MY_Dreām يوللىغان ۋاقتى 2013-2-17 12:40 PM
كىملىكنى باشقىلار يېزىپ قۇيۇپتىكەن ، شۇڭا بار دىگەن .
...
ئالدىدا يازغانلار «شىنفىنجىڭ»نى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دەپ يىزىپتىكەن، بۇنى تىلىمىزدا ئاللىقاچان «كىملىك» دەپ ئىشلىتىش ئورتاقلاشقان، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى دىسەك بىر تەرەپتىن خەنزۇچە خەتتىنلا تەرجىمە قىلىپ ئىشلىتىلگەن، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىملارغا بۇ ئاتالغۇنى دىيىشتىن «شىنفىنجىڭ» دىيىش ئوڭاي تۇيۇلۇپ يەنىلا ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنى ئىشلەتمەيدۇ.
شۇڭا «سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى» دىمەي «كىملىك» دىسەك ئەڭ مۇۋاپىق.
=================
«چۈكۇەنجى» نى «پۇلدان» دىيىشىمدىكى سەۋەپ-
1) بۇ ماشىنا پۇل ئېلىشتىلا ئەمەس، پۇل سېلىشتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا «پۇل بەرگۈ» دىسەك قانداق بۇلار.
2) «پۇلدان» ھەم قۇلايلىق، ئېغىزغىمۇ ئاسان كىلىدۇ، «دان» قۇشۇمچىسى ئۇيغۇر گىرامماتىكىسىكىغا ئۇيغۇن، مەسىلەن: «چايدان»- ئىچىگە چاي قۇيۇمىز، ھەمدە چاينى ئالىمىز، شۇنىڭغا ئوخشاش.
يۇقارقىسى مىنىڭ شەخسىي قارىشىم، مىنىڭ بىر مىللەتكە ۋاكالىتەن نەرسىلەرگە شەخسەن ئىسىم قۇيۇش ھۇقۇقۇم يوق، لېكىن كۆپچىلىك مۇۋاپىق كۆرسە.....، باشقىلارنىڭ پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىمەن.