ئاخىرى ئوقۇپ بولدۇم ، نەچچە يەردە ئىختىيارسىز كۆزۈم نەملەشتى .
بۇلۇپمۇ ئامانگۈلگە بەك ئىچىم ئاغىردى ، تۇرمۇشنىڭ ھېچ بىر خۇۋلىغىنى كۆرمىگەن ، نىكاھىدا كەينى -كەينىدىن مەغلۇپ بولغان شۇئايالنىڭ ، ئەمدى بىر ھاياتقا بولغان قىزغىنلىقى كۈچەيگەن شۇ پەيىتتە ، شۇم ئەجەلنىڭ ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلىگى مىنى بەك ئازاپلىدى .
زەپەرگە ھەقىقەتەن قايىللىقىم ئاشتى . ھىكايىنىڭ ۋەقەلىگىنى ئازىراق ئۇزارتىپ ، ئامانگۈل بىلەن زەپەرنىڭ تۇرمۇشىدا ئازىراق ئۆزگۈرۈش قىلىپ ، ئامانگۈل ھەقىقى بىر بەخىتنى سەزگەن ۋاقتىدا ئاندىن مۇشۇنداق ئاخىرلاشتۇرغان بولسا دەپ ئويلاپ قالدىم .
ئەمىليەتتە بۇ ئامانگۇلگە بولغان ھېسداشلىقىم بولسا كېرەك .
شۇنچە جاپا يىزىپ پۈتتۈرۇپسىز ، رەھمەت ئەجىرىڭىزگە . ھازىرمۇ كۆز ئالدىمدىن كىنو لىنتىسىدەك ئۆتمەكتە، ئەمما كىنو سىنارىيەسى قىلسا ، بەك ياخشى چىقاركەن .