ئاردا يوللىغان ۋاقتى 2013-2-10 04:53 PM
ۋەئەلەيكوم ئەسسالام !جۈمە نامىزىنى ئوقۇش ۋاجىپ ! چۈ ...
جۈمە نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش پەرز ئەينىدۇر. جۈمە نامىزى تۆۋەندىكى 7 شەرت ھازىر بولغان كىشىگە پەرزدۇر: 1 ئەر بولۇش، ئاياللارغا جۈمە نامىزى پەرز ئەمەس، ئەمما ئوقۇسا ساۋاپقا ئېرىشىدۇ، ئۇلاردىن شۇ كۈننىڭ پېشىن نامىزى ساقىت بولىدۇ. 2.ھۆر بولۇش، ئەسىر ياكى سولاقتا بولغانلارغا جۈمە نامىزى پەرز ئەمەس.3. سەپەر ئۈستىدە بولماسلىق، يولۇچىلارغا جۈمە پەرز ئەمەس .4. ئەما بولماسلىق، كورلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.5. مېيپ بولماسلىق، جىسمانىي مىيىپ كىشىلەرگە جۈمە پەرز ئەمەس.6. كېسەل بولماسلىق، ماڭالمايدىغان ئېغىر بىمارلارغا جۈمە پەرز ئەمەس.7. كۆڭلىدە دۈشمەن ۋەھىمىسى بولماسلىق، جۈمەگە بارسا ھاياتى تەھدىتكە ئۇچراش ئېھتىمالى بار كىشىلەرگە جۈمە پەرز ئەمەس. جۈمە ئوقۇغان كىشىلەردىن شۇ كۈننىڭ پېشىن نامىزى ساقىت بولىدۇ. تېما يوللىغۇچى قېرىندىشىمىز ! تېما يوللىغاندا ئۆزىمىز بىلگەننىلا ئەمەس ئىسلام شەرىئىيتىدا قانداق ھۆكۈلەر بار ،ئەتراپلىق ئىزدىنىپ ئاندىن يوللىسىڭىز، شەخسىي چۈشەنچە بېرىشتىن ساقلانسىڭىز! ئەزىز قېرىنداشلار بۇ ئىنكاس ئەزھەردە ئوقۇپ چەتئەلدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان مۇھەممەد يۈسۈپ قارىمنىڭ ئەھلى سۈننى ئالىملىرى تەرىپىدىن ئەرەب تېلىدا يېزىلغان مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تەرجىمە قىلىپ تۈزۈپ چىققان دىن ۋە ھايات ناملىق ئەسەردىن يوللاپ قويدۇم. ئىملا خاتالىقى بولسا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈزۈتۈپ چۈشۈنۈۋىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن، تېلىفۇندا يازغان ئىدىم.