مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: Qabiljan

بەھرام گور پادىشاھلىقى(5) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-2 01:29:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رۇم شاھىنىڭ ئىشلىرىنى ئاياغقا يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن شاھ بەھرام ‹‹رۇم بىلەن ئۇرۇش بولۇپ قالسا قانداق قىلارمەن؟›› دەپ  قوشۇن تەشۋىشىنى ئويلاشقا باشلىدى.شۇڭا ساراي ۋەزىرلىرىگە:‹‹بارلىق ۋەزىرلەر، ئەمىرلەر،سەركەردىلەر ۋە باشقا نامدار ئۇلۇغلار  سارايغا يىغىنغا جەم بولسۇن!››دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
بۇ يىغىندا شاھ بەھرام مەردۇ-مەردانلارغا نام بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا جاھان بايلىقلىرىدىن دىنار، تۇلپار ،زەر كۇلاھ،تاج،دەرگاھ...قاتارلىق  نۇرغۇن ئىنئاملارنى بەردى.شۇ ئارقىلىق ئالەم يۈزىنى راستلىققا تولدۇردى. ھەممە ئەل ئۆزىنى شادىمان سەزدى.كىمىكى بىدادكار(زۇلۇم قىلغۇچى) بولسا جازاغا مەھكۇم بولدى.ئەمەلدارلار مۈلۈككە ئېرىشىشنىڭ شىرىن سۆزىدىن مەھرۇم قىلىندى.ئارقىدىن شاھ ۋەزىرلەرگە سۆزلىدى:
   -سىزلەر مەملىكىتىمىزنىڭ پاك دىل دانالىرى،زېھىنلىك،جاھان ئىشلىرىدىن ئاگاھ ئەقىلدارلىرى،مەن سىلەرگە ئادىل ۋە نائادىل شاھلاردىن سۆز ئاچاي.بۇ سۆزدىن يۇرتنىڭ بارلىق ئۇلۇغلىرى ۋاقىپ بولغايسىزلەر.تارىختا يامانلىق يولىنى تۇتقان بىر قىسىم شاھلار ئۆتكەن.ئۇلار بارچە ھارام ئىشلارغا قولىنى سوزاتتى،شۇڭا ھېچبىر قولى ئۇلارغا ئاراملىق بەرمىگەن. پۈتكۈل جاھان ئەھلى ئۇلاردىن جەبىر-زۇلۇم تارتاتتى،ياخشىلارنىڭ دىلى غەمدىن قۇتۇلالمايتتى.ئۇلاردىن ھېچقايسىسى خۇدا يولىنى ئويلاپ قويمىدى.ئوردا چاڭگىلىدا ئەل نالەن(نالە-پەرياد چېكەر) ئېدى.ئالەمنىڭ شاھىدىن يۈرەكلەر قان ئېدى.بارچە ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۇنىڭ قۇلى ئېدى.ئەقىللىقلەرنىڭ تۇتقان يولى،بىلىم ئىشىكىگە بېرىش.ئەلدىكى پاكلىقمۇ،ناپاكلىقمۇ شاھقا باغلىقتۇر.ئۇ باش قوماندان بولغاچقا ئەلنى يا ئەگرى يولغا،يا توغرا يولغا باشلايدۇ.ئاتاممۇ شۇ شاھتەك زالىملىققا يول سالغان ئىكەن.شۇڭا ئۇنى پاكدىل بىر خۇداكەش دېگىلى بولمايدۇ.ھېچكىممۇ ئۇنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھەيران بولمىسۇن.ئۇنىڭ كۆڭۈل ئەينىكىنى چاڭ باسقان بولغاچقا جەمشىد،كاۋۇس ۋە زەھھاكلاردەك ئىبلىسنىڭ يولىنى تۇتۇپ ‹‹ياۋۇز›› ئاتالدى. چۈنكى ئاتام ‹.ئەقىل بىلەن ئىش قىلىش كېرەك›› دېگەن دەرسنى ئۇنۇتقان ئېدى.ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بارلىق جايلار زىيادە رەنج تارتىپ ئۇنىڭ خاتا قىلمىشلىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ پەرياد چېكىشتى.ئاقىۋەتتە ئۇنىڭدىن يامان نام قالدى.ئاۋام ئۇنىڭ شەنىگە ئاپىرىن ئېيتمايدۇ.مەيلى بىز ئۇنىڭ شەنىگە قانچىلاپ ئاپىرىنلار ئېيتساقمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ قۇدرىتى ئۇنداق قىلىشىمىزنى راۋا كۆرمەيدۇ.ھازىر ئۇنىڭ دەرگاھى بىزگە قالدى.بىگۇمانكى، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئاسمانغا يۈزلەندى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 12:37:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالەمنى ياراتقان ئۇلۇغ تەرىدىن ھەر ئان كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلىشنى ئاشكارە ۋە پىنھان تىلەيمەن.پۇقرالىرىم بىلەن مادارا قىلىپ ھالال ئەجرىم بىلەن تۇپراقتىن قارا ئىپارنى ئالارمەن.تىلىكىم شۇكى،ھېچكىم مەندىن ھەرقانداق ئىشتا  نارازى بولمىسۇن.بۇ دۇنيادىكى رىزقىم تۈگىگەن، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىپ تېنىم يەر بىلەن تەڭ بولغاندا ھېچكىم مېنىڭ يامان گېپىمنى قىلمايدىغان،‹‹بىر ياماندىن قۇتۇلدۇق››دېمەيدىغان بولسۇن. سىلەرمۇ مېنىڭ ياخشى ئادەتلىرىمنى ئۈلگە قىلىپ چىنلىقنى پىشە(ئادەت) قىلىڭلار.ھېچكىمدە يامان ئەندىشە قالمىسۇن.بۇ ئۆلۈم ھەركىمنىڭ بېشىدا باردۇر. ئۇنىڭدىن قۇتۇلماقلىق يوقتۇر.ئۆلۈم قوينىدا ئەركەك شىرمۇ بىئىلاج ياتار.ئۆلۈم بەئەينى شىردەك ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن چېغىدا ئەجدىھالارمۇ ئۇنىڭ ئۆتكۈر  تىرنىقىدا ھالاك بولىدۇ.بۇرۇنلاردا ‹‹جاھان مېنىڭ››دەپ يۈرگەن شاھىنشاھلارنىڭ بېشى ۋە تاجى قېنى؟!نى نى ئۇلۇغ ئالىملار ھەكىملەرنىڭ ئۆلۈمنى قايتۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ئىلاجلىرى قېنى؟!پالۋان،قەھرىمان ئاتالغان،كۈچ قۇۋۋىتى بىلەن تاغنى تالقان قىلىۋېتەلەيدىغان مەرد ئوغلانلار قېنى،ئۇلار نەلەردە قېپقالدى؟!گۈزەل تەڭسىز  رۇخسارى بىلەن مىڭلىغان نەۋقىران يىگىتلەرنىڭ يۈرىكىگە ئىشقى ئوتلىرىنى يېقىپ ئۆتكەن گۈلچېھرە قىزلار،گۈلگۈن رۇخسارلار،ياخشىلار قەلبىنى شاد قىلغان يارلار قېنى؟! ھازىر ئۇلاردىن ھېچبىر نىشاننى ئىزدەپ تاپالمايمىز.ئۆلگەنلەردىن كىمنىڭ يۈزىنى بارگاھ ئۇزاققىچە ياپالايدۇ؟ ئۇنىڭغا پەقەت تاش بىلەن تۇپراقلا مەڭگۈلۈك يار بولىدۇ.شۇنداق بولغان ئىكەن بىز پاكلىق ۋە ياخشلىق قىلماققا قول ئۇزۇتايلى.بەدكارلىق قىلمىشقا ئەسلا يول بەرمەيلى.تەڭرى نامى بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى،ئۇ ماڭا تاجۇ-تەخت، شان-شەۋكەت، ھەم بەخت ئاتا قىلدى.ئەگەر بىرەر سەردار ئىدراكنى ئۇنتۇپ بىرەر سىقىم خاكنى غەرەزلىك ئالسا ئەگەر ئۇنىڭ جىسمىنى ئوتتا كۆيدۈرمىسەم،ئاسىي تېنىنى دارغا ئېسىپ بېشىنى دارنىڭ ھالقىسىدا كۆرمىسەم؛ئەگەر قارا تۈندە بىر ئىپلاس ئوغرى دەرۋىشنىڭ ئۆيىگە ئوغۇرلۇققا كىرىپ ئۇنىڭ پالىزىنى ئوغۇرلاپ چىقسا تۆلىمىگە غەزىنىدىن دىنار بېرىپ ئۇ ئوغرىنى تۇتۇپ قاتتىق جازالىمىسام؛غەمگۇزارلارنىڭ دىلىنى رەنج –مۇشەققەتتىن يۇيمىسام؛ يوپيورۇق كۈندۈزدە ياكى بورانلىق تۈندە يەنە بىر ناكەس ئوغرى قارا قولىنى ئۇزۇتۇپ قوي ئوغۇرلىسا قوي يوقاتقانغا بىر ئات بېرۈرمەن.زىيانلانغۇچى ئۇنىڭغا شۈكرانە قىلسا بەس مەن ئۇنىڭغا قانات بېرۈرمەن.
جەڭ بولۇۋاتقان  چاغدا بىرەر ئەسكىرىمنى دەرد بىلەن زەخمنىڭ دېغى ئۆرتىسە مەن ئۇنىڭ تۆلىمى ئۈچۈن بىر ئايلىق رىزقىغا يەتكۈدەك دىرھەم بېرىمەن.تاكى ئۇ رۇزىغار توغرىلىق غەم-ئەلەم چەكمەيدىغان بولسۇن.سىلەر ھەر كۈنى ئادىل ئىگەمگە شۈكۈر قىلىڭلار.  

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-3 01:09:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارچە ياخشىلىقنى تەڭرىدىن دەپ بىلىڭلار،ئاتەشپەرەست مەردلەر ئوتنى پاك ساقلاڭلار.ئەقلى ھوشى جايىدا،ئىدراكلىق،پاك ئىنسانلار ھەرقانداق چاغدا ئاتەشنى خار قىلماس.مەن گۇناھلىق ئىشلارنى دەپ بېرەي دىققەت قىلىڭلار.ئۆكۈزنىڭ قېنىنى تۆكمەكلىك،سەھرادا گومۇشنى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى ئۈزمەكلىك زور گۇناھ. پەقەت مال-چارۋىلار قېرىسا ئۆزى ئىشتىن چىققاي،شۇنىڭ بىلەن ئېگىسى ئۇنىڭ تەشۋىشىدىن قۇتۇلغاي.ئەي يولۇچى،ھەرگىزمۇ ئۆكۈزنى ئۆلتۈرمەڭ.ئۇنداق قىلمىسىڭىز سەھرادىن  بەرىكەت ئىزسىزلا يوقۇلىدۇ.قىيىن ئىشقا يولۇقۇپ مەسلىھەت قىلماق بولغىنىڭىزدا  دەردىڭىزگە دەرمان بولغىلى دانا تېپىلىدۇ.ھىچقاچان،ھەرقانداق جايدا  ياشلارنىڭ كۆڭلىنى ئەسلا  سۇندۇرماڭ.قېرىغان چېغىڭىزدا مەستلىكتىن قول ئۈزۈڭ،چۈنكى،قېرىنىڭ مەستلىكى كاساپەت ياماندۇر.دىۋىنىڭ قەستىدىن ئۇزاقتا تۇرۇڭلار.زىمىنىمزنى ياۋ بېسىۋالغان چاغدا ئىشرەتتىن قول ئۈزۈڭلار.ئەگەر تەۋەلىكىمدىكى جايلاردىن خىراج ئۈندۈرمىسەم  بىلىڭكى،بۇنداق تاجۇ-تەخت ماڭا ھارامدۇر.ئاتام يەزدىگىردن ھايات چېغىدا كۆپ زامان بەدكارلىقتا ئۆتكەن.بىزگە كەلگەندە بىز ئادالەت يولىنى تونۇپ يەتتۇق ۋە ئۇ يولدا ماڭدۇق.خۇدايىم بىزنىڭ بۇرۇن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرسە،بىز دوزاىتىن جەننەتكە ئۆتۈپ مەڭگۈلۈك سائادەتكە سازاۋەر بولغايمىز.خۇدا ئۇلۇغدۇر،ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر.شۇڭا ئۇ ھەققىدە تەپەككۇر قىلغىنىڭىزدا دىلىڭىز خىرە بولمىسۇن.دىلى قارىلارنىڭ يولۇقىدىغان قىسمىتىنى قىلچە ئۇنۇتماڭ.بىز دىن ئادالەت تەلەپ قىلىۋاتقان ئەل ۋە ئادالەتكار تەڭرىم شاد بولسا شۇنىڭ ئۆزى بەس!بۈگۈنىڭنى قەدىرلە،ئەتىنىڭ تەشۋىشىنى قىلىش دەركار ئەمەس.بىزگە تەۋە بارلىق كىشىلەرنىڭ كۆڭلى شاد بولسۇن. مەردلەرنىڭ دىلى غەمدىن پاك-پاكىز ئازاد بولسۇن.
سورۇن ئەھلى شاھنىڭ سۆزىگە ئېتىبار بېرىشىپ، دانا سۆزلىرىنىڭ چىن مەنىسىنى چۈشىنىشىپ نۇتقىغا  قايىل بولۇشتى.شۇڭا قايىللىق نەزىرى بىلەن شاھنىڭ يۈزىگە باقتى.كۆزلەردىن قەترە-قەترە ياشلار تۆكۈلدى.زېرەك ۋە بىلىمدان شاھ يۇرتقا باش بولغان بولغاچقا بارلىق ئەل ئۇنىڭغا ئاپىرىن ئوقۇشتى.ھەتتا بارچە ئەل ئۇنى ئۇلۇغلاپ ‹‹جاھاننىڭ شاھى›› دەپ ئېتىراپ قىلىشتى.

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 01:33:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر كۈنى ئەتىگەنلىك قوبۇل ۋاقتىدا شاھ بەھرام پايدىلىق  دانىشمەن ۋەزىر ئورنىدىن قوزغۇلۇپ شاھ بەھرامغا ھىندى شاھى شەنگۇل ھەققىدە سۆز قىلدى:
-ئەي ئادىل شاھىم،سىلىگە ئېيتىدىغان بىرنەچچە ئېغىز مۇھىم مەلۇماتىم بار ئېدى،قۇلاق سالغايلا.نەچچە ۋاقىتتىن بۇيانقى تىرىشچانلىقلىرى،كۈچ -قۇدرەتلىرى تۈپەيلى جاھان بەدغەرەزلەردىن خالىي قىلىندى.غۇربەتچىلىك- مالالچىلىقىمۇ يۇرتتىن يوق قىلىندى.پەقەت ھىندى شاھى شەنگۇللا دائىم ئادالەتتىن يۈز ئۆرۈيدۇ.ئۇ ھەمىشە لەشكەرلىرىنى باشلاپ ئوغرىلىق- بۇلاڭچىلىق قىلىپ ھىندىدىن  تارتىپ تاكى چىنغىچە بولغان مەملىكەتلەردە ئەل تىنىچلىقنى بۇزماقتا. شۇڭا ئۇنىڭدىن تەشۋىشلەنمەي بولمايدۇ.ئۇنىڭ مۇنداق كېتىۋېرىشىگە يول قويساق ھەددىدىن ئېشىپ، ئاز كۈندە ياۋۇز قولىنى ئىرانغىمۇ سوزماي قالمايدۇ. ئۇ سىلىدەك بىر ئۇلۇغ شاھىنشاھنى نەزىرىگە ئىلماي چىن بىلەن سىندىن باج ئېلىپ يۈرسە نى ئات، نى نومۇس؟! بىز ئۇنىڭ قەبىھ زوراۋانلىقىغا يول قويىۋەرسەك،توساش ئۈچۈن  بىرەر چارىسىنى قىلمىساق بولماس!
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 02:13:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شاھ بۇ مەلۇماتنى ئاڭلاپ شۇ زامان  خىيالغا چۆمۈپ قالدى. مەلۇمات قاتتىق تەسىر قىلغان بولغاچقا كۆزىگە  پۈتكۈل جاھان قاراڭغۇلاشقاندەك تۇيۇلدى.ئويلاپ  بىر قارارغا كەلگەندىن كېيىن كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:
  -مەن بۇ ئىشقا تېگىشلىك تەدبىر قوللۇنىمەن.لېكىن پىنھان ئىش قىلىمەن.شۇڭا سىرھېچكىمگە ئاشكارە قىلىنمىسۇن! پىلانىم  شۇكى،نامىمدا ئۇنىڭغا ئاتاپ مەكتۇپ يازدۇرىمەن،ئاندىن ئۇ مەكتۇپنى ئۆزۈم ئەلچى سىياقىدا ياسىنىپ ئېلىپ بارىمەن.شۇ باھانىدا ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى،شاھلىق يوسۇنلىرىنى،ئوردا سارايلىرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ باقاي.ئەي ۋەزىر،شەنگۇلغا ئاتاپ تېزدىن مېنىڭ نامىمدا بىر پارچە نامە يازغىن.ئۇ نامىدا شەنگۇلنىڭ قىلمىشلىرىغا بولغان غەزىپىممۇ،ئۇنىڭغا بولغان مېھرىممۇ تەڭ ئىپادە قىلىنسۇن.
شاھ بەھرام ھوزۇرىدا قەددى-قامىتى خوپ كېلىشكەن،ئەقىل-پاراسەتتە تولغان،ئادالەت جەھەتتە مەردان ۋە بىنەزىر بىر دانىشمەن ۋەزىرى بار ئېدى.شاھ ئۇنىڭ بىلەن  مەسلىھەتلىشىپ مەسلىھەت سۆزلىرىنى پۇختا قىلىشتى.مەكتۇپقا ئىپار ھىدلىق سىياھ ئىشلىتىپ قەلەمنى سۈرۈشتى.بۇ نامەئى شېرىپ ھېكمەت بىلەن يېزىپ چىقىلدى.ئۇنىڭدائالدى بىلەن خۇداغا تەھسىنلەر ئوقۇلۇپ ئاندىن ھەق يولى تەرىپ قىلىندى.قارشى تەرەپ ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەلدى:
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 02:51:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ئۇ شۇنداق ئۇلۇغ خۇدادۇركى،بىر ئۆزى ھەر ئىككى جاھانغا رەھنەما(يول كۆرسەتكۈچى،باشچىلىق قىلغۇچى)دۇر.تەنھالىق ۋە چەكسىز قۇدرەت پەقەت ئۇنىڭغىلا  خاستۇر.ئۇ مەيلى خىزمەتكار،مەيلى تاجدار بولسۇن ھەربىر بەندىسىگە رىزقى-رۇز بېرۇر.دۇنيادا ئەقىلدىن ئۇلۇغراق ھېچ نەرسە يوقتۇر.ئۇ ھەر بىر قەدەدە يولۇڭنى يورۇتىدۇ.كىمىكى ئەقىل-بىلىمدە ئوڭسىز بولسا جاھاننى يامانلارغا بەرمەس.كىمىكى ئۈزۈلدۈرمەي ياخشىلىق قىلسا بەختىنى يوقاتماس.يامانلىق شۇنداق يامان ئاپەتكى، شاھلارنىڭ تەختىنى گۇم قىلىدۇ. ئىلىم-مەرىپەت ھەرقانداق بالانى يوق قىلىدۇ.ھېچكىممۇ بالالارغا مۇپتىلا بولمىسۇن. بىلىڭلاركى، ھەرقانداق ئادەم ئەقىلدان بولسا يامانلىق يولىغا قەدەم باسمىغاي.ئەقىل مەنمەنلىكنى ئەسلا ياقتۇرماس.ئەي نامدار شاھ،ئەقىل كۆزى بىلەن ئالەمگە باققىن.ئەقىل شاھىنشاھلارنىڭ بېشىدىكى تاجدۇر.ئەقىللىق نامدارنىڭ بەختى راۋاج تاپۇر.مەن شۇنداق ئويلايمەنكى،سەن يۈكسەكلىكتىن بىخەۋەر،پەسلىككە ھېرىسمەن ئوخشايسەن. مانا  بۈگۈن سېنىڭ دەستىڭدىن دىللار قان بولماقتا.بىلگىنكى، مەن ئادىل تاجدارلارغا زامانىدۇرمەن.ئىشلىرىنىڭ ياخشى ياكى يامان بولمىقىغا باھانىدۇرمەن.سېنىڭ شاھلىقىڭدا راستچىللىق كەمچىل. شۇڭا قىلغان ئىشلىرىڭدىن ئەل غەم-كۈلپەت چېكىدۇ.
داۋامى يېزىلىۋاتىدۇ

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!

مەردان يىگىت

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17099
يازما سانى: 2945
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 26679
تۆھپە نۇمۇرى: 1334
توردا: 7824 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 03:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوشنا ئەللەرنى تالان-تاراج قىلماقلىق شاھلارنىڭ رەسمى ئەمەس.تاج يامانلىقتىن شۆھرەت تاپالماس.شۇنى ئۇنتۇمىغىنكى، ئەجداتلىرىڭ بىزگە بوي سۇنۇپ كەلگەن.ئاتاڭمۇ شاھلىرىمىزغا قارام(قاراشلىق) ئېدى. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەھدىنى بۇزمىغان ئېدى،شۇڭا  سېلىقنىڭ ۋاقتىنى كەينىگە سوزمايتتى.چىنلىقلار ئۆزىنى بىلمەي ئېرانغا بېسىپ كەلگەن ئېدى. ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغىنىنى دېمىسەممۇ كۆردۈڭغۇ؟! ئۇلارنىڭ يامان يول بىلەن  توپلىغان مېلى تالان-تاراج بولدى.يامان قىلمىشلىرى تۈپەيلى ھالى يەر بىلەن تەڭ بولدى. سېنىڭ ئەينىڭمۇ،تۇتقان يولۇڭ،دىلدىكى مەيلىڭمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.مېنىڭ مال-مۈلۈكلىرىم،سەپ يېرىپ يۈرگەن لەشكەر-سىپاھلىرىم بەكمۇ كۆپتۇر.ئۇلارنىڭ قىلغان جەڭلىرىنى تىل بىلەن تەرىپلەپ بولغىلى بولمايدۇ.ئەگەر راستىنلا مەن بىلەن جەڭ قىلىپ قالساڭ مەردلەر جېڭىگە بەرداشلىق بېرەلمەيسەن.چۈنكى سېنىڭ ئېلىڭدە زور تۈركۈمدىكى لەشكەرلىرىڭ ۋە ھەقىقى پالۋان ئاتىقى بار نامدار لەشكەر باشلىرىڭ يوق.شۇنداق ئىكەن سېنىڭ كۈچۈڭگە ئىشەنچىڭ يوقلىقىمۇ ئېنىق.مەن گوياكى بىرئەزىم  دەريا بولسام،سەن بەئەينى بىر كىچىك ئېرىق.مەن بىر دانا ئەلچىنى سەن تامان يولغا سالدىم.ئۇ ماھىر ئالىم ۋە ماھىر نۇتۇقچى.سەن ئۇنىڭدىن يا باجنى ئەۋەتكىن ياكى پىسەنت قىلماي جەڭ باشلىغىن.ئەمدى بۇ تۈگۈننى ئاچىدىغان ئاشكارا دوستلىشىدىغان ياكى دۈشمەنلىشىدىغان پەيت كەلدى.››
قادىر ئىگەمگە دىلىدا تەھسىنلەر تولدۇرۇپ، ئەقىل-پاراسەت ۋە ئەدلى –ئادالەتنى پەيۋەستە قىلغان دانا ۋەزىر نامىنى يېزىپ مۇكەممەل ئىنشا قىلىپ بولغاندا مىرزا شاھ نامىنى قەيت قىلىپ ئۇنۋانىغا ‹‹ئالىي مەقام- خۇداگۇي جاھاندار شاھ بەھرام››دەپ يازدى.
يەزدىگىرد ئوغلى شاھ بەھرام ئىراننىڭ تاج سەرۋەرى،ئاتەشكەردە ئەھلىنىڭ ئالىي رەھبىرى ئېدى.ئۇ يەنە ئەلنىڭ قوشۇندارى،ئەلگە بەخت،راۋاج،تىنچلىق،ئاسايىشلىق كەلتۈرگۈچى ھۆكۈمدارى ئېدى.ئۇ سوقلا ۋە رۇملاردىن باج-خىراج ئالاتتى.شەنگۇل بولسا قەننۇجدىن تارتىپ سىندگىچە ھۆكۈمران ئېدى.شاھ بەھرام مانا شۇ شەنگۈلنىڭ يېنىغا ئۆزىگە ئۆزى ئەلچى بولۇپ ئۇدۇل سەپەرگە ئاتلاندى.
داۋامى كەچتە يوللۇنىدۇ

قىزىنى باشقۇرمىغان ئانا گۇناھكار،ئايالىنى باشقۇرمىغان ئەر جىنايەتچى،ئاچا-سىڭىللىرىنى باشقۇرمىغان ئاكا-ئۇكىلار خىيانەتچى!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش