birtugh يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 12:51 PM
بۇ سەل بىمەنە ئويۇن بوپقالدىمۇ نىمە؟
ئىنكاسلاردا بىز ...
تولىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىلىپسىز،مەنمۇ بۇ تېمىغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا قاراپ سەل بىمەنە ھېس قىلدىم.ئۇنىڭدىن كۆرە ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە لۇغەت ئىچىدىن ئالدى بىلەن خەنزۇچىسىنى ئۇيغۇرچە ئا
تاپ،كەينىدىن ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىنى دېسەك بۇ ئاتالمىش ئۇيان تۇلىمۇ مۇكەممەللىشىپ كەتكۈدەككەن.
بىزدە نەدىمۇ يۇقۇردىكى بىر تورداش يازغاندەك شىم،ئىشتاننى كۇزا دەپ ئاتاش ئادىتى بار؟يەنە بىر مەسىلە،ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدە ئاللىقاچان قېلىپلاشتۇرلۇپ بولغان ئاتالغۇلارنى بۇ يەردە يەنە ئۇماچ قىلىپ چېلىپ،ھەركىم ئۆزئالدىغا تەرجىمە قىلسا قانداق بولىدۇ؟
ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتاش شۇ كىشىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى،ساپاسىغا باغلىق ئىش،يۇقۇردا ئىنكاسلاردا مۇكاپات قوغلىشىپ يېزىلغان ئاتالغۇلار ئەمەلىيەتتە ھەممە يەردە ھەممە كىشى شۇنداق ئاتىمايدۇ،پەقەتلا ئازبىرقىسىم ساپاسىز كىشىلەر شۇنداق ئاتايدۇ،شۇڭا ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە ھەممە ئادەم بىرخىللا ئاتىلىشىغا كۆنۈپ قالغان ئاتالغۇ بولسا شۇ ئاتالغۇ ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزۈپ،ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمىنى ئوتتۇرغا قويساق.
مەسىلەن:لەڭپۇڭ،راڭپىزا ئاتالغۇسىنى ھەممە ئۇيغۇر شۇنداق ئاتايدۇ.لېكىن يانفوننى ھەممە ئادەم شۇجى دېمەيدۇ،كىملىك ئاتالغۇسىمۇ تىلىمىزدا رەسمى يوسۇندا ئومۇلىشىپ بولدى،ئۇنى يەنە شېنپېنجى دەپ يۈرگەنلەر ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك سەۋىيەدە ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغانلاردۇر.
تېما ئىگىسى ئەگەر بۇ جەھەتتە ياخشى بىر ئۈنۈمگە ئېرىشمەكچى بولسا،توپنى تورداشلارغا تېپىپ قويماي،ئۆزىڭىز بۇ ھەقتىكى ئىلمى نۇقتىنەزىرىڭىزنى،سېستىمىلىق،چۈشىنىشلىك قىلىپ يوللاپ،كەڭ تورداشلارنى ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئاتاشقا قايىل قىلسىڭىز،ئۇ چاغدا سىزنىڭ يوللىغان تېمىڭىزنىڭ ئىلمى قىممىتى ئاشقان بولىدۇ.ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇ تېما بىر دۆۋە پاخالغا ئايلىنىپ قالىدۇ،ئۆزىڭىزمۇ ھەممە كىشىگە ئىنكاس يازىمەن،مۇكاپات بېرىمەن دەپ ھېرىپ چارچاپ قالىسىز.ئاقىۋەتتە بۇ تېمىدىن ھىچكىم تولۇق پايدىلىنالماي قالماستىن بەلكى كۆپىنچە كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىسىز.چۈنكى تورداشلارنىڭ بىلىم-سەۋىيىسى ئوخشىمايدۇ،مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ئۇسۇلى،تەپەككۈرىدە پەرق زور.