jarulla77 يوللىغان ۋاقتى 2013-1-30 11:51 PM
بۇ بىر قىزىقچىلىققۇ ، ھېشقانداق يامان سۆز چىقارماپتۇغ ...
تىلغا ئېتىبارسىزلىق-ئەلگە ئېتىبارسىزلىق.
-ئەلىشىر نەۋايى
قاراڭ، ئىنكاسنى قانچە ئالدىراپ يازغانسىز ھە! ئىملادىكى خاتالىق... دوستۇم، بۇ تىل بىزنىڭ! باشقا بىرىنىڭ ئەمەس.ئۆزىمىزدە بار نەرسىنىڭ قەدرىنى ئۆزىمىز قىلمىساق كىم قىلىدۇ؟! بۇنى قىززىقچىلىق دەپ، كۈلكە دەپ يۈرىۋەرسەك بولىدىكەن دە ھە؟!
ئەركىنلىكمۇ، ئۆز تىلىنڭ كۇرىسىنى چۈشۈرۈشمۇ ئەركىنلىكمۇ؟!
ئاھ خۇدا! ماۋۇ بەندىلەرنىڭ نىيتىنى....
ئۆز مىللىتىنىڭ تىل -يېزىقىنى خارلاپ تۇرۇپ، يەنە ئۆزىنى ئاقلاۋاتقانلىقىنى....
قىسىلىپ قالدىڭىزمۇ؟!
ئۆزىڭىزنى ئەركىن قويىۋېتىڭ، تىلسىز، دىلسىز، مىللەتسىز ئۆزىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئەركىنلىكىڭىزنى كۆز ئالدىڭىزغا ئېلىپ كىلىپ بېقىڭ...
ئانا تىل توغرىسىدا دېيىلگەن مىسرالارنى كۆرسىتىپ ئۆتمىسەممۇ، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ «ئانا تىل»دېگەن غەزىلى يېتەرلىكقۇ دەيمەن ؟!
توۋا، يەڭ ئىچىدە دەپ، ئىچىدىن سېسىپ كېتىشىنى خالارمىدىڭىز ئەجىبا؟!
بۇنداق ناتوغرا ئىشقا ۋاقىتدا رەددىيە بەرمەي، قاراپ تۇرساق ئۆزى ئوڭشىلىپ كېتەرمۇ؟!
ئەقىلى ئويغاق كىشى مۇنداق ئىشقا سەل قارىمايدۇ....
ئويغىنايلى!
ئويلىنايلى!!
ئوينىمايلى!!!
.............
تىلىنى سۆيمىگەننىڭ دىلى ناكار،
تىلى يوق بولىدۇ چوقۇم چاكار!
بىز پارلاق تارىخ ياراتقان مىللەتنىڭ ئەۋلادى. ئۇلارغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى قىلىشتىن ئىزار تارتمامدۇق؟!خىجىل بولمامدۇق، نومۇس ھېس قىلمامدۇق؟!ئۇلار بىزدىن مۇشۇ نەتىجىنى كۈتكەن بولغىيمىدى؟!بىز مۇشۇنداق قىلىپ مىللەتنى، تىلنى، ۋەتەننى سۆيدۈم دېيەلەمدۇق؟!
ئۇيغۇر تىلىم-جان تىلىم!
تەڭدىشى يوق خان تىلىم!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا blackrose تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-31 01:35 AM