2011-يىلى غابدۇللا توقاي يىلى ئېلان قىلىندى
خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى ، 2011- يىلىنى غابدۇللا توقاي يىلى قىلىپ ئېلان قىلدى.
غابدۇللا توقاي يىلى ئېچىلىش مۇراسىمىغا، تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ئەرتۇغرۇل گۈناي بىلەن تاتارىستان جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى، قوشۇمچە مەدەنىيەت ئىشلىرى مىنىستىرى زىيلا ۋالېيېۋا ئىشتىراك قىلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمدىن كېيىن خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى مەتبۇئات شەرەپ مېداللىرىمۇ ئىگىلىرىگە تارقىتىپ بېرىلدى.
مۇراسىمىدا سۆز قىلغان زىيلا ۋالېيېۋا، ئەرتۇغرۇل گۈناي ۋە مېھمانلار، غابدۇللا توقاينىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە توختالغاندىن باشقا، تۈركسويغا ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرغان تۆھپە ۋە خىزمەتلىرى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا باي تۈرك مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىنىڭ تونۇشتۇرۇلۇشىدا زور تۆھپىلەرنى قوشقان مەتبۇئات خادىملىرىغىمۇ مۇكاپات بېرىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇرال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-26 02:58 PM