تادۇ يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 11:24 AM
ھا ھاھا ! بۇرۇن مەنمۇ سىزدەك ئويلىغان. سىز مۇسۇلمان بو ...
ئىسلامدا خەتنە توي دەپ ئىش يوق ! پەيغەمبەر ۋە ساھابىلەرمۇ ئۇنداق تەي قىلىپ باقمىغان ! خەتنىنى يىقىن ئۇرۇق توققانلار يىغىلىپلا ئۆتكۈزگەن ئەڭ توغرا ! پەيغەمبەر ۋە ئاللاھ ھىچقاچان بالاڭلارنى خەتنە قىلغاندا
بالامنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇق دەپ پۈتۈن خەققە جاكارلاپ پولو ئىتىپ داستىخان سىلىڭلار
دىمىگەن نەدىكى قۇرۇق بىدئەت ئادەتلەرنى دەپ ئىختىلاپ قىلىشمايلى !
ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر دىمىگەننى قىلمىساقلا ئىختىلاپ يوقىلىدۇ ئارىمىزدىن !
نەزىرگە كەلسەك ! نەزىر پەقەت ئاللاھ ئۈچۈن نىيەت قىلىنسا ۋە نەزىر قىلىنغان مال ۋە نەرسە دەل نەزىرنى يىيىشكە تىگىشلىك پىقىر مىسكىن ،يىتىم -يىسىر لارغىلا يىتىپ بارسا ئۇ نەزىر دۇرۇس بولىدۇ ! ئەگەر ئۇنداق بولماي بىز ئۇيغۇرلاردىكىدەك پۈتۈن مەھەللىدىكى باي -كەمبەغەل ھەممىنى چاقىرىپ نەزىر بەرسە ، ئۇ نەزىر شۇ نەزىرنى يىگەن بايلار غا ھارام بولىدۇدە ! نەزىر نى ئۆتكۈزگۈچى ۋە شۇ نەزىرنى يىگۈچى بايلار گۇناھكار بولىدۇ ! جەمىيىتىمىزدە نەزىر يىللاردىن بىرى توغرا يوسۇندا ئىلىپ بىرىلمىغانلىقى ئۈچۈن ،ۋە بۇنى تۈزەش مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇنداق ناتوغرا نەزىر قىلىشنى شەرىئەت ئالىملىرى چەكلىگەن ! سىز مىسال قىلغان ئىمراننىڭ ئايالىنى ئۆز پەرزەنتىنى دۇنيا ئىشلىرىدىن ئازات قىلغان ھالدا ئاللاھ يولىغا ئاتاشنى نىيەت قىلىشى بولسا بىر مۇكەممەل ئىسلامغا ئۇيغۇن نەزىردۇر ! سىز بۇ ئىمراننىڭ ئايالىنىڭ نەزىرى بىلەن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان نەزىرنى سىلىشتۇرماڭ ! قولىڭىزدىن كەلسە نەزىر
قىلغۇڭىز بولسا ، سىزمۇ پەرزەنتىڭىزنى ئاشۇ ئايالدەك ئىسلام ئۈچۈن خىزمەت
قىلىشقا ئاتاڭ !
3-7-40-ۋە يىلى دىگەنگە ئوخشاش لارنىڭ ھىچقايسىسى ئىسلامدا يوق نەرسىلەر ! ئۇلار ئاپتور كىتابىدا دىگىنىدەك شامان بۇددا ۋە مانى دىنلىرىنىڭ نەزىر چىراق
ئادىتى !
سىز ئىنىق ھالدا بىر كۇفرى دىنلارنىڭ ئادىتىنى ئىسلامغا تىڭىۋاتىسىز ! ئىسلامدا ئۈچ نەزىر يەتتە نەزىر 40نەزىر ،يىلى دەپ نەرسە يوق ! بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاپپاق غوجا دىگەن مۇناپىق ئىتىقادىمىزغا سىڭدۈرۋەتكەن ! سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان
ئىسلامغا كىر گەن تۇنجى ئۇيغۇر سۇلتانى ، شۇنىڭ تارىخىنى ۋە ئاپپاق غوجامغىچە
بولغان بارلىقى دەۋىرلەرنىڭ داڭلىقلىرىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇپ بىقىڭ بۇ بىدئەد چىلىكلەر ئۇ ئاتا -بوۋىلىرىمىزدا بارمىكىن !
بۇ بىدئەتلەر پەقەت ئاپپاق غوجا دەۋرىدىن باشلاپ قەستەن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن!
باشتا ئىمان ۋە دىن تارىخى دىن پىرىنسىپىغا دائىر كىتابلارنى كۆپرەك كۆرۈپ ماڭا
سوئال تاشلاڭ !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-23 12:49 PM