مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور پادىشاھلىقى(5) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 03:05:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارقىدىنلا نەسىھەتنامىنى تەبرىكلەپ بەزمە باشلىنىپ مەي ئىچىشتى.سازەندىلەر ماھىرلىق بىلەن نەي ۋە رود چېلىشتى.ئۇلار يېرىم كۈنگىچە نازۇ-نېمەتلەرنى تەنەۋۋۇل قىلىشىپ راسا كۆڭۈل ئېچىشتى.
شاھنىڭ دەرگاھىدىن ئەل ئىچىگە ھەر كۈنى سەھەردە يېڭى-يېڭى خۇشخەۋەرلەر تارقىلىپ تۇردى:
  -كىمىكى تۇرمۇشتا قىينىلىپ قالغان بولسا،كەم كۈتىسىنى پۈتكۈزمەكچى بولسا تېزلىكتە كېلىپ شاھ خەزىنىسىدىن دىرھەم ئالسۇن!
ۋادىلار رەڭ تۈزۈپ، رەڭدار گۈل چېچەكلەرگە چۆمۈلۈپ  قايتىدىن ياساندى.مەيخورلارنىڭ خۇشاللىقى ئىچىگە پاتماي توختىماي مەي ئىچەتتى.ئۇلارنىڭ ساداسى كېچە-كۈندۈز ياڭراپ تۇراتتى.بايلىقلارنىڭ نەرخى –ناۋاسى ئۆزگۈرۈپ تالنىڭ باھاسى ئىككى دىنارغا چىقتى.نەرگىسنىڭ بىر شېخىمۇ بىر دىرھەمگە سېتىلاتتى.نىر سودىدىن ھېچكىم غەم تارتمايدىغان بولدى.بارلىق دىللارنى شادلىق ۋە قۇت قاپلىغان ئېدى.بۇلاقلاردا سۇ ئورنىغا سۈت ئاقاتتى.بارچە خەلق جاھاندارنى ياد ئەيلەشتى.ئالەم ئەھلىمۇ ئۇنىڭدىن شاد بولدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 03:29:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ بەھرام بىر كۈنى ئىنىسى نەرسىگە دېدى:
-ئەي ئىنىم، مەن ساڭا خۇراساننى بەردىم.ئۇ يەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق مۆھۈرى ۋە شاھلىق كۇلاھى سېنىڭكىدۇر.تېزدىن يولغا چۈشۈپ ئۇ يەرگە بېرىپ خۇراساننى ئاۋات قىلغىن.ھەر بىر ئىشىڭدا ھۇشيار بول،ئادىللىق يولىدىن تايما.شەخسىيەتسىز،ئالىجاناپ بولۇپ ھەر بىر ئۆتكۈنچىگە چاڭگىلىڭنى سالما.كىمىكى يامانلىق قىلسا ئۇنىڭغا قىلچە يۈز خاتىرە قىلما،چۈنكى يامانلىقتىن ئەلگە ئامانلىق كەلمەس.
خەزنىچىلەرگە بۇيرۇپ نەرسىگە شاھلارغا خاس لىباس كىيدۈردى.ئۇندىن باشقا ئۇنىڭ مال-دۇنياغا بېرىلمەي پاك ئادىل ياشىشى ئۈچۈن خەزىنىدىن يېتەرلىك پۇل-مال ئاجرىتىپ بەردى.يەنە مۇنداق تىلەك تىلىدى:
-تەڭرى سېنىڭ پاناھىڭ،قۇياش تەختى دەرگاھىڭ بولسۇن.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 05:04:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىدىن تېخى ئىككى ھەپتە ۋاقىتىمۇ ئۆتمەي كۆركەم ۋە خۇشھال خۇراساننى ئاسانلا قولغا كەلتۈردى.نەرسى كېتىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن شاھنىڭ قەلبىدىمۇ غەم-ئەندىشە قالمىدى.ئۇ رۇم شاھى قەيسەردىن ئەلچى بولۇپ كېلىپ ىېلىدىن بېرى جاۋاپ كۈتۈپ تۇرغان ئەلچى ھەققىدە سۆھبەتلەشمەك بولۇپ دانالار داناسىدىن بىرىنى يېنىغا چاقىرتتى.ئۇ باشقا نۇرغۇن دانالارنى يېنىغا ھەمراھ قىلىپ شاھ ھوزۇرىغا كەلدى. شاھ ئۇنىڭدىن سورىدى:
-قەيسەرنىڭ ئىشى سوزۇلۇپ كەتتى،خاقان ئەۋەتكەن كىشىمۇ قايتىپ كېتىشنى ئىستەيدۇ.ئۇ ئۆزى قانداقراق ئادەم، قانچىلىك بىلىمى بار، ئىلىم ھېكمەت ئارا يېتۈك ئالىممۇ قانداق؟
دانا مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى:
-دۇنيادا ھەر خىل ئىلىملەر،ئادەم بەدىنىدىمۇ پەللىلەر ئۈستىدە يەنە  پەللىلەر بار.ئۇ ئەلچى ئەندىشە ۋە ھايادا نام قازانغان.خۇشخۇي خاراكتىرلىك،سۆھبەتلەردە مەنتىقىلىق،راۋان  پىكىر قىلىدۇ.ئۇنىڭ ئۇستازى ئەفلاتۇن ئىكەن.مەيلى زېھىن جەھەتتە،مەيلى ئىلىم جەھەتتە پۈتۈندۇر.ئۇ رۇمدىن يېڭى كەلگەن چېغىدا ئالىپتە ئېدى.بۇ يۇرتقا غېرىپلىق بىلەن بەند بولغان،گوياكى قىشتىكى ئىلاندەك ھالى يەرگە تەڭ ئېدى. چىرايى قومۇشتەك سېرىق، جىسمى بوزرەڭ كۆرۈنەتتى.بارچە خىزمەتكارلىرى يېنىدا خىزمەتكە تەييار تۇراتتى.ئۇ بىكارچىلىقتا تايغانلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئوۋ تاماشىسى بىلەن مەشغۇل بولغان.لېكىن بىر كەمچىل تەرىپى شۇكى،ئادەمنى ئادەمچە سانىماس.كۆزىدەخۇسۇمەت ئۆچمەنلىك ۋە غەمكىنلىكنىڭ بەلگىلىرى بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-28 05:11 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 05:41:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-خۇدا بىزگە شانۇ-شەۋكەت،تاجۇ-قۇدرەت ۋە ياخشى نام ئەمەل بەرگەي.جاھاندار مېنى مۇزەپپەر(زەپەر قازانغۇچى) تۈنۈمنى يورۇتۇپ مۇنەۋەر قىلغاندۇر.ئۇ رۇم ئېلىنىڭ پادىشاھى،شۇ دىيارنىڭ ھاكىمى ۋە پاناھىدۇر.ئۇنىڭ بېشىغا شاھ پەرىدۇن شاھلىق تاجىنى ئۆز قولى بىلەن كىيدۈرگەن بولۇپ  سەلىمدىن ئالغان راۋاجى تولىمۇ ئۇلۇغدۇر.ئۇ كۆپتىن بېرى ئادىمىيلىك قىلىپ،دانالىقنى تاشلىماي،غەرەزسىز ھالدا بىزگە ئىنتىلىپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇنى چاقىرايلى ۋە قوبۇل قىلايلى.ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ دانا سۆزلىرىنىڭ مېغىزىنى چاقايلى.شۇندا ئۇنى ياخشلىق بىلەن يولغا سالغايمىز.ياخشلىق يولىدا خىسلەت تاپقايمىز.جاھان شاھلىرىدىن بىرى ئۇرۇش ئىزدەپ قوشۇن ئوينىتىدۇ،بىرى بولسا بەزمىلەر قۇرۇپ كۇلاھ كىيدۈرىدۇ.بۇ ئىشلارنىڭ پەرقىنى ياخشى بىلىمەن.شۇڭا بۇ ئەلچىنى قوبۇل قىلىپ مۇناسىپ ھۆرمەت قىلىمەن.
دانا شاھ بەھرامنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا تەھسىن-ئاپىرىنلار ئېيتىپ دېدى:
-ئەي دانا شاھىم،دۇنيانىڭ ئۆمرىچە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ شاد ياشاڭ.مەن سىزگە قايىل ئاغزىڭىزدىن چىققان سۆزىڭىز ھەرقاچان ياخشىلىق يۈزىسىدىنلا بولىدۇ.دېمەك سىز ‹‹ئۇلۇغلارنىڭمۇ ئۇلۇغى›› دەپ تەرىپلەشكە مۇناسىپ شاھىنشاھتۇرسىز.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-28 06:31:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتىسى سەھەردە قۇياش ئاسمان ئېتىكىدە نۇرىنى پاش قىلىپ قىپقىزىل تاجىنى كۆرسەتكەندە شاھ بەھرام رۇم ئەلچىسىنى يېنىغا چاقىرتتى.شۇ دەمدە ئۇنىڭ تەخت ۋە قەسىرىمۇ سەدەپتەك پارلىدى.شۇ دەمدە دۇنيا كۆرگەن مويسىپىت دانا قەسىرگە كىرىپ كەلدى.ئۇ شىرىن،خۇش سۆزنىڭ ئۇستازى،ئىلىم ھېكمەتتە تەنھا ئەلچى ئېدى.ئۇ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ،بېشىنى تۆۋەن ئىگىپ تەخت يېنىدا تۇراتتى.شاھ بەھرام سۆز قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە  تېخىمۇ يېقىنراق سىلاجىتتى ۋە يېقىملىق ئاۋازدا ھال-ئەھۋال سورىدى:
-ئۇزاقتىن  بېرى مەن سلىنى كۆپ كۈتكۈزۈپ قويدۇم.رۇم ئەلچىسى ئارام ئېلىۋالسۇن،كۆپرەك يەرلەرنى كۆرۈپ تاماششا قىلىۋالسۇن دېدىم.ئۇندىن باشقا مېنىڭ ئوردىدىكى جىددىي ئىشلىرىم ئۇزاققىچە تۈگىمەي ئەلچى بىلەن دىدار كۆرۈشمەك مۇشكۈل بولۇپ قالدى.چىن خاقانىنىڭ ئېلىمىزگە قوزغىغان ئۇرۇشى بىزنى كۆپ ئاپەتكە دۇچار قىلدى.ئەمدىلىكتە ئۇ ئەندىشىلەردىن خالاس بولدۇق،كۆز قارىقىمىز پۈتۈن.ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ بىر چېكى بولمىقى مەقبۇلدۇر.سىزنىڭ ھەرقانداق سۇئالىڭىز بولسا سوراڭ.مەن جاۋاپ قايتۇراي.بۇ ئارقىلىق ھەر بىر سۆزدىن بەختىمگە پال سېلىپ كۆرەي.
مويسىپىت ئەلچى بىرتالاي ئاپىرىن سۆزلىرىنى ئېيتقاندىن كېيىن دېدى:
-سىلى جاھاندا ھەممىدىن بۈيۈك پادىشاھ.يەر ۋە ئاسماننىڭ بارلىق ئىشلىرى سىلىسىز بولماس.شاھنىڭ قەلبى ئەقىلگە تولۇق بەند بولغان  بولسا، باشقىلار ئەقىلدارنىڭ سۆزىدىن تولۇق بەھرىمەن بولالايدۇ.ئەقىلدار شۇنداق بۈيۈك كىشىدۇركى،ئۇ تەڭرىگە ئاددىي پۇقرادىن يېقىنراقتۇر. بەتغەرەزلەر قەلبىدە ھىچقاچان چىراغ يانماس.سىلى ھەم ئۇلۇغ شەھرىيار،ھەم سەرۋەر(يول باشچى)،شۇنداقلا ئالىي مەقام ۋە ئەلپەرەس دانا پادىشاھ.سىلىدە ئەقىل-ئىدراك،بىلىم،تەدبىر مول.بۇنداق يول- غالىپ پادىشاھلارغا ئەينەكتۇر.مەقسەتلىرى پاكىزە،باشلىرىدا بەخت قۇشى.تەڭرى سىلىنى بارچە ئەقىللەرگە باي قىلغاندۇر.گەرچە مەن قەيسەرنىڭ ئەلچىسى بولساممۇ قوللىرىغا قول،پۇتلىرىغا پۇت بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.مەن قەلبىمدىكى چىن  سۆزلەرنى دەيمەن، سىلى ئەستايىدىلى قۇلاق سالغايلا! ئالدى بىلەن سىلىگە قەيسەرنىڭ سالامىنى يەتكۈزىمەن،قوبۇل قىلغايلا!بۇ شاھلىق دەرگاھلىرى داۋامەت پۇختا بولغاي.قەيسەر مەندىن سىلىگە يەتتە سۇئال ئەۋەتتى ھەمدە ھوزۇرلىرىدىكى دانالاردىن جاۋاپ ئېلىپ كېلىشىمنى بۇيرىدى.رۇخسەت بولسا مەن بۇ سۇئاللارنى ئوتتۇردا قوياي ۋە جاۋابىنى ئالاي!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-28 06:31 PM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 12:05:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-مەيلى،قېنى سورىسىلا.مەردلەر قىيىن سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ شۇنىڭ بىلەن ئابرۇي تاپقاي.
شاھنىڭ پەرمانى بىلەن دانالار داناسى بولغان شاھ ۋەزىرى ئەلچىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەرمەككە تەق بولدى.ئاندىن شاھ سۇئالچىغا سىناق نەزىرى بىلەن بېقىپ بىر مۇددەتكە قۇلاقنى دىڭ قىلدى.قەيسەر ئەلچىسى دىل قۇلۇپىنى ئاچتى.ئۇنىڭ بىرىنچى سۆزى خاقان ھەققىدە بولدى:
-ئايا رەھنەماي،قېنى جاۋاپ قىلغىن! قانداق نەرسە ئىچىدىن جاي تۇتىدۇ؟
-ئەي سىنالمىغان مەرد،جاۋابىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا،سۇئالىڭدا قانچە پىنھان سىر بار بولسا مەندىن جاۋابىنى بىرمۇ بىر ئالىسەن.بىرىنچى سۇئالىڭنىڭ جاۋابى شۇكى ئۇ سۆزدۇر.ئۇنىڭ تۇرار جايى ئادەمنىڭ ئىچىدۇر.
-يەنە قانداق نەرسىدۇركى،تاكى سىرتقا چىقارمىغۇچە نامىنى بىلمىكىڭ مۇئەمما بولغاي؟
-جاۋابى يەنىلا سۆزدۇر.ئۇ پەقەت سۆزلىنىپ سىرتقا چىققاندىلا ئاشكار بولغاي. ياخشى سۆز گوياكى چىرايلىق  كىيمگە ئوخشايدۇ.ئۇ ئادەمنى گۈزەل، يېقىملىق كۆرسۈتىدۇ.
-زىرۇ-زەبەر دېگەن نىمە؟ ئىزھار ئەيلىگىن!
-زىر  دېگىنىڭ ھاۋا،زەۋەر دېگىنىڭ ئاسماندۇر.بىرىنىڭ ئورنى ئۈستىدە، بىرىنىڭ ئورنى ئاستىدا. يەنى ئاسمان ئابۇ ھاۋانىڭ ماكانىدۇر.
-نىمە بىپاياندۇر؟
-يۈكسەكلىك پەقەت قادىر خۇداغىلا خاستۇر.ئۇنىڭ ئېنى ھەم بويى يوقتۇر.ھەقىقى بىپاياندۇر.ئۇ قىلغان ھېساپ چەكسىزدۇر.ئۇ ياراتقان ئالەممۇ بىپاياندۇر.پەلەكنىڭ ئۈستىدە يۇلتۇزلار پارلايدۇ.بىز ئۇنىڭ ھېسابىنى بىلمەككە ئاجىزدۇرمىز.ئاسمان-پەلەك ئاددىيغىنە بىر تاشلىق يول ئەمەس،ئۇنىڭغا چىقماق ۋە ئەڭ ئۈستىگە يەتمەكنى خىيال قىلىش بىمەنىلىك.كىمىكى ئوقنىڭ يىراققا ئۇچقانلىقنى كۆرسە ئۇنىڭغا شاھىد بولار.ئالەمنىڭ ئادىتىنى،ئۇنىڭدا قانچە گەردىش،قانچە قەۋەت ۋە زامان بارلىقنى ئاسانلىقچە بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ.ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى دائىم ساناۋەرسەڭمۇ تولۇق ساناپ بولغىلى بولمايدۇ.ئاسمانغا چىقىپ شۇ يۇلتۇزلارنىڭ ھەقىقى يۈزىنى كۆرمەك بەكمۇ تەستۇر.
-نىمە ئەڭ ئەزىز،نىمە ئەڭ خارۇ-زار؟
-ئاللاھ ياراتقان جەننەت بىلەن دەۋزەخكە كىرگەن ئادەملەر.جەننەت ئۈستىگە قايلاشقان.ئۇ ياخشىلارنىڭ ماكانى.ئۇنىڭغا كىرگەنلەر ئەڭ ئەزىز.دەۋزەخ ئاستىغا جايلاشقان ئۇ رەزىل،پاسىق، يامان ئادەملەرنىڭ ماكانى. ئۇنىڭغا كىرگەنلەر ئەڭ خارۇ-زار بولۇر.
-نىمە ھەممىدىن پاراۋان؟
-ھەممىدىن پاراۋان نەرسىنىڭ نامى ئەقىل.بارلىق ئارزۇلار ۋە نىيەتلەر ئۇنىڭ بىلەن راۋانلىشار.ئۇ ياخشىلارنى مۇرادقا يەتكۈزىدىغان پاراۋان يولدۇر. ئەقىلداننىڭ نامى ‹‹پەم پاراسەت›› دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ دۇنيادا دانادىنمۇ ئەۋزەلرەك كىشى يوقتۇر.دانالار جاھاننىڭ سىرلىرىنى نامايەن قىلىدۇ.ئاددىي كۆزلەرگە بۇ سىر ئايان بولماس.كىمدە مۇكەممەل ئىلمۇ-دانىش بولىدىكەن ھەرقانداق مۈشكۈلنى ۋە سىرلىق تېپىشماقلارنى ئاسان قىلار. ئەقىلسىز ئىنسانغا بۇ زېمىن ھەر بىر قەدەمدە  جاپا سېلىپ تۇرىدۇ.
-ھەممىلا يەردە ساھىبى پەرمان بولالايدىغان نەرسە نېمە؟
-بىرى مېھىر، يەنە بىرسى بولسا ۋاپا.خۇش سۆزلۈك زاتلار ئۇنى راستچىللىق دەپ ئاتايدۇ. ئۇلار ئادەم ئۈچۈن ياخشى پەزىلەتلەردۇر.ئۇ زېرەكلىككە ماس كېلىدۇ.ئۇ گاھىدا تەمكىن،گاھىدا سىرداش كېلىدۇ.ئەي جاناپ، سۇئاللىرىڭغا مېنىڭ جاۋابىم ۋە بىلگىنىم  شۇدۇر.باشقىچە جاۋاپ كۈتمەك ۋە يەنە باشقا سۇئاللىرىڭغا جاۋاپ ئالماق بولساڭ مەن تەييار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-29 12:06 AM  


قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 12:34:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ جاۋاپ رۇم شاھى قەيسەرنىڭ دانا  ئەلچىسىنى تاڭ قالدۇردى.ئۇ شۇ ھامان شاھ ئالدىدا تىزلىنىپ يەر سۆيۈپ تەسەننا ياغدۇردى:
-ئەي شاھىم،بۇ ۋەزىر سىلىنىڭ ئەڭ زور بەخت-ئىقباللىرى ئىكەن.ھىچۋاقىت خۇدادىن بۇندىن ئارتۇق بەخت تىلىمىسىلە.تىلەش كېرەك بولسا ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ،تېنىنىڭ ساغلام بولۇشىنى تىلىسىلە! مۇشۇنداق يىتۈك دانالار ئەتراپلىرىدىلا بولسا ئالەم باشتىن ئاياغ پەرمانلىرىدا،باتۇرلارنىڭ بېشى پەيمانلىرىدا  بولىدۇ.بەخت بەخش ئەتكۈچى بارچە ئۇلۇغلارنى قوللاپلا،بۇ ئالەمنىڭ ھەممە يېرىنى ئىزدىسىلىمۇ مۇندىن ئارتۇق يورۇقنى تاپالمايدىلا.دانالار ۋەزىرلىرى بولغاچقا،سىلى ئۆزلىرىمۇ ئەقىللىقلاردىن زىيادە بولغاچقا بارچە پەيلاسوپلار سىلىگە بەندىدۇر.بارچە ئۇلۇغ ئالىملار ئەتراپلىرىدا پەيۋەندىدۇر.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ بەھرامنىڭ روھى كۆتۈرۈلۈپ كەيپى تېخىمۇ چاغ بولدى.كۆڭلىمۇ پارلاپ نۇرلۇق چىراق يانغاندەك بولدى.شاھ پەرمان چۈشۈرۈپ ئەلچىگە ۋە دانا ۋەزىرىگە تالاي دىرھەملەرنى مۇكاپات قىلىپ بەردى.ئۇندىن باشقا شاھانە لىباس،ئىسىل ئات ۋە يەنە كۆپلىگەن ماللارنىمۇ ئىنئام قىلىپ بەردى.قەيسەرنىڭ دانىشمەن ئەلچىسىمۇ شاھتىن كۆپ خۇرسەند بولۇپ شەھرىيار ئالدىدىن قايتتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 01:23:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇياش كۆتۈرۈلۈپ پەلەككە قول سوزغاندا شاھمۇ تەختىگە چىقىپ ئاپتاپقا ئوخشاش نۇر چاچتى.شۇ دەمدە ئەلچىنىڭ قەدىمى بارگاھقا يەتكەندە بۇزرۇكۋار ئۇلۇغ ۋەزىر ئەزەممۇ كېلىپ بولغان ئېدى.ئۇلار ئۆتكەن كەچكەنلەرنى ياد قىلىشىپ بىردەم پاراڭلاشتى.كېيىن ۋەزىر ئەلچىگە يۈزلىنىپ تەدبىرلىك دانادىن سۇئال سورىدى،ئەلچى جاۋاپ بەردى:
-دۇنيادا كۆپ زىيان سالىدىغان ئىش ۋە ئىنساننى يىغلىتىدىغان ئېغىر تەشۋىش نىمە؟ئىنسان قانداق نەرسىدىن مەنپەئەت تاپالايدۇ ۋە قانداق نەرسىدىن ھەردائىم مەقسەدلىرى ھەل بولۇپ تۇرىدۇ؟!
-ئول نەرسىنىڭ ئىسمى دانادۇر.ئۇ ھېمىشە ئۇلۇغدۇر ۋە  بەختلىكتۇر.نادانلىقنىڭ جىسمى تۇپراقتىنمۇ پەستۇر.ئىسمىمۇ ھېچقانداق ئىشقا سازاۋەر ئەمەستۇر.سىلى بۇ سۇئاللىرى ئارقىلىق دانادىن ۋە ناداندىن ھېكايەت ئاچتىلا بەرگەنلىرىم راستچىللارنىڭ جاۋابىدۇر.
-ياخشىراق ئويلاپ باقسىلا،بېلىقنى قۇرۇق يەرگە قويمىسىلا!ئەي مەرد،جاۋابىمنى ئاڭلىسىلا،سىلى دانالارنىڭ سۆزلىرىنى ئەسلىمەكلىرى شەرت.باشقا خىل سۇئاللىرى بولسا سورىسىلا.ئىلىم بىلەن ئەقىل ئادەمنىڭ ئادەمنىڭ ئابرۇيىنى ئاشۇرىدۇ.
-ئەندىشە قىلىش كېرەك.ئەندىشە ھەمىشە سۆزگە شان بېرىدۇ.كىمىكى بۇ دۇنيادا بىئازار بولسا ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئەل ئۈچۈن زىيادە غەم ئېلىپ كېلۇر.لېكىن يامانلار ئۆلگەندە شادلىنىپ كۈلسە راۋا بولىدۇ.گەرچە بىزمۇ ھامان بىر كۈنىئۆلۈپ كەتسەكمۇ، كىشىگە بىر ئىشتىن پايدا بولسا، يەنە بىر ئىشتىن زىيان بولىدۇ.ئەقىل نىمىدىن پايدا،نىمىدىن زىيان كېلىدىغانلىقنى پەرىق ئېتەلەيدۇ.رۇم ئەلچىسىنىڭ بۇ جاۋابىنى ۋەزىر مەقبۇل كۆردى.ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى بىلىۋالدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

ياخشىلار مىنىڭ 

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35468
يازما سانى: 740
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5769
تۆھپە نۇمۇرى: 540
توردا: 448 سائەت
تىزىم: 2011-3-28
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-29 01:49:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇن . جاپا چىكىپسىز ، ئەجىرڭىزگە كۆپ تەشەككۈر . ......يەنە بىر ئۆتمۈشتىن خەۋەردار قىلغىنىڭىزغا كۆپ رەخمەت .   

ئىگىسىز جەسەتنى تۇنۇۋىلىڭلار

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-1 01:15:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇم ئەلچىسى تەبەسسۈم بىلەن  شاھىنشاھقا ئاپىرىن ئوقۇدى ۋە مۇنداق دېدى:
-ئېران زىمىنى مۇبارەك زىمىن،ئۇلار ھەمىشە ئادىل شاھنىڭ تەختىنى،دانا ۋەزىرىنىڭ بەختىنى كۆرەلەيدۇ.ئەي جاھاندار، سىلىنى ئىلىمگە تولغان دېيىشكە بولىدۇ.چۈنكى ۋەزىرلىرى ھەرقانداق دانادىنمۇ دانادۇر ۋە تەڭداشىسز ئەقىل ساھىبىدۇر. شۇنداق ئىكەن سىلى بىزنىڭ شاھىمىز قەيسەردىنمۇ باج تەلەپ قىلىشقا تامامەن ھەقلىق.
شاھ ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن يايراپ كەتتى.دىلىدا گۈللىگەن باھار چىراي ئاچقاندەك بولدى.كەچ كىرىپ تۈن ئۆزىنىڭ ئەتىر بۇي  پەردىسىنى يايغاندا ئەلچى مەمنۇنلۇق بىلەن شاھنىڭ يېنىدىن قايتىپ چىقتى.قۇياشمۇ ئۆزىنىڭ نۇرلۇق گەۋدىسىنى ئەنبەرگە بېكىتتى.
سۈبھىدىن كېيىن چەرخى گەردۇنمۇ ئالدىراپ پاراغەت ئۇيقۇسىدىن مەمنۇنلۇق بىلەن ئويغاندى.تاڭنىڭ جۇلاسى ئالەمگە يېيىلىپ قۇياش چەشمىسى يەنە پارلاپ كەتتى.قوۋۇق باقار  ئوردا ئىشىكىنى ئاچقاندا شاھى جاھان  ئادەت بويىچە ئوردىغا كىرىپ شاھلىق تەختىدىن ئورۇن ئالدى.ئۇ غەزىنىدارۋە خىزمەتچىلەرگە سوۋغاتلارنى تەييار قىلىشنى بۇيرۇدى.ئۇلار تەييار قىلىشتى.شاھ ۋەئۇنىڭ يارەنلىرى رۇم ئەلچىسىگە ھۆرمەتلەر ئىزھار قىلىشتى. ئاندىن زەر،كۈمۈش،ئات-جابدۇق،ئالتۇن غىلاپلىق ھىندى شەمشىرى،ياقۇت،گۆھەر، ئىپار،ئەنبەر قاتارلىق بىر قاتار ئىسىل سوۋغىلارنى تەقدىم قىلىشتى.بۇ سوۋغىلار شۇ قەدەر كۆپ ئېدىكى ئەلچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ نەچچە ھەسسە كۆپ ئېدى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش