ئاردا يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 12:24 PM
16-ئەسىردىكى شەيبانىخان باشچىلىقىدىكى بۇ باشباشتاق مۇن ...
ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن ماۋارە ئۇننەھر بىلەن پەرغانە باشباشتاق تىمۇرىيلەر ھەم دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرىنىڭ جەڭگى - جىدەللىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى چىڭگىزخان نەسەبىدىن بولغان دەشتى قىپچاق ئۆزبىكلىرىگە بىرلىشىپ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تامامەن يوقاتقان، ھەربىرلىرى ئۆزى ئىگە بولغان ۋىلايەتلەردە ئايرىم بولىۋېلىپ، پەرغانە ھەم سەمەرقەنتنىڭ پادىشاھلىقىنى تالىشىپ ئۆز ئارا ئۇرۇشقا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئاتا تەرەپتىن ئەمىر تۆمۈرگە، ئانا تەرەپتىن چىڭگىزخانغا تۇتىشىدىغان بابۇر تىمۇرىيزادىلەرنىڭ چىچىلاڭغۇ كۈچلىرىنى توپلاپ ئۆزبېك خانى شەيبانىيخانغا قارشى تۇرۇشقا شۇنچە كۈچىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان تىمۇرىيزادىلەر بابۇرنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشمايدۇ. چۈنكى بابۇرنىڭ تەشەببۇسى بىلەن بىرلەشكەن تىمۇرىيزادىلەر شەيبانىخاننى مەغلۇپ قىلالىسا ئۇ ھالدا بابۇر پەرغانە ھەم سەمەرقەنتنىڭ يىگانە ھۆكۈمرانى بولۇپ قالاتتى. بۇنىڭغا رازى بولالمايدىغان ئىچى قارا تېمۇرىيزادىلەر بوۋىسى ئەمىر تۆمۈر بەرپا قىلغان دۆلەتنىڭ ياتلارنىڭ قولىغا قىلىشىغا قاراپ تۇرۇشتىكى، بابۇر بىلەن بىرلىشىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇشقا رازى بولۇشمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىر دەرياسى بىلەن ئامۇ دەرياسى ئارلىقىدا شەيبانىخان ھۆكۈمرانلىقىدىكى قۇدرەتلىك بىر ئۆزبىك دۆلىتى قۇرۇلىدۇ. شەيبانىخان ئەڭ ئالدى بىلەن چاغاتاي ئەۋلادلىرىنىڭ قولىدىن تاشكەنت بىلەن ئۆرە تۆپىنى تارتىۋىلىپ ئارقىدىنلا بۇخارا، سەمەرقەنت، قارشى شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. شەيبانىخان يەنە پەيدىنپەي بويسۇندۇرۇش دائىرسىنى كېڭەيتىپ بەلىخ ۋە قۇندۇز شەھەرلىرىگىمۇ ھۇجۇم قىلىدۇ. پەرغانە ۋادىسىنى ئۆز ئىلكىگە ئالغاندىن كېيىن خارەزم ۋە ھىراتنى بېسىۋىلىپ ئېرانغا يۈرۈش قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا مۇرغاب دەرياسى بويىدا ئىران شىئە مەزھىپىدىكى تۈركمەنلەر قۇرغان سەفەۋىيلەر خانلىقىنىڭ خانى ئىسمائىل سەفەۋىي بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلىدۇ. بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان بابۇر سەفەۋىيلەر خاندانلىقىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇلۇغ بوۋىسى ئەمىر تۆمۈرنىڭ پايتەختى بولغان سەمەرقەندنى قايتۇرۋالغان بولسىمۇ، ئۇزاق تۇتۇپ تۇرالماي يەنە تارتقۇزۇپ قويىدۇ. بابۇرنىڭ 1512- يىلىدىكى بۇ مەغلۇبىيتى ئۇنىڭ ئانا يۇرتىدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىشىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالىدۇ. بابۇر شۇنىڭدىن كېيىن ماۋارە ئۇننەھر ھەم پەرغانىدىن ۋاز كېچىپ كابۇلغا يۈرۈش قىلىدۇ، ئۇ يەردە ئۆز پادىشاھلىقىنى تىكلەپ ھېندىستان يۈرىشىنىڭ مۇقەددىمىسنى ئاچىدۇ ۋە 1526- يىلى ھېندىستاننىڭ شىمالىنى ئېگىلەپ بۈيۈك مۇغۇل ئېمپىريەسىنى قۇرۇدۇ...
شەيبانىخاننىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن پەرغانە، ماۋارە ئۇننەھر، خارەزم ھەم خۇراسانغا قەدەر سوزۇلغان ئۆزبېك خانلىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا قانلىق تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى باشلىنىپ كېتىدۇ. بىر تەرەپتىن قازاقلار، يەنە بىر تەرەپتىن سەفەۋىيلەر خاندانلىقى شەيبانىيلارغا ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى ھالسىرىتىپ قويدۇ. بۇنىڭدىن پايدىلانغان پەرغانە ۋە خارەزم ھۆكۈمدارلىرى مەركىزى ھاكىمىيەتكە بوي سۇنمايدىغان بولىۋالىدۇ. كېيىن شەيبانىي ھۆكۈمرانلىرىدىن ئابدۇللاخان ئۇزاق يىللىق قانلىق جەڭلەر ئارقىلىق پەرغانە، خارەزىم، خۇراساننىڭ شەرقى، شۇنىڭدەك بەدەخشان قاتارلىق جايلارنى ئۆزىگە قايتىدىن بوي سۇندۇرۇپ خانلىقنى بىر مەزگىل بىرلىككە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇندىن بىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى ئابدۇللاخاننىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، شەيبانىي ئۆزبېكلىرى ئۆز ئىچىدىنلا تۈگىشىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1601 - يىلى ھاكىمىيەت ئەشتار ئۇرۇقىدىن بولغان ئۆزبېكلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. لېكىن ئەشتەرخانىيلارنىڭ بىر يېرىم ئەسىرلىك ھۆكۈمدارلىقىمۇ شەيبانىخان قۇرغان ئەسلىدىكى ئۆزبېك دۆلىتىنىڭ زېمىن بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ. 1710 - يىلى بابۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان مىڭ ئۇرىقىنىڭ بېگى شاھرۇھبەگ قوقاندا ئۆزىنى خان دەپ ئېلان قىلىپ مۇستەقىل بولىۋالىدۇ. 1754 - يىلى ئەشتەرخانيلار زەئىپلىشىپ مانغىت ئۇرۇقىدىن بولغان ئۆزبېكلەر بۇخارانى مەركەز قىلغان بۇخارا ئەمىرلىكىنى قۇرىدۇ ۋە پەرغە ۋادىسىنى قايتىدىن تەسەررۇپىغا ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن 1770 - يىلى خارەزىمدىكى چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن بولغان قونغىراتلار رەسمى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، بۇخارا خانلىقىدىن ئايرىلىپ، خىۋەنى مەركەز قىلغان خىۋە خانلىقىنى قۇرىدۇ...
بۇ تارىخنىڭ ئاخىرى قانداق بولدى؟ بۇ چاغدا ئېنگىلىزلار ھىندىستاننى بېسىۋىلىپ بابۇر قۇرغان موغۇل ئىمپىريەسىنى مۇنقەرز قىلغاندىن كېيىن ئافغانىستاننىمۇ ئۆز تەسىر دائىرسىغا ئېلىپ سۇلايمان تاغ تىزمىلىرىدىنمۇ ھالقىپ ئامۇ دەرياسىغا بىر نەچچە كۈنلۈكلا يەرلەرگىچە يېتىپ كەلگەن، چاررۇسىينىڭ ئالدىن يۈرەر كازاك سولداتلىرىمۇ سىر دەرياسىنى بويلاپ ئارال كۆلىگە يىقىنلاپ قالغان، پۈتكۈل ماۋەرائۇننەھر چاررۇسىيە بىلەن ئەنگىلىيەنىڭ تەھلىكىسى ئاسىتىدا قالغان ئىدى. ياۋرۇپادىن ئىككى تەرەپكە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىشنى باشلىغان بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى دىڭىز يولى بىلەن، يەنە بىرى قۇرۇقلۇق بىلەن ئىلگىرلەپ ئەمدىلىكتە مەركىزى ئاسىيانىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايۇنلىرىدا ئۇچراشماقتا ئىدى. ھېچقايسى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ بۇ كەڭرى زىمىننى ئوڭچە ئىگىلىۋىلىشىغا يول قويمايتى. ئۇلارنىڭ ئورتاق پىكىرىچە بۇ يەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن بۇ زىمىننىڭ ھەقدار ئىگىلىرىدىن سوراپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق؛ بۇ يەرگە كىم بالدۇر كېلەلىسە، كىم كۈچلۈك بولسا شۇنىڭ دېگىنى ھىساب ئىدى. ئەگەر بۇ رايۇنلار كىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتسە بىپايان كاشغەرىيە ۋە جۇڭغارىيە دالالىرى شۇنىڭغا ئاسانلا تەۋە بولاتتى.
خەيرىيەت، مەيلى دەشتى قىپچاق ئۆزبېكلىرى بولسۇن، ياكى ھازىرقى زامان ئۆزبېكلىرى بولسۇن ۋە ياكى بىز ئۇيغۇرلار بولايلى ئۆز دەۋرىدە بىر تىلدا سۆزلەشكەن ئاتا بوۋىلىرىمىز بىر بولغان يىلتىزداشلارمىز. شۇنداقتىمۇ بۇ ئاچچىق تارىخ ھەققىدە ھۆكۈم چىقىرالمايمىز، پەقەت مەيۈسلىنىش ئىلكىدە ئاچچىق يۇتۇپلا قالىمىز خالاس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بەگزات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-18 06:22 PM