قۇرۇق گەپ !
مىيتىت نەزىرىنى(3نەزىر 7نەزىر 40نەزىر ۋە يىل نەزىرنى) بىدئەت دەپ ئالىملارنىڭ چىقارغان پەتىۋاسىدىن دەلىل !
دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى بولغان مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييۇم نىڭ تۈزگەن "بىدئەت ۋە سۈننەت" دىگەن كىتابتىكى تۆۋەندىكى (3نەزىر 7نەزىر 40نەزىر ۋە يىل نەزىرنى)دىگەندەك مىيىت نەزىرىگە بىرىلگەن پەتىۋاغا ئاساسەن مىيىت نەزىرى ئىسلامدا يوق بىر بىدئەت !
كىتابنىڭ بۇھەقتە بىرىلگەن پەتىۋا ھۆكمى تۆۋەندىكىچە:
نەزىر دىگەن نىمە ؟ئۆلۈكلەر گە ئاتاپ نەزىر بىرىش توغرىمۇ؟
ج: نەزىر دىگەنلىك ئەھدى قىلىش ياكى نىيەت قىلىش دىگەنلىك .
نەزىرنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئاللاھ مۇنداق دىگەن:"ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيىتتى : پەرۋەردىگارىم مەن قورسىقىمدىكى بالىنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن)ئازات قىلىنغان ھالدا چوقۇم سىنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم. بۇ نەزىرىمنى قۇبۇل قىلغىن سەن ھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن بىلىپ تۇرغۇچىسەن ". سۈرە ئال ئىمران 35-ئايەت.
نەزىر دىگەنلىك يۇقارقىغا ئوخشاش ياخشى ئىشلارغا نىيەت قىلىش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نەزىر دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەزىر قىلىشنى چەكلەپ مۇنداق دىگەن:"نەزىر دىگەن تەقدىر نى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ،ئۇپەقەت بىخىللارنى بىخىللىقتىن قۇتقۇزىدۇ".ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.
ئۆلۈكلەر گە ئاتاپ نەزىر بىرىش ۋە ئاق باغلاپ قارلىق تۇتۇش 3-7-20-40-كۈنى ۋە يىلى بولدى دىگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار بىلەن نەزىر بىرىش بۇددا دىنىنىڭ ئادىتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن؛"كىمكى كاپىر قەۋىملەرگە ئوخشاش بىر ئەمەلنى قىلسا ئۇ كىشى شۇ قەۋىمدىن بولىدۇ ."ئىمام ئەھمەد خاتىرلىگەن.
بۇ پەتىۋا مەزكۇر كىتابنىڭ 27-28بىتىدە بىرىلگەن ! شۇڭا دەلىل بولسۇن دەپ شۇ بەتلەرنى رەسىمگە تارتىپ يوللۇدۇم !
27-بەتتىن رەسىم
1 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (185.55 KB)
28-بەتتىن رەسىم
1 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (182.57 KB)
!
بۈيۈك قۇرئان كەرىم نى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى ئۇستازىمىز مۇھەممەت سالىھ داموللاھاجىم ۋە قىزى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان " ياخشىلار باغچىسى "دىگەن كىتابتىمۇ بۇ مىيىت نەزىرى ھەققىدە، مۇھەممەت سالىھ ھاجىم تۆۋەندىكىدەك چۈشەنچە بىرىلگەن !
ياخشىلار باغچىسى دىگەن ھەدىس شەرھىي كىتابىدىن مىيىت نەزىرىنىڭ بىدئەت ئىكەنلىكى ھەققىدە دەلىل :
14-بەت ئۇتتۇرى
كىرىش سۆز قىسمى15-بەت ئۈستى
كىرىش سۆز قىسمى15-بەت ئاستى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-13 09:06 PM
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-17 12:51 PM