىقى تەقۋالىق بولمىسا،ئەرەپچىنى بىلگەنگىلا يەتكىلى بولمايدۇ.ھازىر پەقەت 1983-يىلدىكى تۇنجى تەرجىمىسى بولغانغىلا شۇنىڭغا سېلىشتۇرۇپ توغرا خاتا دىىيلىۋاتىدۇ.(ئەگەر تۇنجى تەرجىمىسى ھازىرقىسى بولغان بولسا،قۇرئان دىگەن مۇشۇ شۇ دەپ ئولتۇرارمىدۇق دەپ قالدىم.ئۇنداق بولمايتى دىيىلسە مۇھەممەت سالىھنىڭ تەرجىمىسنىڭ خاتاسى يوق دىيەلەيدىغانلار ئوتتۇرغا چىقسا شۇلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقساممۇ بۇلىدۇ،شۇڭا ھېچقانداق سامىنى يوق بۇغداينى ئىزدەيمەن دىسەك ئەرەپچىدە ساۋاتىسز بۇ ئۆمرىمىزدە قۇرئان دىگەننىڭ زادى نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلمەيلا ئۈتۈپ كىتىدىغانلار جىق چىقىپ كىتىدۇ )شۇڭا مەن قايسى خىل تەرجىمسىنى تېپىش قۇلاي بولسا شۇنى بىر ئاۋال ئوقۇپ،قۇرئاننىڭ زادى قانداق كىتاپ ئىكەنلىكىنى بىلسە ياخشى دىگەن پىكىرىمدە قالاي..قالغانلارنىڭمۇ ئىختىيارى.