مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: qaraxani

ئۆزبېك تۇغى -ئۆزلۈكنىڭ تۇغى!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78892
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 02:54:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىنىڭ مىللىتىنى مەدھىيەلىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى. لىكىن،  ئۇيغۇرلىرىم، ئۆزبىك بىلەن ئۇيغۇر بىر خەخ دېگەننى تولا تەكىتلىمىسەك قانداق. يا شۇنداقتۇ، يا ئەمەستۇ بىزگە نېمە پايدىسى تېگىدۇ. ئۆتكەندە بىر ئۆزبىك يولداش مىسرانىمدا ئىككىسى بىر خەخ ئەمەسلىكىنى «پولاتتەك پاكىتى» بىلەن ئىسپاتلىدىغۇ. ئۇلار سەن بىلەن ئالاقىمىز يوق دېگەندىكىن نېمە قىلىمىز ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزۇپ جىن تەككەندەك چاپلىشىۋىلىپ. بىز ئۇلارغا يېقىنچىلىقىمىزنى ئىپادىلىگەن بىلەن ئۇلار بىزنى بىلەمدۇ (ئۇيغۇر ئىلىدىكىلەر ئەلۋەتتە بىلىدۇ). لىكىن ئۇتەرەپتىكىلەرنىڭ 60 ياشتىن تۆۋەنلىرىدىن قانچىلىكى بىزنى بىلىدۇ؟  كۆرگەننى دەيمىز: نەمەنگان دېگەن يېرىدە ئۇلارنىڭ گىپىنى بىز چۈشىنىمىز، لىكىن 10 ئېغىز ئۇيغۇرچە گەپ قىلسىڭىز چۈشەنمىدىم دەپ قاراپلا تۇرىدۇ. ئامال يوق ئۆزبىكچىگە يېقىنراق ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمىز. دوختۇرخانىدا ئۇيغۇرچە سۆزلىسەم بۇ نېمە تىل دەيدۇ. ئاق ساقال بىر بوۋاي تۇرۇپ كېتىپ بۇ ئۇيغۇر تىلى، فەرغانىدا بۇرۇن كىشىلەر مۇشۇنداق سۆزلەيتى، قەشقەر قىشلاقتىمۇ ھەم شۇنداق. سىز ئۇيغۇرمۇ دەپ سورىدى. شۇ ئۆزبىك يۇرتلىرىدا ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنىمۇ ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بىلمەيدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار جان ساقلاش ئۈچۈن پاسپورتىغا ئۆزبىك دەپ يازدۇرۇۋالغان. بىر كۈنى قىزغىن پاراڭ ئارىلىقىدا سىز ئۇيغۇر ئوخشىمامسىز دەپ سورىدى، ھە-ئە دېسەم ھەممىسى جىمىپ كەتتى. كىيىن بىر نەچچە يەردە  ئۇيغۇرمەن دېسەم ئۇلارنىڭ چىرايى تاتىرىپ، ھودۇقۇپ تەمتىرەپ كەتتى. نېمە ئۈچۈنلىكى ئۆزىگە مەلۇم. ئېھتىمال دائىرىلەر سىياسىي سۈيقەستلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەندىجان ۋەقەسىگە ئوخشاش ئىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئۇيغۇرغا ئارتىپ قويغاچقا شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتسا كېرەك. ياكى ئۇيغۇرنى چەتئەللىك دەپ قارىغاچقا شۇنداقتۇ. شۇڭا خىتايدىن كەلدىم دېسىڭىز خجىلچىلىقتىن ئاسانراق قۇتۇلىسىز.
يۇقىرىدا بىر تورداش ئۇلار بىلەن ئۆرپ- ئادىتىمىز ئوخشاش دەپتۇ، لىكىن ئوخشىمايدىغان تەرەپلىرىمۇ بار، نەمەنگان، جىزاق ۋە يەنە بىر قىسىم جايلاردا چوشقا گۆشى ئاشخانا ئائىلىلەردە ئومۇملاشقان، بۇ تەرىپى ئوخشىمايدۇ. كاۋاپ يېمەكچى بولسىڭىز ئاقنى يەمسىز قارىنىمۇ دەيدۇ، ئاق دېگىنى ئۇزۇن قۇلاق شۇ. تويدىكى پولۇ كالا گۆشى ،يىسىڭىز بولىدۇ، لىكىن بىر قىسىم ئائىلە، ئاشخانىلاردا ئالدىراپ بىر نەرسە يېمەڭ. سەمەرقەنتكە بىر ئىش بىلەن بېرىپ ئىككى كۈن تۇرۇپ ئىككى نان بىلەن جان ساقلاپ ئاران قايتىپ كەلدىم، قايتا بارمىدىم. ئۆزىڭىز تاماق قىلمىسىڭىز ئامال يوق. زاۋۇتتىكى بىزدىن ئېلىپ چىققان تېخنىك خەنسۇلارغا بىنا ئىچىدە چوسقا گۆشى يىمەسلىككە ۋەدە ئالغان. لىكىن ئىشلەيدىغان يەرلىك بالىلار گەپنى ئىشارەت بىلەن ئۇقتۇرۇپ بازارغا بىللە ئېلىپ چىقىپ بىرەر ئىككى كىلو قورۇتۇپ ۋوتكا بىلەن  يەپ كەپتۇ. بۇ يىگىتلەر بىكارلىق تويغىدەك يەۋالغانغا خوش. لىكىن بىزگە ئۇقتۇرمايدۇ. كىيىن خەنزۇ يولداشلار، سىلەر كۆپ جەھەتتىن ئوخشىشىدىكەنسىلە لىكىن ئۇلار يەيدىكەن سىلەر يىرگىنىدىكەنسىلە دېگەندىن كىيىن ئۇقتۇق. ئۇلار خەنسۇلارنىڭ پۇل خەجلىگىنىگە خوش. خەنسۇلار بىللە ھىمايە قىلىپ ئېلىپ بارغىنىغا مەس بولسا يۆلەپ  قايتىپ كەلگىنىگە خوش.
زاۋۇتنى بىزنىڭ ئادەملەر قۇرسا، ھۆكۈمەت زىياپىتىدە خەنسۇ تېخنىكلارنى سۆزلىتىدۇ، تىلىۋىزورغا چىقىرىدۇ. خوجايىن كىم كارى يوق. سىزدەك خوجايىننىڭ ئۇ يەردە ماۋجۇتلىقىڭىزنى ئۇلار ئۇنتۇپ قالغان. 91- يىلىدىن تارتىپ 10 نەچچە يىل ئۇيغۇر سودىگەرلەر ئۆزبىك، قىرغىز ئەللىرىدە ئاساسەن ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلىپ قالدى، ھەممىسىنى ئاساسەن قويمىچىلار قويۇپ ۋەيران قىلدى. گەپ بەك چىرايلىق، دونكىخوت ئەكە، دونكىخوت بەگ، ناھايىتى يۇمشاق گەپ بىلەن قويىدۇ، بەرمەيدۇ، قويۇلدىڭىزما، پۇل مىلىڭىزدىن ئۈمىت ئۈزۈڭ. ھۆكۈمەتمۇ سورىمايدۇ. ئاستىرىتتىن سىزنى ھەيدىۋىتىشكە ھەرىكەت قىلىدۇ. خوتۇن ئېلىپ قالسىڭىز ۋەسلىڭىزدىن پۈتۈن ئايرىلىىىز.
شۇڭا ياخشىسى سىزنى تونۇمايدىغان، گېپىڭىزنى ئۇقمايدىغان بۇ تۇققانلىرىڭىدىن بەك چوڭ ئۈمىت كۈتمەڭ. بىر ئەر ئەشۇ زاۋۇتتا 4-5 يۈز سوم، ئايال 300 سومغا ئىشلەيدۇ. بۇ پۇل ئۈرۈمچىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى تىز تاماقخانىدا تويغىدەك ياخشىراق بىر ۋاق تاماق يىيىشكە ئاران يېتىدۇ. بۇ جەھەتتىمۇ باشقا تامادا بولماڭ. ئۇيغۇر ئۇيغۇردىن ئۈمىت كۈتۈڭ، باشقىلاردىن ھەرقانداق ئۈمىت كۈتۈش ھاماقەتلىك. مەن سەن بىلەن تۇققان دەپ تارىخىڭىزنى ۋاراقلاپمۇ يۈرمەڭ. سىزنىڭ مەھمۇد كاشىغىرىي ئاتلىق بوۋىڭىز مەھمۇد تاشكەنتىي دەپ ئاتالمىسىمۇ، لىكىن كاشىغەر دېگەن يەرنىڭ بارلىقىنى ئۇلار ئۇنتۇپ كەتكەن. يازمايدۇ.ئۇلار مەھمۇدنى بىزنىڭلا دەيدۇ، ناۋائىي ئۇيغۇر باخشىنىڭ ئوغلى دېگەن تارىخي ۋەسىقىلەرنى ئوقۇشنىمۇ خالىمايدۇ. مۇنۇ شېئىردا «ئورخۇن خېتى» دېگەن بىر گەپ تۇرىدۇ، ئورخۇندا كىم ئىمپىريە قۇرغان، خەتنى كىمنىڭ قايسى قاغانى يازغانلىقى پۈتۈن دۇنيا ئېنىق بىلىدىغان ئىش، (ئىلىم مۇستەبىتلىرى بۇنىڭ سىرتىدا)، بۇنى تەگىپ ئولتۇرمايلى.  لىكىن ئۆتكەندە تاشكەنتلىك خەلقئارالىق بىر قارا جەمئيەت كاتتىۋىشىنى ئۇيغۇر دەپ جاكارلىدى. قارا جەمئىيەتنىڭ ئەمەس ئاق جەمئىيەتنىڭ كاتتىۋىشى بولسا بىزلەرگە ئاشارمىتى؟ مانا سىلەرنىڭ تۇققىنىڭلا.
شۇڭا بۇنداق قۇرۇق خىياللارنى قىلىپ يۈرمەي ئۆزىڭىزگە پۇختا بولۇڭ. بولمىسا زوردىن سابىر بىلەن،ياسىنجان سادىقتىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Adarqiz + 300 ياخشى سۆزلەپسىز،بەرھ.
kukhelal + 10 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 310   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78892
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3660
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 11 سائەت
تىزىم: 2012-4-15
ئاخىرقى: 2013-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 03:02:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ يۇقىرىقى ئىنكاسىم بىر قىسىم يۇرتىغا بېرىپ باقمىغان ئۆزبىك بالىلارنى بىئارام قىلىدىغانلىقى بۇرنۇمغا پۇراقلىق. ئۆزۈڭلارنى بىسىۋىلىڭلار، بارغاندا بىلىسىلە. ئۆزبىكچىنى ئۆگىنىپ بارمىساڭلار بىزدەك مۇئامىلىگە ئۇچرايسىلە. مەن 2 كۈنلۈك سەپەرگە ماڭىمەن. توردا يوق، 3 كۈندىن كىيىن گەپ بولسا دېيىشەرمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89379
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-12-31
ئاخىرقى: 2013-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 07:59:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Azizan يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 01:12 PM
كەمىنە فەقىر بۈيۈك ئۆزبەك فەيلاسوفى ، تىلشۇناسى ، تارى ...

ھاھاھا ماۋۇ دەششەت كەپتۇ جۇمۇ!!! ھاھا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89379
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-12-31
ئاخىرقى: 2013-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 08:01:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tanharassam يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 09:21 PM
قېنى بەزىلەر ئۆزبىېكلەر 25مىڭ يىللق تارىخى بار دەپتۇ،ئ ...

25مىڭ يىل دىگىنى ئۇ پەقەت چاخچاق گەپ خالاس~~~~

گۇمان ئىماننى قا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3901
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9803
تۆھپە نۇمۇرى: 718
توردا: 3316 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 10:59:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
QALIB يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 11:20 PM
ئۆزۈڭنى بىلە لاۋزا، ھارامدىن بولغان دەپ سەندەك مىللە ...

ھۇ چوشقىدىن تۆرەلگەن نىجىس ، سەن قانچىلىك نېمىتىڭ ، قارىغاندا چوشقا گوشى يەپ تاپقان ئوخشايدۇ سېنى داداڭ . ئەنجانلىق چوشقا .

گۇمان ئىماننى قاچۇرىدۇ ، ئۇماچ مېھماننى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 860 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 11:46:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
donkehot يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 02:54 AM
تېما ئىگىسىنىڭ مىللىتىنى مەدھىيەلىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنل ...

تېما ئىگىسى مىللىتىنى مەدھىيىلىمىدى دونكىخوت ئەپەندى،ئۇ پەقەت ئۆزبېك مىللىتىنىڭ ئۆزلۈك روھىنىڭ سىمۋولى بولمىش تۇغىنى ۋە مۇشۇ مۇستەقىللىق تۇغى ئاستىدىكى ئەرك ئادالەت ياقلىغۇچىللىرىنى ،ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ۋە غايىسىگە  ۋەكىللىك قىلىۋاتقان كۆپ قىسىم كۈچنىڭ ئۇلۇغ مەنزىلىنى يورۇتماقچى...مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا،سىز دىگەندەك بىر قىسىملارنىڭ ھالال-ھارامنى،ياخشى -ياماننى  ئايرىماي، يۈرىشى ،ئايرىپ يۈرىيدىغانلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،بىزدىمۇ چوشقا گۆشى يىمىگەن بىلەن ،ئۇنى يىگەندىن ئارتۇق قەبىھ قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ يۈرگەنلەر يوق ئەمەس،شۇڭا مىللىتىنى ئەمەس ئېتىقادىنى،دىنىمىزنى قېرىنداشلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارىساق يامان بولماس....

تىرىشقىن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38292
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4315
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 6220 سائەت
تىزىم: 2011-4-21
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 12:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
donkehot يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 02:54 AM
تېما ئىگىسىنىڭ مىللىتىنى مەدھىيەلىشى ئۆزىنىڭ ئەركىنل ...

يائاللا، قېرىندىشىم بىز يەنىلا شۇنچىلىك مەينەتچىلىكلەر ئىچىدە ئۈزىمىزنى ساقلاپ ياشاپ كىلۋېتىپتىمىزجۇمۇ.سىز توغرا ئيتتىڭىز،بىز ئۈزىمىزگە پۇختا بۇلىشىمىز كېرەك.

بەزىلەر دەيدىكەن گۈللەر چىرايلىق،
گۈللەرنى كۈيلىگەن ئۈنلەر چىرايلىق.
مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرىسى بىلەن،
.گۈل-باغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79696
يازما سانى: 573
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 881 سائەت
تىزىم: 2012-5-3
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 12:26:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kadihan يوللىغان ۋاقتى  2013-2-19 10:59 AM
ھۇ چوشقىدىن تۆرەلگەن نىجىس ، سەن قانچىلىك نېمىتىڭ ، ق ...


......................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   QALIB تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-19 12:37 PM  


Tarixingdir ming asrlar ichra pinhon o’zbegim
Senga tengdosh Pomiru, oqsoch Tian – shan o’zbegim
So’ylasin Afrosiyobu, so’ylasin Urxun xati
Bitta tarix shodasida, bitta marjon o’zbegim

ئىمزايىمدا ئىتلارنىڭ ھەققى يوق!!!!

the wolf , he used to be

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 1184
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 362559
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 2714 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2013-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 12:27:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2000-يىللاردىن بۇرۇنقى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىللەردە ، ئۇيغۇر مىللىتىدىن بايلار ، زىيالىيلار ، موللىلار ، ئوقۇغۇچىلار ، دىھقانلار ... ئۆزبەكلەرنى ناھايىتى چوڭ بىلىپ ھۆرمەتلەيتتى ، چۈنكى ئۆزبەكلەر شۇ زامانلاردا كۈننىڭ ئىككى تال سېرىقىنى كۆرۈپ قالغان ، شۇنداقلا مەملىكىتىمىز ئىچىدىكى ئۆزبەكلەر قايتىدىن مىللەت تەركىبىنى ئۆزبەك دەپ جاكارلاپ ، دۆلەتنىڭ مىللەت سىياسىتىگە تايىنىپ ئىككى تۆت تالدىن پۇل تېپىپ ياكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپلەرگە ئۆتۈپ مەدەنىيەت قوبۇل قىلىپ ، ھەقىقەتەن ئازراق ھۆرمەتكە نائىل بولغان .
لېكىن شۇنداق قېرىنداش قاتارىدا كۆرۈپ ئۆزبەككە بارغان ئۇيغۇر سودىگەر بايلارنى ئۆزبەك بۇلىدى ، ئۆزبەكنىڭ رىكىتلىرى قىرغىزغا ئوخشاش يولدا توسۇپ بۇلىمىدى بەلكى ھۆكۈمىتى سىياسەت ئارقىلىق بۇلىدى ؛ زىيالىيلىرىمىزنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى ئوغرىلىدى ، ئەسەرلىرىگە داغ تەگكۈزدى ، جىددىي مىللىي ئىپتىخارلىققا مۇھتاج بولغان ياش ئۆزبەكىستان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى نومۇسسىزلارچە تالان-تاراج قىلىپ ئۆزبەك ماركىسىنى چاپلاشقا ئالدىرىدى ؛  ئۇيغۇر موللىلىرى ، زىيالىيلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئۇيغۇرلار بىلەن ئۆزبەكلەرنىڭ گۆش بىلەن سۆڭەكتىن يېقىن بولغان تارىخىي قانداشلىقلىرىنى ئىسپاتلاشقا گۆدەكلەرچە ئۇرۇنىۋاتقان پەيتلەردە ، ئۆزبەك موللىلىرى بىلەن زىيالىيلىرى بولسا ئۆزبەك دېگەن ئالامەت ئېسىل مىللەتنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ، ئۇيغۇردەك توپا چىراي خەلق بىلەن تونۇشمايدىغانلىقىنى ئىزچىل ئىزاھلاپ تۇردى . كەرىموفنىڭ گېپىنى دېسەم گەپ تولا .
شۇ پەيتتە ، مۇنۇ مۇنبەردە دەشتى قىپچاقلارغا بېرىپ باقمىغان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرنىڭ تۇزىنى يەپ سۈيىنى ئىچىپ چوڭ بولغان ئۆزبەك قېرىنداشلىرىمىز ( ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆزبەك دېيىلگەن بىلەن ، ئۇيغۇر دېيىلسە تېخىمۇ توغرىراق ، پەقەت ئاتىسىنى تونۇماي قېلىۋاتقان يېرى بار خالاس ) بىز ئۇيغۇر تورداشلارغا ھۆر-پۆر قىلىپ ، ئاتالمىش ئۆزبەك تۇغلىرىنى بۇ يەردە بىزگە پۇلاڭلاتمىسىمۇ ، ئاق - قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىمىز خېلى بار دەپ ئويلايمەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kukhelal + 10 ئىسىل

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 905
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 860 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 12:49:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدانماڭ تاتلىق سۆزگە ،ئاچچىقلانماڭ ئاچچىق سۆزگە،ھاياجانلانماي سۆزلىسىڭىز پىكرىڭىزنىڭ ۋەزن خاھىشىغا چۆككىلى بولىدىكەنغۇ؟ بۇرادەر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش