anw8735 يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 12:32 PM
ماڭا ھاياتىمدا دىنى تەلىم ئېلىش پۇرسىتى بولماپتىكەن ...
« لېكىن شۇنىڭڭغا مۇتلەق ئىشىنىمەنكى : ھەرقانداق بىر دىن ئىنسانىيەتنىڭ ھەم ئلىمپەننىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشقان ئەمەس!!» بۇ جۈملىلەرنى يازغاندا ئويلىنىپ يازدىڭىزمۇ تورداش ؟ مىنىڭ سىزنىڭ ئەيىپلەش ئويۇم يوق ، ئەمما بۇ جۈملىنى ئوقۇپ كۆڭلۈم بەك يىرىم بولدى . نىمىشقا دەمسىز ؟ سىزگە دىسەم سىز قەلب كۆزىڭىز بىلەن ھىچبولمىغاندا ئەتراپىڭىزدىكى دەل-دەرەخلەرگە قاراپ بېقىڭ ، ئۇلار ئەتىيازدا كۆكلەپ ، قىشتا قۇرۇپ قالغاندەك بولۇپ قالىدۇ ( بۇ ئەڭ ئاددى بىر مىسال ) . سىز بۇلارغا قاراپ نىمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ ؟ بۇنىڭدىكى ھاياتى كۈچ نەدىن كەلدى ؟ دىگەننى ئويلاپ بېقىڭ . بۇنداق مىسال ئەتراپىمىزدا ئىنتايىن كۆپ . بۇنى پەقەت ھەقىقى كۆز بىلەن كۆرۈپ تەپەككۇر قىلغاندىلا ئاندىن تىگىگە يەتكىلى بولىدۇ .
يەنە بىرسى مەن بىر ماتىريالدا ( « ھىدايەت گۇلزارى » دىگەن ژورنالغۇ دەيمەن ) ھازىرغىچە نوبىل مۇكاپاتىدىن جەمئى 600 نەچچىسى ( ئىنىق سانى ئىسىمدە قالماپتۇ ) تارقىتىلغانلىقىنى ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنىڭ ( دىنغا ئىتقاد قىلىدىغان ، مەيلى قايسى دىنغا بولسۇن ) ئىنتايىن كۆپ ساننى ئىگىلەيدىغانلىقىنى ، دىنغا ئىتقاد قىلمايدىغانلارنىڭ ئىنتايىن ئاز ساندا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم .
سىزنىڭچە دىن ئىلىم پەنگە تۆھپە قوشمىدى دىسەك توغرا بولامدۇ؟ مىنىڭچە سىز ئاشۇ بىر جۈملە سۆزىڭىز ئۈچۈن ئاللاھتىن گۇناھىڭىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى تىلەڭ ، ئەگەر ۋاختىڭىز بولسا « تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار » دىگەن كىتابنى ئوقۇڭ . شۇنىڭدا سىزنىڭ يۇقۇردىكى جۈملىڭىزگە دائىر نۇرغۇن بىلىملەر بار. گېپىم ئارتۇق كەتكەن بولسا ئەپۇ قىلىڭ .