تادۇ يوللىغان ۋاقتى 2013-1-23 06:30 PM
مەن لەيلەتۇل قەدرى كىچىسى يەنى شۇكۇننى مۇسۇلمانلارن ...
مۇسۇلمان دىگەن بىر مىللەت ! قىيامەت يىقىنلاشقاندا دۇنيا مۇسۇلمان ۋە كاپىردىن ئىبارەت 2 لا مىللەتكە ئايرىلىدۇ! تولا پەيغەمبەر نەزىرنى چەكلىمىگەن دەپ تۆھمەت قىلمىسىلا ! 3-7-40ئاتاپ نەزىر بىرىش دىگەنلەر ھەقىقەتەن يات دىننىڭ نەزىر چىراق كۈن ئادەتلىرى !
سىلى بىلەن ئارتۇق تالىشىپ ئولتۇرىدىغان بىكار ۋاقتىم يوق پەيغەمبەرنىڭ بىر ھەدىسىنى سوۋغا قىلاي ! پەيغەمبەر مۇسۇلمان ئۈممەتلەرنى كاپىر قەۋىملەرنى پۈتۈن ئىش ھەركەتلىرىمىزدە دوراپ
قالماسلىقىمىز ئۈچۈن مۇنداق دىگەن:«كىمىكى كاپىر قەۋىملەرگە ئوخشاش بىر ئەمەلنى قىلسا ئۇ كىشى شۇ قەۋىمدىن بولىدۇ». سىلى خۇددى ئالدىنقى يىللىرى
ياغلىق چىگىش ئەرەپلەرنىڭ ئادىتى دىگەن سەپسەتىلەرگە ئوخشاش
يىڭى بىر سەپسەتە ئۇيدۇرۇپ 3740لارنى ئەرەپلەر قىلمىغان بىلەن بىز قىلىمىز دەپ ئۆز ئالدىلىرىغا پەتىۋا بەرمىسىلە .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام
مۇنداق دىگەن : «كىم مەزھەپكە (گۇرۇھۋازلىق ،يۇرتۋازلىق،مىللەتچىلىك) بۆلۈنىدىكەن ئۇ بىزدىن ئەمەس».
شۇڭا ئىسلامنىڭ ئىمان مەسىلىسىگە تاقىشىدىغان مەسىلىلىرىنى ئۇ ئۇ مىللەتنىڭ ئادىتى بۇ بۇ مىللەتنىڭ دەپ ئۆز ئالدىلىرىغا پەتىۋا چىقارمىسىلا !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-23 06:53 PM