ئۇرال يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 02:44 PM
تاتارشائىرى غابدۇللا توقاي(ئۇيغۇرچىدا ۋە باشقا تۈرك ...
گەرچە يېزىلىشى «غابدۇللاھ» بولسىمۇ، ئوقۇلۇشى «ئابدۇللاھ».
ئېسىمدە قېلىشىدە، رەھمەتلىك دادام ئۆز ئىسمىنى «غەبدۇجېلىل» دەپ يازاتتى، دادام چاغاتاي تۈرك تىلىدا ساۋادى چىققان كىشى بولۇپ، «غ» ھەرىپى ئەيىن ھېساۋىدا «ئا» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. بۇ چاغاتاي تۈرك تىلىنىڭ ئەرەبچىدىن قوبۇل قىلغان ئالاھىدىلىكى بولۇپ، 100 يىل بۇرۇن بۇ تىلدا يېزىلغان خەتنى دىيارىمىزدىن تاتارىستانغا ئېلىپ بارسىمۇ چاتاق يوق ئوقۇيتتى. شۇڭا پىشقەدەم ئۇيغۇر زىيالىلىرىمۇ ئەينى چاغدا ئابدۇللاھ توقاينىڭ شېئىرلىرىدىن بەھىر ئېلىپ كەلگەن ئىدى.